ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ئەندىككەن تۇيغۇلار
كۆرۈش: 61|ئىنكاس: 5
go

ئەندىككەن تۇيغۇلار

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
119 
تېما
59 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 11:39 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەندىككەن تۇيغۇلار

قىينايدۇ كۆڭۈلنى تۈمەن مىڭ سۇئال،
ياتىمەن مەن شۇندا خىيال ئىلكدە.
ھاياتلىق ئاجايىپ سىرلىق تىلسمات،
ۋەھشىلىك يولۋاستا، قۇۋلۇق تۇلكۈدە.
كېزىدۇ دۇنيانى سېھىرلىك خىيال،
توختايدۇ مىنۇتچە ئارلىقتا پەقەت.
ياشاشتا سېخىي بىز بەزىدە خەسىس،
ھەم يەنە ئۆزگىدىن كۈتىمىز شەپقەت.
ھاياتتا كارۋان بىز ماڭىمىز ھامان،
مەنزىللەر بوستانلىق بەزىدە تۇمان.
ھەمرا بىز ئۆز - ئارا مەنزىلگاھلاردا،
ۋە يەنە بەزىدە قالىمىز پىنھان.
ئەلەملىك ياش تۆكسە ھىلىگەر يىغلاپ،
سىماپتەك ئېرىدۇ نادانلار دىلى.
ئەپتىدىن بىلمەيسەن قارا كۆڭلىنى،
شېكەردەك سۆز بىلەن تاتلىقتۇر تىلى.
تەككەندە يۈرەككە ۋىجدانى ئازاب،
ئاقىدۇ كۆزلەردىن ئەلەملىك ياشلار.
كىرپكلەر قۇچاقلاپ ئالار بىر - بىرىن،
يىمرلىپ تۈرۈلۈپ قالىدۇ قاشلار.
سۈكۈنات قاپلىغان قاراڭغۇ كېچە،
غۇرقىراپ قىرلاردىن كېلدۇ شامال.
ئويغاندىم ئەندىكىپ قالدىم ھەيرەتتە،
ھاياتقا تۇنجى رەت كۆز ئاچقان مىسال.
مەنبە: ماكانىم مۇنبىرىدىن ساكپار شئىرى

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 13:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ماكانىمدىكى سەكپارنىڭ بۇ شېئىرىنى بەك ياقتۇررىمەن ....
سەكپارنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ...

توردا
199سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1051 
تېما
24 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 14:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تۇيغۇنى ئىپادىلەشكە بەك ماھىركەن .

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى شىئىرىكەن جۇما، ساقلىۋالدىم

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 19:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخىشى شئر ئىكەن . بۇنىدىن كىيىنمۇ نادر تىمىلىرڭىزنى ئايىماي يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۆمۇت قىلىمەن ھارمىغايىسز

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
39 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-16 11:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش -yadikar نىڭ يازمىسى

بۇ شېئىر بەك ياخشىكەن... رەھمەت سىزگە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:17

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.