ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر بەدىئى فوتو-سۈرەتلەر ئېشەككە ئارتىلغان كىتاپ
كۆرۈش: 180|ئىنكاس: 6
go

ئېشەككە ئارتىلغان كىتاپ

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 19:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جېنىم ئانا مېنى ئوقۇشقا ئەۋەتىڭ! مەن ئوقاي، سىزگە قەتئى ئېغىرچىلىقىمنى سالماي ئوقۇيمەن جېنىم ئانا! خوش بوپ قالاي جېنىم ئانا !........
بۇ كۆز ئالدىمدا يۈز بەرگەن بىر نەچچە يىل يىل ئىلگىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر شەھەرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئوقۇشقا چاقىرىق كەلگەن بىر يىتىم قىز ئوقۇغۇچىنىڭ تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ئېسەدەپ يىغلىغان ھالدا ئانىسىغا يېلىنىۋاتقان، ئائىلىدىكى تۆت جاننىڭ ئانىسى بولغان نامرات تۇل ئايالنىڭ بىر قۇلى بىلەن ئېغىزىنى تۇتقان ھالدا بىچارىلەرچە يىغلاۋاتقان كۈرىنىشى ئىدى.
ئائىلىسىدىكى ئېغىر قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن قىزىنى ئوقۇشقا ئەۋەتەلمەيدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزتەۋەسىدىكى مائارىپ خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىگە كۆڭلى قىيمىغان بىر قىسىم يېزا رەھبەرلىگى ۋە مەكتەپ مەسئۇللىرىمۇ دەل مۇشۇ نەق مەيدان ئۈستىدە تۇراتتى. بۇرۇن بۇنداق ئىشلارنى تېلىۋىزور ياكى كىتاپلاردىلا كۆرگەن بۇ كىشىلەر كۆز ئالدىدا بۇلىۋاتقان بۇ ئىشلاردا بىردەم قاراڭغۇ ھەم كونا غېرىبانە ئۆنىڭ ئۇياق بۇياقلىرىغا قاراشسا، بىردەم بىر-بىرىگە قارىشىپ بۇ ئۆيگە خاتا كىرىپ قالغانىقىنى توغىرىسىدا كۆزلىرى ئارقىلىق سۆزلىشىۋاتاتتى.
ھېلىمۇ ياخشى باغرى يومشاق ئاقكۆڭۈل سىنىپ مۇدىرى بىلەن سەگەك مەكتەپ مۇدىرى كۆڭلىدىكى مەلۇم بىر ئۆتىنىشىنى ئېغىزىدىن چىقارماقچى بولۇپ ئاستاغىنا يېزا رەھبەرلىرى تەرەپكە يۇرۇشۈپ ئۇلارنىڭ قولىغىغا بىرنىمىلەرنى پىچىرلىغاندىن كىيىن ئۇلارمۇ ئاستا باش لىڭشىتىشتى ھەم مائارىپقا مەسئۇل مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئارىدىكى بۇجىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئىچكىرى تولۇق سىنىپلىرىغا قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق ۋە تاماقىنىڭ يوقۇرى دەرىجىلىك تارماقلار تەرىپىدىن ھەقسىز ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئوقۇغۇچىغا يېزا ۋە مەكتەپ رەھبەرلىگى ئىگە بولۇپ، ئوقۇغۇچىنىڭ كىرا ھەققىنى كۆتۈرۈپ ئوقۇشقا ئەۋەتىدىغانلىقىى توغىرىسىدا ۋەدىلەرنى بەردى.
تۇل ئانا پۇتىغا ئېسىلىپ يىغلاۋاتقان بىچارە قىزىغا قاراپ، قىزىنى ئوقۇشقا ئەۋەتىشكە كۆڭلىدە قوشۇلغان بولسىمۇ بىراق قىزى ئوقۇشقا ماڭغاندىن كىيىنكى قىزىنىڭ ھەر ئايلىق ئانچە مۇنچە پارچە تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىنكى ئالى مەكتەپتە ئۆرلەپ ئۇقۇش ئىستىقبالى توغىرىسىدا كۆڭلىدە بىچارىلەرچە خىيالغا پاتقان ھالەتتە بىرئاز ئولتۇرغاندىن كىيىن قىزىنىڭ رىسىغىنى ئاللاھقا تاپشۇرۇپ ئوقۇشقا ئەۋەتىشكە ماقۇل بۇلۇپ باش لىڭشىتتى.
مەكتەپ ۋە يېزا مەلۇم خىراجەت چىقىرىپ قىزنى ئوقۇشقا يولغا سالغاندىن كىيىن، ھەر قېتىملىق تەتىل مەزگىلىىدە ئەقىللىق قىزنىڭ ھەقىقەتەن ئانىسى ۋە كۆپچىلىكنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىنى يەردە قويماي تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپ، سىنىپتا ھەممىنىڭ ئالدىدا ئۈزۈپ كىتىۋاتقانلىقىنى باشقا ئوقۇغۇچىلاردىن ئاڭلاپ تۇردۇق ۋە ئۇنىڭغا بارىكاللا ئوقۇدۇق.
بىر يىل ئۆتمەي خىزمەت سەۋەبى بىلەن يېزا باشلىغى، سىنىپ مۇدىرى دىگەندەكلەرمۇ ناھىيە مەركىزىگە ئانچە يىراق بولمىغان بۇ يېزىدىن بىر-بىرلەپ يوق بولدى. كۆزدىن يىراق، كۆڭۈلدىن يىراق دەپ ئىككى -ئۈچ يىللاردىن كىيىن مانا مۇشۇنداق يىتىم ۋە نامرات تىرىشچان بىرقىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىنتايىن تەسلىكتە ئوقۇشقا ئەۋەتىلگىنىىمۇ ئاستا-ئاستا باشقىلارنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. يىتىم قىز باشقا ساۋاقداشلىرى بارغان جايلارغا بارالمىدى، مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان مەكتەپ سىرتىدىكى پائالىيەتلەردە بويۇن قىسىپ تۇرۇپ، ساۋاقداشلىرى يىگەننى يىيەلمىدى، ئىچەلمىدى ھەم كىيەلمىدى....
بولتۇر بۇ قىز ئوقۇغۇچى مىڭ بىر جاپالار بىلەن ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ ئالى مەكتەپ ئىمتاھانىغا قاتناشقان بولسىمۇ بىراق ئاخىرىدا يەنە بۇنىڭ قۇبۇل قىلغىنى ئىچىكىرى ئۆلكىدىكى مەلۇم بىر داڭلىق ئونۋېرستىتنىڭ ئوقۇش ھەققى ھەر يىللىقى 8مىڭ يۈەن بولغان مەلۇم بىر كەسىپنىڭ چاقىرىق قەغىزى بولۇپ، بىرىنچى يىلى بۇ قىزنى ئوقۇشقا يولغا سېلىشقا كىرا ھەققى ھەم مەكتەپكە تاپشۇرىدىغان بەزى خىراجەتلىرىنى قوشۇپ ھىساپلىغانداكەم دىگەندىمۇ 9مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇل كىتەتتى. مانا ئەمدى بىچارە قىز ۋە ئۇنىڭ يالغۇز ئېتىزغىلا قاراشلىق نامرات ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ دېمى بىراقلا ئىچىگە چۈشۈپ، ئۇنىڭ كۈنى دىگۈدەك قاتناش ۋەقەسىدە بىمەھەل تۈگەپ كەتكەن دادىسىنى ئەسلەش ۋە ئۇنىڭغا سېغىنىپ يىغلاش بىلەن ئۆتىۋاتاتتى. 12يىللىق جاپالىق ئەجىرىنىڭ چىكىتى مانا مۇشۇ 9مىڭ يۈەن بولۇش ئالدىدا تۇراتتى.
ئاۋال شەپقەتلىك ئاللاھ بۇ بىچارە قىزغا بولغان رەھمىتىنى ئايىمىدى. بىرقىسىم ساخاۋەتلىك قوللار قىزغا سوزۇلدى بىراق تاكى ئوقۇش پۈتكىچە ئەمەس مۇشۇ بىرىنچى يىلىدىكى ئوقۇش پۇلى مەسىلىسىلا ھەل بولدى، بۇ ساخاۋەتچىلەردىن بەزىلەرگە ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم ۋە ئۇلارغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى،( بۇ جەرياندا ئىسمى-جىسمىغا لايىق بولغان خوتەن ئېھسان يېزا ئىگىلىك پەن تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى جۈملىدىن شىېركەت باش مۇدىرى ئابدۇرەسۇل ئەپەندىگە ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.) لېكىن يەنە بەزىلەر مەجبۇرىيەت ۋە ياكى باشقىلارنىڭ ئالدىدىكى خىجالەتچىلىك سەۋەبىدىنلا قولىنى سوزغان بۇلۇپ، بۇ نەتىجە كىشىنى ئانچە خۇشال قىلالمايتتى. مەيلى قانداقلا بولمىسۇن رەھىمدىل ئاللاھ بۇ شەپقەتلىك قوللارغا تېخىمۇ كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلغۇسى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە تېخىمۇ كۆپ شەپقەت تۇيغۇسى ئاتا قىلغۇسى!
بولدى ، بۇجەرياننى كۆپ سۆزلىمەيلا قوياي، بۇ جەمىيىتىمىزدىكى مۇشۇنداق قىيىنچىلىقتىكى بىرقىسىم كىشىلىرىمىزنىڭ ئاددى بىر مىسالى خالاس. تېمىدىكى مەقسەتكە كەلسەك ، بۇ ئوقۇغۇچىنى يولغا سېلىشتا مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى كۆردۈم، يەنە كىلىپ كۆرگەنلىرىمنىڭ كۆپۈنچىسى خېلى پۇللۇق بايلاردىن ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن 8-10مىڭ يۈەننىڭ ھېچقانچە پۇل ئەمەسلىگىنىمۇ ئوبدان بىلەتتىم. بىراق ئەپسۇس........
نۆۋەتتىكى جەمىيەت ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، نۇرغۇن تەرەپلەردە پۇلنىڭ قۇدىرىتىنىڭ ھەقىقەتەن ناھايتى زور ئىكەنلىگىنى ھىس قىلىشقا بولىدىكەن.
غەرپتىكى بايلار ئۆز بايلىقىنىڭ 3تىن بىرىنى ھەتتا پۈتۈن مال مۈلكىنى خەيرىيەت ئېھسان ئىشلىرىغا سەرپ قىلىدىكەن. بىراق بىزنىڭ ئەھلى مۇسۇلمان دەپ سانىلىدىغان ھاجى بايلىرىمىزغىچۇ؟؟ ئەجىبا بىزنىڭ ئىسلام دىنىمىزدىكى بىريىتىمنىڭ بېشىنى سىلاشنىڭ چەكسىز ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىگىنى ئەشۇ ناسارا، كاپىر لارچىلىك چۈشەنمەمدىغاندۇ؟ ئۇلارنىڭ مال دۇنياسى بىر يىتىمنىڭ بېشىنى سىلاش بىلەن كەملەپ كىتەرمىدى؟
يېقىنقى 10يىلدىن بىرى خوتەن دىيارىدا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن، نەچچە ئەسىرلەردىن بىرى تاشلىنىپ ياتقان قاشتېشى سودىسى تويۇقسىز ئەۋجىگە چىقىپ قاشتېشىنىڭ باھاسى نۆۋەتتە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە يوقۇرى بولماقتا. مانا ھازىر خوتەن دىيارىدا قاشتېشىدىن ئىبارەت بۇ يوقۇرى كىرىملىك سودا تىجارىتىگە قىزىقمايدىغانلار بولمىسا كېرەك. نەگىلا قارىسىڭىز پالانى ئاخۇنغا پالانى جايدىن مانچە يۈزمىڭ يۈەنلىك ياكى مانچە مىلىيۇن يۈەنلىك تاشىتىن بىرسى چىقىپتۇ ، بۇنى مۇنچە مىلىيۇن يۈەنگە سېتىپتۇ دىگەندەك يۈزمىڭلىق ۋە مىلىيۇنلۇق پۇللارنىڭ گىپىنى ئاڭلاشقا بۇلىدۇ.
توغرا، قاشتېشى خوتەن دىيارىدا نۇرغۇن بايلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغانلىقى راست. ئۇلارنىڭ مال دۇنياسى گەرچە ئەرەپ بايلاردەك ئۇنچە كۆپ بولمىسىمۇ بىراق ئەزەلدىنلا بىرەرمىڭ يۈەننىمۇ چوڭ كۆرۈپ كىلىۋاتقان بىز ئويغۇرلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ بايلارنىڭ پۇلى ھەقىقەتەن كۆپ. ئالدىنقى يىلى مەن خوتەنلىك مەلۇم بىر قاشتېشى سودىگىرىنىڭ 18مىلىيۇن يۈەن زاكات پۇل ئايرىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. (خۇتەندىكى بەزى تاشچىلارنىڭ ئادەتتە كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان كۈندىلىك تاپاۋەت ئەھۋالىدىن قارىغاندا بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بۇلىدۇ.) ئىسلام دىنى قائىدىسى بۇيىچە بولغاندا، پۇلى بارلارنىڭ ئۆزمالدۇنياسىغا نىسبەتەن زاكات ئايرىش لازىملىىقى ھەممەيلەنگە ئايان. زاكات كەلگەندىمۇ سۇدا سېتىق تىجارىتىگە ئىشلەتمەيدىغان مال دۇنياسىنىڭ 40تىن بىرىگە توغرا كىلىدۇ. دىمەك 18مىلىيۇن يۈەن زاكات ئايرىغان باينىڭ پۇلى ئاز دىگەندىمۇ 1 ملىيارتتىن ئاشقان مىلىيادىر ھىساپلىنىدۇ. بۇخۇتەندە بىر ئەمەس.
نۆۋەتتە خوتەن دىيارىدا بايلار ھەقىقەتەن كۆپىيىۋاتىدۇ، بىراق بۇ بايلارنىڭ پۇلى كۆپەيگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى، بىلىمى يوقۇرىلىۋايماتىدۇ. ھەتتا بەزىلىرىنىڭ ئاڭ ۋە بىلىمى ئەكسىچە كەينىگە يېنىۋاتىدۇ. تاش كولاش جەريانىدا جەمەتلەر ئارا زىددىيەتلىشپ جىدەللىشىش، كوپ پۇلغا يارايدىغان تاشلار چىقىپ قالسا، بىر-بىرىنى ئۆلتۈرۈپ، جەسىدىگەتاش توپىلارنى تاشلاپ ، كان بېسىۋالغان ھالەت شەكىللەندۈرۈپ يالغان نەق مەيدان ياساش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرىلىۋاتىدۇ. ئازراق پۇلنى كۆرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ ئاچكۆزلۈك ۋەھاۋايى نەپسى يوقۇرى كۆتۈرۈلۈپ ئىشتىنىغا پاتمايۋاتقانلىرىمۇ ئازئەمەس. ئۇلار ئۈچۈن ئۆزئارا مەنلىك تالىشىپ بىر قانچە شەھەرلەردىن كاتتا ئۆيلەرنى ۋە ئېسىل ماشىنىلارنى سېتىۋېلىپ خۇتۇندىن بىر نەچچىنى كۆپەيتىش، بەزى ئۆز سىڭلىسى ياكى قىزىدەك ئوقۇغۇچى قىزلارغا ئايرۇپىلان بىلەتلىرىنى سېتىۋېلىپ، بىر نەچچە كۈندىلا پۈتۈن جۇڭگۇنى كىزىپ ئويناپ ئىشقى نەپسىنى قاندۇرۇش ئانچە چوڭ ئىش ھىساپلانمايۋاتىدۇ. ئۇلار ئاللاھنىڭ بۇ دۇنيادا ئۇلارغا بەرگەن مۇكاپاتىنىڭ سورىقىنى ئۇدۇنيادا قانداق بىرىشنى ئويلاشمايۋاتىدۇ. نۆۋەتتىكى ئۇلاردىكى پۇل خۇددى ئېشەككە مول بىلىم بىلەن يېزىلغان ئېسىل كىتاپنى ئارتىپ قويغانغا ئوخشايدۇ. ئۇلار بۇنىڭ قەدىرىنى ۋەئىشلىتىش يولىنى بىلمەيدۇ. ( ئەلۋەتتە، ئۆزىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە ئىشتىياقىنى پەقەت بىر ئاللاھ ئىگەمگىلا ئاتاپ، تاپقان مال-دۇنياسىنى توغرا يولدا ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان تاشچى ھاجى ۋە يىگىتلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.)
دىمەك، بىزنىڭ بىر قىسىم بايلىرىمىزنىڭ مال دۇنيا جەھەتتە ھەقىقەتەن باي دىگۈچىلىكى بار، بىراق مەنىۋى جەھەتتە ئۇلاردا ئېغېر دەرىجىدە مەدىنىيەتسىزلىك ، قالاقلىق، بىلمسىزلىك ئەھۋاللىرى بار. شەپقەتلىك ئاللاھ بىركۈنى ئۇلارنىڭ دىلىنى بىلىم نۇرى بىلەن يورۇتقاي!
ھازىر بىزدە نىمە كەم؟ بىزدە دەل بىلىم ۋە بىلمگە قابىل بولغان تالانىت ئىگىلىرى كەم ئەمەسمۇ؟ بىز نىمە ئۈچۈن تاپقان مال دۇنيالىرىمىزنىڭ ئاز بىر قىسمىنى بولسىمۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە يۈز ئابرويى ئۈچۈن ئىشلەتمەيمىز؟ مال دۇنيالىرىمىزنى مۇشۇنداق تۇتۇپ يېتىپ قانچىلىك پايدا ۋە ساۋاپقا ئىرىشمەكچىمىز؟
ئاللاھ ھەر بىر ئادەمگە ئۆزىگە چۈشلۇق بولغان رىسق ئاتا قىلغان، بىز ئۆزىمىزنىڭ قولىمىزدىكى يىتەرلىك پۇل مېلىمىز بىلەن باشقىلارنىمۇ ئاز-تۇلا مەنپەئەتلەندۈرسەك، ئىنسانىلىقتىكى ئۆز-ئارامىھرى-مۇھەببىتىمىزنىڭ ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىمىزنىڭ قانچىلىك كۈچىيىدىغانلىقىنى ياخشى تەسەۋۇر قىلىپ بېقىشىمىز كېرەك. ئۆز-ئارا مېھرى -مۇھەببەت ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقنىڭ كەم بۇلىشىمۇ دەل بىزدىكى ئېغىر كەمتۈكلۈكنىڭ بىرى.
باشىلارغا خەيرى-ساخاۋەتلىك قوللىرىنى سۇنۇپ باققانلار بىلىدۇكى، باشقىلارنى خۇشاللىقا ۋە خاتىرجەملىككە ئىرىشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ خۇشاللىق ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى بىلەن قارىغاندىكى ئىپادىسىنى كۆرگەن ئادەمدىكى خۇشاللىقنىڭ ھۇزۇرى ئۇ ئالاھىدە ھۇزر ! بۇ ھۇزۇرنى تېتىمىغانلار چوقۇم تېتىپ بېقىشقا ئالاھىدە ئەرزىيدۇ! بۇ بەخىت، بۇ بەخىتنى باشقىلارغا تارقىتىشقا بولىدىغان بەخىت! بىراق بۇ بۇ قوللار مەقسەتسىز، مىننەتسىز ساپ دىللىق بىلەن بولىشى كېرەك.
باشتا ئېيتىلغان قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دادسى ئائىلىسىدىكلەرنىڭ ھال ئەھۋالىمۇ خېلى يامان ئەمەس بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇقىز ناۋادا پەننى مەكتەپتە ئوقۇماي دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان بولسا ئۇنىڭغا ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ياردەم قىلاتتىكەنتوق. بىراق بۇقىز پەننى مەكتەپتە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ياردەم قلىش دۇرۇس بولمايمىش. لېكىن مەن بۇقىز بىلەن سۆزلىشىىش ۋە پىكىرلىشىىش جەريارنىدا شۇنى ھىس قىلدىمكى بۇقىزنىڭ دىنى ئەخلاق ۋە ئىسلامى شەرىئەت بىلىملىرى خېلى يوقۇرى بۇلۇپلا قالماي ھېلى ھەم ھازىرمۇ ئۆز زىممىسىدىكى ئىسلامى پەرىزلەرنى تولۇق ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىشكە بۇلىدۇ.

ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ دىيانەت ئاتا قىلغاي!


مەنبە ئۆزقەلىمىم

توردا
236سائەت 
نادىر تېما
دوست
33 
يازما
2152 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-10 23:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھارمىغايسىز، تىمىڭىزغا تەشەككۈر، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 16:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تىمىڭىزنىڭ مەزمۇنى بەكلا ياخشى چىقىپتۇ. سىز دېگەندەك ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ دىيانەت ئاتا قىلغاي!

توردا
202سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-11 19:14 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تىمللىرڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن!
بۇدۇنيادا ياخشى ئادەملەر يەنىلا كۆپ!

توردا
163سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
225 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-12 13:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭ ماۋۇ ئەسىرىم نىمەدەپ بەدىئى فۇتۇ سۈرۈتلەر سەھىپىسىگە كىرىپ قالدى، باشقۇرغۇچىلار تېما رەتلەشتىكى تەرتىپكە ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلساڭلار، بۇنداق قىلمىش مۇنبەرنىڭ سۈپىتىنى چۈشۈرۋېتىدۇ.

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-25 19:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۈگۈن كۆڭلىمگە يارىغىدەك بىر ئەسەر كۆرگۈنۈمدىن ھەقىقەتەن خوشالمەن ،رەخمەت سىزگە....ھەقىقەتەن قەلەم قابىلىيىتىڭىز ئادەمنى قايىل قىلىدىكەن ، مەن بارا_بارا سىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزەمنىڭ تېخى پىشىپ يېتىلمىگەنلىكىمنى ھېس قىلىۋاتىمەن،نۇرغۇن نەرسىلەرنى قايتىدىن ئۆگەنسەم بولغىدەك،توغرا دەيسىز ،بىز مىللىيلاردىنمۇ نۇرغۇن ساخاۋەتچى ،ياخشى نىيەتلىك كىشىلىرىمىز بار،لېكىن ئۇلار كۆپ ساننى ئىگەللەپ كېتەلمەيۋاتىدۇ،بارا_بارا بىزنىڭ قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالغان،بىز ھۆرمەتلەپ يۈرگەن بىر قىسىم كىشىلىرىمىز پۇل تاپقانسىرى ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ،ئادىمىيلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىدۇ،سىز يوقۇرىدا يۇرتىڭىزدىكى ئاشۇ بىر قىسىم ھەقىقىي ئىشلارنى يېزىپسىز،بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ ،بۇنداق ئىشلار ھەر قانداق يۇرتتا بار بولۇپ ،يۈرۈگۈمدىكى ھەق گەپنى دېسەم بىز مىىللىي يولداشلارنىڭ نەزىردىن ساقىت بولۇۋاتقان نۇرغۇن ئىشلار بار ،بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئەجەللىك بىرسى بولسا بىزنىڭ يەنى مىللىي يولداشلارنىڭ بىلىم دائىرسى ئىنتايىن تار، پەقەت بىر كۈنىمىز ئۆتسە شۇنىڭغا خوش بولىدىغان،قانائەتلىنىش تۇيغۇسى،ھەمدە ئازىراق نەرسە تاپساق ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلايدىغان مەنمەنچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ....بۇنداق دېسەم نۇرغۇن ياخشى كىشىلەر بارغۇ ئۇلارچۇ ؟دەپ سورىشىڭلا مۇمكىن ،ئەمما سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ بىز يەنى «مەن» تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە بەقەت بۇرۇنقىلاردىن پەخىرلىنىپلا كېلىۋاتقىنىمىزنى كۆپرەك ئاڭلايمەن،ئەمما ھازىرقى كىشىلىرىمىزدىن بولسا ئىنتايىن ئاز.... نىمە ئۈچۈن ئۆزىمىز بىلەن ،ھازىرقى كىشىلىرىمىز بىلەن پەخىرلىنىپ يۈرەلمەيمىز......نىمە ئۈچۈن زامان تەرەققىي قىلغانسىرى بىزنىڭ ئەخلاقىمىز،بىزنىڭ ئىتىقادىمىز،بىزنىڭ ئىدىيىمىز قالاق بولۇپ كېتىۋاتىدۇ؟؟؟تۇرمۇشىمىز ياخشىلانغانسىرى بىزنىڭ پۇل كۆز قارشىمىز ئىنتايىن كەسكىنلىشىپ كېتىۋاتىدۇ،راست كىشلىك تۇرمۇشىمىزدا پۇل بولمىسا بولمايدۇ ،ئەمما شۇننى ئويلاپ باقتۇقمۇ...ئادەمنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئەڭ موھىم بىر نەرسە بار،ئۇ بولسىمۇ يوقۇرىدىكى دوستىمىز ئېيتىپ ئۆتكەندەك «ئادىمىيلىك، بىر_بىرىمىزگە بولغان مىھرى_ مۇھەببەت» كەم بولسا بولمايدۇ...پەقەت مال _مۈلىكى بىلەنلا قانائەتلەنگەنلىك ئۆزىنى پەسلەتكەنلىك،مەن ھەممە ئادەمنى ياخشى ئىش قىلىڭ دېمەكچى ئەمەس ئەگەر سزنىڭ تاپقىنىڭىز ئۆزىڭىزدىن ئېشىپ قالسا،دوستىمىز دېگەندەك مىلىيادىر بولمىسىڭىزمۇ كۆز ئالدىڭىزدا ياردەمگە مۇھتاجلار بولسا ياردەم قىلسىڭىز بولىدۇ،ياردەم قىلىشنىڭ چېكى بولمايدۇ،خۇددى مىھرى_مۇھەببەتنىڭ چېكى بولمىغىنىدەك....ئەگەر سىزنىڭ مال دۇنيايىڭىز كۆپ تۇرۇپمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشتىن قېچىپ بېخىلىق قىلسىڭىز«ئەبۇ بەھرى سىددىق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ »دېگەندەك ئاقىۋەتلەرگە قىلىشىڭىز مۇمكىن ، نىمە دېگەندۇ ؟ دەپ ئويلىنىپ كەتمەڭ،ئۇ مۇنداق دېگەن:بۇنداق ئادەملەر ئازۇ_ھەۋەسنىڭ كەينىدە سوكۇلداپ يۈرۈيدۇ،ئۇنىڭ مېلى بۇ يولدا چېچىلىپ تۈگەيدۇ،ياكى بولمىسا ئاللاھ ئۇنى بىر زالىم ھۆكرىمانغا ئۇچىرتىدۇ،ئۇ تىز پۈككەندىن كىيىن، ئۇنىڭ ماللىرىنى ئېلىۋالىدۇ.ياكى ئۇ بىر ھەشەممەتلىك ئىمارەت سېلىشقا ھەۋەس قىلىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىنانىڭ ئۇلى بوش چىقىپ قېلىپ ئۇنىڭ مال_مۈلكى مۇشۇنداك كۆمۈلۈپ قالىدۇ..ياكى ئۇ بىر ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولىدۇ دە ،مال _مۈلىكىنى كېسىلىنى داۋالىتىشقا سەرىپ قىلىدۇ.......ئويلاپ باقساق نىمىدىگەن توغرا ئېيتىلغان سۆزلەر بۇ...سىز ئۆزىڭىزنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ خوشال قىلالمىسىڭىز ياشىغىنىڭىزنىڭ مەنىسى نىمە؟پۇل تۇرۇپمۇ ئۇنى جايىدا ئىشلىتەلمىسە، ئۇنداق پۇلنىڭ قىمىتى نىمە؟شۇڭا مەن ھەممىڭلاغا شۇنى دىمەكچى بىزدىن ھېساپ ئېلىنىشتىن بۇرۇن ھەمىمىز ئۆزىمىزنى ئوپىراتسىيە قىلىپ كۆرۈپ باقساق بولىدۇ ، دۇنيادا باشقىلارغا لەنەت ئوقۇشقا ھىچكىمنىڭ ھەقى يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرساممۇ ،ئاشۇنىڭ ئۆزى بىر گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ ئۇلارغا لەنەت ئوقۇماي تۇرالمايمەن ....بۇنداق سۆزلىسەم يەنە بەك كۆپ بولۇپ كەتكىدەك ،تېما ئىگىسىگە كۆپ رەخمەت.......... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nazuk214 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-25 19:53

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
13 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-4 15:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسسالامۇ-ئەلەيكوم!مۇنبەر ئەھلى! مەن مۇنبەرگە يىڭى كىردىم.
مۇشۇنداق ياخشى تېمىلانى ئىز مۇنبىرىدە كۆرگۈنۈمدىن بەكمۇ خۇشالمەن. بىراق ماۋۇ تېمىنىڭ مەنمۇنى شۇنچە ياخشى تۇرسىمۇ تۈزۈكرەك ئىنكاس چۈشمىگىنىگە ھەيرانمەن.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 511buyuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-4 16:26

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:17

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.