ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش ۋە ساغلاملىق ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە باشقا ئامال يوقمۇ؟
كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 9
go

ۋاقىت ئۆتكۈزۈشكە باشقا ئامال يوقمۇ؟

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
113 
تېما
83 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 21:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

يېقىندا بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە باردىم، بىر ئىنىسىنىڭ تويى يېقىنلىشىپ قالغاچقا، دوستۇم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ناھايىتى ئالدىراش ئىدى. بىز بىردەم پاراڭلىشىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، بىر ئىشنى بېجىرىش ئۈچۈن سىرتقا ماڭدۇق. قورۇدىن ئەمدىلا چىقىشىمىزغا بىر توپ يىگىتنىڭ توپلىشىۋېلىپ قارتا ئويناۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. دوستۇممۇ ئۇلارغا قاراپ، كىچىك ئىنىسىنىڭ قارتا ئويناۋاتقانلارنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى ھەمدە ئۇنى چاقىرىپ بىر چەتكە تارتقاندىن كېيىن:

− سەن ئاشۇ خەق بىلەن قىمار ئويناۋېتىپسەن - دە، − دېدى ئاچچىقلاپ.

− ياق، بۇنى قىمار دېگىلى بولمايدۇ، بىر كوي، ئىككى كويدىن ئوينىغانغا ئۇتۇپ باي بولۇپ كەتكىلى بولمايدۇ ياكى ئۇتتۇرۇپ قەلەندەر بولۇپ كەتمەيدۇ، پەقەت ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوينايمىز، − دېدى ئىنىسى پەرۋاسىزلىق بىلەن.

− بۇ يەردە ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەيۋاتامسەن؟ بىز ۋاقىتنى يەتكۈزەلمەيۋاتساق، سەن ۋاقىتنى ئۆتكۈزەلمەيۋاتامسەن، ئۆيگە كىرىپ ئاپامغا ياردەملەشسەڭ بولمامدۇ؟ − دېدى دوستۇم بىر مۇنچە چېچىلىپ.

ئىنىسى گەپمۇ قىلماي توپنىڭ ئارىسىغا بېرىۋالدى. دوستۇم ئىككىمىز ھازىرقى بەزى ياشلارنىڭ ۋاقىت كۆز قارىشى ھەققىدە بىر مۇنچە گەپ قىلىشىپ يولىمىزغا كېتىپ قالدۇق، ئەمما ھېلىقى يىگىتنىڭ «ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قارتا ئويناۋاتىمىز» دېگەنلىرى مېنى ئويغا سالدى.

مېنىڭچە، دەۋر ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان، تۇرمۇشنىڭ رېتىمى بارغانسېرى تېزلىشىۋاتقان، ھەممە ئادەم بىلىم ئىگىلەش، ئىگىلىك تىكلەپ، رىقابەت دەۋرىدە قانداق قىلىپ پۇت تېرەپ تۇرۇش ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ گېپى ھەرقانداق ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، ئۇنىڭدەك ياشلارنىڭ ياشلىق باھارىغا ئېچىندۇرىدۇ.

دوستۇمدىن ئاڭلىسام، ئۇ ئىنىسى تېخى بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنىكەن. بەش يىل ئالىي بىلىم يۇرتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان بىر يىگىتنىڭ ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى بىلمەي قارتا، قىمار ئويناپ ئولتۇرۇشى تېخىمۇ كاللامدىن ئۆتمىدى. دوستۇمنىڭ دېيىشىچە، ھازىر ئۇنداق ياشلار خېلى كۆپ ئىكەن.

مېنىڭچە، ۋاقىت ئۆتكۈزەلمەي قىينىلىشمۇ بىر خىل بىچارىلىكنىڭ، ئۈمىدسىزلىكنىڭ ئىپادىسى، چۈنكى ئەقىللىق ئادەملەر ۋاقىتنى قانداق ئۆتكۈزۈش كويىدا پالاقلاپ يۈرمەي، ۋاقىتتىن قانداق قىلىپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كويىدا باش قاتىرىدۇ، ۋاقىتنى يېتىشتۈرەلمەي، باشقىلارنىڭ ۋاقتىنى ئارىيەت ئالغىلى بولسا ئارىيەت ئېلىپ تۇرغىدەك بولىدۇ. ھازىرقى دەۋر قىلغۇدەك ئىش تاپالمايدىغان، ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى بىلەلمەي قالىدىغان دەۋر ئەمەس. ھېچ بولمىغاندا ئۆيدە ئولتۇرۇپ ئەھمىيەتلىك بىر پارچە كىتاب ئوقۇشمۇ ئۇششاق قىمار ئويناپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن ياخشى، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشمۇ ۋاقىتنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. شۇڭا ئاشۇنداق ياشلارغا مۇنداق دېگۈم كەلدى: ۋاقىتنى مەنىسىز ئۆتكۈزۈۋەتمەيلى، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى، بىرلا قېتىم كېلىدىغان ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ، كىشىلەرنىڭ مەڭگۈ ئېسىدىن چىقمايدىغان ئىشلارنى قىلالمىساقمۇ، تۇرمۇشىمىزنى خاتىرجەم كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشايلى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا owqi214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-11 21:29

قوشۇمچە ھۆججەت: كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەت كۆرەلەيسىز. تىزىملاتقانمۇ؟تىزىملىتىش

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
40 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 04:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز بەك مەنىلىككەن رەھمەت
توغرا ياشىغان ئىكەنمىز ۋاقىتنىڭ قەدىرىنى بېلىپ ھاياتىمىزنى قەدىرلەپ ياشايلى.

توردا
136سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
942 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 10:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھاياتىنىڭ قەدرىنى بىلمىگەن ئادەمنى ، ئاللاھمۇ كەچۈرمەيدۇ !

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 11:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ئىيتىسىز .... ھازىر نۇرغۇن كىشلەر ۋاقىتنى يەتكۈزۈپ بولالماي ، كىچى -كىچلەپ ئىشلەۋاتسا. يەنە بەزى كىشلەر ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بولالماي ئاۋارە .....

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1159 
تېما
247 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنداق ياخشى يېزىپسىز.......ھازىر نۇرغۇن كىشلەر ۋاقىتنى يەتكۈزۈپ بولالماي ، كىچى -كىچلەپ ئىشلەۋاتسا.....يەنە بەزى كىشلەر ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈپ بولالماي ئاۋارە

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
117 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 23:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئالى مەكتەپ دەپقاپسىز ...نېمە ئۇ .. مېنىڭ بىر ئاغىنەمباتى،شىنجاڭ داشۆنى پۇتكۇزگەن ..مەكتەپتە ئوقىغان نەتىجىسى خېلىلا ياخشىتى ،ئوقىغان كەسپگە ئۇيغۇر قبۇل قىلمىغاچقا ئويىدە كالا قوي بېقىۋاتىدۇ .

ھەممە ئىشنى مانداق قىل دەپ بەرمىسە بۇلمەيدۇ ....

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
117 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 23:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھە مانداق قېرىلار ئوينىسا بوپقالىدۇ ..چۇنكى قىلدىغاننى قىپ بولدى.ياشايدىغاننى ياشاپ بولدى .
لېكىن سىزبىلەن بىز ماڭمىساق بۇ يولدا كىچىك بالىلا ماڭالامدا ... بۇيولنى كېڭەيتىش ياكى تارايتىش
ياشلارغا باغلىق ....

شۇنداق قارىسام ئالى مەكتەپنى پۇتكۇزگەنلەرنىڭ كەسپىنى قىللالىسغۇ بولدى بولمىسا بىر ئوچۇم پوق لا بولدىغان ئوخشايدۇ ..

زىيالىنىڭ قىلغان ئىشى خىيالى دەپچۇ ....

ئىشقىپ كوپۇنچە زىيالىنىڭ قىلدىغان ئاخىرقى ئىشى ئاتا ئانىسنىڭ نەچچە ئون يىللىق قان تەرىنى مائارىپ تارماقلىرنىڭ يەنچۇقىغا سېپ قويۇش بولدىكەن ...

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
121 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-13 23:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
akeles يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 23:13
ئالى مەكتەپ دەپقاپسىز ...نېمە ئۇ .. مېنىڭ بىر ئاغىنە ...

شىنجاڭ داشۆ دىگىنىڭزشۇ ئالى مەكتەپ ئاۋۇ داشۆ دىگەننى باشقىچە چۈشىنىۋالماڭلار داشۆ دىگەن شۇ ئالى مەكتەپنىڭ خەنزۇچە ئاتىلشى

توردا
31سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
117 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-15 00:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش qayan252 نىڭ يازمىسى

چايان خانىم ماڭا تەرجىماننىڭ كېرىكى يوقتى ... ئۇنىڭ مەنىسنى مېنىڭ باغچىدىكى سىڭلىممۇ بۇلىدۇ .

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
121 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-31 23:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش akeles نىڭ يازمىسى

غوجامكىن دەپ قويسا جۇما
بىلەمتىلە بوپتا. بىلگەنكىن ئۇيغۇرچە توغرا گەپ قىلايلى!!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qayan252 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-31 23:38

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:55

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.