ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › ھىكايە،رومان،پوۋىستلار › سىللەرگە قانداق تەسىر قىلدى ؟
كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 4
go

سىللەرگە قانداق تەسىر قىلدى ؟  

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 01:41 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سىللەرگە قانداق تەسىر قىلدى ؟

( رىئالنى تۇرمۇش تەسىراتى )

گەپنى نەدىن باشلاپ ، قانداق چۈشەندۈرۈشنى ، قانداق ئاخىرلاشتۇرۇنى بىلەلمەيلا قالدىم ، ئويلىغانسىرىم پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئاچچىققا تولماقتا . مەن بۇنداق مەۋجۇدىيەتنى پەقەت بولماسلىقنى ، بولۇپمۇ مىنىڭ ئەتراپىمدا قەتئىي شەكىللەنمەسلىكنى تولىمۇ ئۈمۈد قىلاتتىم ، قېرىشقاندەك بۈگۈن كۈزۈمگە چېلىقىپ قالغىنى ، نىمە دەي ئەمدى ؟ … سىللەرمۇ باھا بىرىپ بىرىپ بېقىڭلار !؟ … گەرچە بۇ سىللەرنىڭمۇ ئەتىراپىڭلاردا كۈرمىڭ ئۇچۇرسىمۇ ، ئەمما سۈكۈتتە ئۆتكۈزىۋەتكەن بولۇشىڭلار مۇمكىن ، مەن بۇنداق قىلالمايمەن . قېنى باھايىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېقىڭ :

بۈگۈن كەچ ناھىلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرنىڭ ئالدىدىن ئۈتۈپ كېتىۋاتاتتىم ، دەرۋازىنىڭ يېنىغا سېلىنغان بىر رىستۇراننىڭ ئىچىدىن بىر توپ بالىلارنىڭ لەلەڭشىپ چىققان كۈرۈنىشى كۆز ئالدىمغا ئايان بولۇپ قالدى ، ئارىدىن بىرسى مىنى تۇنۇمدۇ قانداق ، سەل ئۇڭايسىزلانغان ھالدا ئەتىراپىدىكى چىققان ھە،راھلىرىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش ھەلكچىلىكىدە بولۇپ قالدى ، مەندىمۇ بىر خىل قىزىقىش بولۇپ سەپ سەپ سېلىپ قالدى . قىزىقىش دىسەم باشقىچە ئويلۇنۇپ قالماڭ ئۇلارنىڭ قىياپەتلىرىگە ، ھالىتىگە ، قىلىپ چىققان قىلىقىغا . ھەي … ئەپسۇس …

ئارىدىن بىر كىچىك قىزنىڭ :

__ مىنى ئىتتىرمە ، مەن ماڭالايمەن .

__ راستىنلا ماڭالامسەن
؟ دىدى ، يەنە بىر سەل يېشى چوڭراق بىر قىز
.

رىستۇران ئىچىدىن يەنە بىرنەچچە كىچىكلا ئوغۇل بالىلار چىقىپ كەلدى . ئارىدىن بىرسى ،

__ بولدى ، سىللەر ئاۋارە بولماڭلار ، مەن ئاپىرىپ قويىمەن ، ماڭىدىغان يولىمىز بىرگە ، دىدى - ، دە ، ئىككى چاقىلىق ئەرەنچە موتوسىكىلىتنىڭ ئارقىسىغا مىندۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى ، ئەمما بىر نەچچە يۈز مىتىر مېڭىپلا توختاپ قالدى . ئوغۇل بالا ئارقىسىغا قايرىلىپلا :

__ بولمامسىلەر ؟ ، نىمانچە مىسىلدايسىلەر _ ، دەپ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلاشقا باشلىدى … مەن شۇ ئارىدا قىزىقىش نەزىرىدە بۇ مىللىتىمىزنىڭ قەھىرمانلىرىغا شۇنداق قارىغىم كەلدى ، ئەپسۇس ، قىز 12 ، 13 ياشلار چامىسىدا ، ئوغۇل بولسا 14 ، 15 ياشلار چامىسىدا ئىدى ، بۇ ھالنى كۈرۈپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمغا تىترەك ئوۋلىشىشقا باشلىدى ، ئىچىمدە شىۋىرلاشقا باشلىدىم ، ئەمما نىمىلەرنى دىيىشىمىنى ، قانداق ئىنكاس بىلدۈرشىمىنى بىلەلمەيلا قالدىم . خۇددىي بۇ ھاياسزلىقنى مەن سادىر قىلغاندەك يۈرىكىم شۇنداق پۇچىلانماقتا .

قىز خۇددىي ئەڭ مەردانە قەھىرماندەك كۆزلىرى ئەلەس بولسىمۇ ، شۇنداق مەغرۇر موتوسىكىلىتنىڭ كەينىدە مەزمۇت ئولتۇراتتى . لەنەت ساڭا ، سەن نىمىلەنى قىلدىڭ ، ئۇيالماستىن ، بۇ مۇنبەت تۇپراقنى بۇلغاشقا قانداق كۈزۈڭ قىيدى ؟ … لەنەت ساڭا مۇشۇ سەبىلەرنى ناتوغرا يولغا باشلاشقا يول ئېچىپ بەرگەن شۇ رىستۇران ؟ سەنمۇ بىر مائارىپچىغۇ ؟ سەندىكى شۇ خىل ئىسىل پەزىلەت نەگە كەتتى ؟ شۇ سەبىيلەرنىڭ ناشايىن قىلىقلىرىنى كۆز ئالدىڭغا ئەكەلگنىڭدە ئۇيالمىدىڭمۇ ؟ ئەپسۇس مىللىتىم ، پۇلنى ھارامدىن تېپىپ قايسى ئىسىل تۇرمۇشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرەر بولغىيتىڭ ؟

_ ھەي ئاتا – ئانىلار بۇ قانداق گەپ ئەمدى ؟ پەرزەنتىڭلار مۇشۇخىل يوللار بىلەن نىمىگە ئىرىشمەكچى ؟ سىللەر بۇ ھالنى كۆرگىنىڭىلاردا ۋۇجۇدىڭلار ئۆرتەنمەسمۇ ؟ شۇ ئازغۇن پەرزەنتىڭلارنى مۇشۇنداق تاشلاندۇق جەمئىيەتنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلاندۇرۇپ ، سىلەردىن چەتنەشتۈرۈپ ئەكىتىپ بارغىنىدا يۈرۈكىڭلار ئېيچىشمىدىمۇ ؟ …

نىمە بولۇپ كىتىۋاتىدۇ بۇ زامانلا ، پەرزەنتىمىزنى ئەخلاقلىق ، دىيانەتلىك ، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمىز دەپ ئەمدى ،
لەنىتى ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغا تاشلاپ مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى ، ئىناۋىتىنى ، ئوبرازىنى يەرگە ئۇرىۋاتقان شۇ ناكەسلەرنى كۆرگەندە يۈرەكلەر ئېيچىشماسمۇ ؟ ئاغزىمىزدىن دىيانەتتىن ، شەرمىساردىن ، ئەخلاق پەزىلەتتىن شۇنداق چىرايلىق دۇرنىلەنى تۈكىمىز ، ئەمەلىيەتتە رىئالنى دۇنيادىكى بۇ كارتىنە نىمە ئەمدى ؟ پەرزەنىتلەرنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كىتىشىگە نىمە سەۋەپچى بولدى ؟ زادى ئاساسلىق جىنايەتچى كىم ؟

يۈرۈكىمدە كۈچلۈك غەزەپ ئوتلىرى يالقۇنجىماقتا ، نەپرەتتىن كۆزئالدىمدىكى بارلىق مەۋجۇدات ئۆزگۈرۈپ كەتكەندەك ، ھەرقانداق ياخشىلارغا ئىشەنىچ قىپ بولمايدىغاندەك غۇۋا تەسىرات كەچمەكتە . بۇ نىمۇ ؟ … بۇ دەل بىزدىكى سەمىمىيەتسىزلىك ، چىن ھەقىقەتكە ، گۈزەل ھاياتقا تەلپۈنىمەن دەيمىز ، ئەمما نادانلىق بىزدىكى يۈگەن بولۇپ بىزلەرنى دىلىمىزدىن ، روھىمىزدىن ، قەلبىمىزدىن … ئەقەللىيسى ساپ ۋىجدانىمىزدىن يۈگەنلەپ سۆرەپ ئېلىپ ماڭماقتا … ئىنسانىي ئەىلاق شۇنداق ئېغىزغا چىقمىغى ئاسانمىدۇ ؟ ۋەزىنى قانچىلىك ؟ ئۆلچىمى نىمە زادى ؟ … تالاي يازغۇچىللىرىمىز ، ئوبزورچىللىرىمىز بۇ ھەقتە نۇرغۇن ۋەزلەرنى ئېيىتتى ، ئەمەلىيەتتە شۇلاردىمۇ شۇنداق ئىسىل روھ مەۋجۇتمىدۇ ؟ ئىشەنچىم پەقەتلا قالمىغاندەك ئازاپلىق ھىسلارنى سۈرۈپ كېتىۋاتىمەن ، تويۇقسزلا بىر چاغلاردىكى مەكتىۋىمىزنىڭ يېنىدىكى بىر ئائىلىدە بولۇپ ئۆتكەن كىچىككىنە ھىكا زاھىر بولدى …

__ مۇئەللىم چاتاق بولدى ، سىنىپىزدىكى ئىككى قىز تاققا – تۇققۇ گەپ قىلىپ يۈرۈيدۇ ، ئۇلار ئېلىشىپ قالغان چېغى ، چىقىپ كۈرۈپ باققان بولساڭلار ؟! … جىددىي تەلەپپۇزدىكى بۇ سۆز مىنى چۈچۈتۈپ قويدى ، - دە ، ئوقۇتقۇچىلارنى بىر نەچچىنى ئەگەشتۈرۈپ مەكتەپ يان دەرۋازىغا خوشنا بىر ئائىلىگە ئىتتىكلا كىرىپ كەلدۇق ، دەرۋەقە ئىككى قىز خۇددىي ئېلىپ قالغاندەك ، بىرسىنىڭ قولىدا بىر دانە تۇتاشتۇرىلغان شاڭيەن تاماكا ، يەنە بىرىنىڭ قۇلىدا ئىچىلىپ 100 گىرامچە قالغان ئېلى داجۇ ئاق ھاقىرىقى تۇراتتى ، ئاساسەن خۇدىدىنى يۇقاتقان ئىدى . ھەي نىمە ئىش بولدى ؟ قانداق قىلىق بۇ ؟ … ئارىدىن بىر قىز سەل ھۇش كللىسى جايىدا ئىدى .

-_ مۇئەللىم ، مەن مەس بولمىدىم ، خاتا چۈشەنمەڭ … مىنىڭ دەردىم بار …

نومۇسنىڭ كۈچىدىن غەزەپ ئاچچىغىم كەلدى ،

__ ئېيتە سەنلەرنىڭ نىمە دەرىتلىرىڭ بار ؟ نومۇس ئەمەسمۇ ؟ ئۇيلمامسەن ساۋاقداشلىرىڭدىن ؟ شۇ بېقىپ چوڭ قىپ قويغان ئاتا – ئانىللىرىڭدىن ؟ ئۆز ۋىجدانىڭدىن ئۇيالمامسەن ؟! … ھەي … قوللىرىم ، پۈتكۈل نىرۋىللىرىم ئۆز كونتىروللىغىنى يۇقىتىپ قويغاندەك غەزەپتىن گاراڭ ئىدى … نىمە جاھانلار بۇ ؟ … ھەي دۇنيا مۇشۇ لەنىتى ئىبلىسنىڭ قۇلىدا پاك دىيانەتلىك مەسۇم سەبىي قەلىبلەرنى قاچانغىچە غەپلەت دېڭىزىڭدا چۈمۈلدۈرەرسەن ؟ ھەي بىۋاپا دۇنيا …

مىنىڭ شۇ مەزگىلدىكى بارلىق پىكىر خىيالىم ، بۇ ئوقۇغۇچىلارنى قانداق ئۆزگەرتىش ياكى سەۋەبنى قانداق ئىزدەش بولماستىن ، بۇ دۇنيادىن ئاغرىنىشلا بولۇپتۇ … ئېيتىپ باقايلىك قېنى بىزنىڭ بۇ دۇنيادىن ئاغرىنىشقا نىمە ھەققىمىز بار ؟ مۇشۇ دۇنيانىڭ ساب ھاۋاسىنى بۇلغىغان بىزغۇ ؟

_ لەنەت بولسۇن ساڭا … دىدىم ، - مەن ئۆز ۋىجدان غۇرۇرىمغا قاراپ …

ھەممىزنى بۇلغىغان شۇ تويمىغۇر نەپسىزغۇ ؟ قاچانمۇ تويۇپ ئۈتەرسەن نەپىس … سېنىڭ دەستىڭدىن مىللىتىمىز ياشلىرى تويۇق يوللارغا قەدەم باسماقتا ، ھەتتاكى ، بەزىي ئالىي مەكتەپنىڭ مىللىتىمىزنىڭ پەخىرلىك ئانىللىرى بولۇش بۇرچىنى ئادا قىلىش ۋە ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەش قەدەملىرىنى ھازىرلاۋاتقان شۇ ئەقىللىق قىز ئاسپىرانىتلىرىمىز ، ئۆز غۇرۇنى ، ساب ۋىجدانىنى ، ئىپپەت نۇمۇسىنى بىراقلا دوغا تىكىپ ئەيمەنمەستىن شۇ سەبىيلەرنىڭ كۈزىگە تىكىپ قاراشقا ۋىجدانى ھەقىقەتەن چىدايدۇ - ، دە …

مەن يېقىندا بىر خىزمەتدېشىمىزنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ غوللۇق ئۇرۇنلاردىكى ئەربابلار بىلەن بىرلىكتە رىستۇران قوغلۇشۇپ ، كەيپى چاغ بولغاندا ، شىجاڭ ئونۋېرىستىتىدىكى بىرنەچچە قىز ئوقۇغۇچنى چاقىرتىپ بىر كىچىلىكىنى سېتىۋېلىپ قىلغان ناشايان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ كۆڭلىم مىللىتىمىز ياشلىرىغا ياشلىرىغا ئېغىپ بىئارام بولۇپ تۇراتتى ، ئەمدىلىكتە بۇ ،
كۆز ئالدىمدىكى بۇ سەبىيلەرنىڭچۇ ؟ … يەنە جەمئىيىتىمىزدە قانچىلىك مۇشۇنداق سەبىيلىرىمىز ، مىللىتىمىزنىڭ تەربىيچىسى بولغان ئانىللىرىمىز ۋە بىلىم باغلىرىدا
ياش نوتىلارنى تەربىيلەپ ئۆستۈرۈۋاتقان شۇ ئازغۇن ئۇستازلادەك گۇمراھلار زادى قانچىلىكتۇ ؟ … ئۆز ئەتراپىڭىزدىكى شۇ ناشايان ۋە ھاياسىز قىلمىشلانى ئۇچراتقىنىڭدا يۈرىكىڭىزنىڭ ئۆرتىنىش دەرىجىسى زادى قانچىلىك بولۇر ؟ … ئەپسۇس … مىللىتىمىزدە يەنە ئۈمۈد بارمىدۇ ؟

مەنبە : ئويلىغانلىرىم …

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-17 01:41

مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
946سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
23 
يازما
1232 
تېما
123 

ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 03:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇشۇنداق ئىشلانى كۆرسەم ھەم ئاڭلىسا : شۇنداق بالىلانى كۆرگەن يەردە تەربىيە قىلايلى دىسەك ئاتا-ئانىسى يۇگۈرۈپ كىلە ھەقاچان بالامغا تەربىيە قىلىدىغان سەن كىمتىڭ دەپ ،يا ئۆزى ياخشى باشقۇرمىغان ، ھەي ئاتا-ئانىلا مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسى بولغان شۇ پەرزەنتىڭلاغا ئىگە بۇلۇڭلار ، ئۇلانى ئۆزمەيلىگە قۇيۋەتمەڭلار ،مىللىتىمىز تۇگۇشۇپ كەتمىسۇن .
تىما ئىگىسىگە رەخمەت . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyguhur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-17 03:18

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 09:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنداق ئىشلار جەمىيىەتتە كوپىيپ كىتىۋاتىدۇ.ئۇلار شۇقىلقىدىن پەخىرلىنىدۇ ،تىخى.ھەممە مەسھولىيەت ئاتا-ئانىسىدا،خۇدايىم ئىنساپ-ئىمان بەرگەي.

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 11:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەگەر كۆز ئالدىمىزغا مۇشۇندا كۈرۈنۈشلەر زاھىر بولغاندا ، قانچىمىزدە قانچىلىك كەيپىيات ھازىر بولۇر ؟ بۇ قانداق كەيپىيات ؟ سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئېيچىشماسمۇ ؟
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

Rank: 8Rank: 8

توردا
888سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
150 
يازما
3238 
تېما
480 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-17 11:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش BARNA1 نىڭ يازمىسى

شۇنداق پۈتۈن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئۈچ چو تەربىيە سورىنى ھازىر بولغان ، بىر مەكتەپ بۇ مەكتەپ دىگىنىمىزنىڭ تەربىيلىشى پەقەت %30 نى ئەگللەيدۇ ، ئائىلە %30 نى ئىگىللەيدۇ ، جەمئىيەت %40 نى ئىگىللەيدۇ ... بەزىي ئاتا - ئانىلار بار ۋە ناھايىتى ئىسىل تەتقىقاتچىللىرىمىز بالىلارنىڭ بۇنداق بۇزۇلۇپ كىتىشىگە ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى سەۋەپكار دەيدۇ ... ئويلاپ باقايلى دىيىلىۋاتقان ئوقۇتۇش ئورۇنلىرى قايسىلار ؟ ... بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئويلۇنۇپ بېقىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:17

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.