- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-20
- تىزىملاش
- 2010-5-12
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 431سائەت
- جۇغلانما
- 2282
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 548
- تېما
- 166
- توردا
- 431سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 8
- يازما
- 548
- تېما
- 166
|
* ئۆزىنىڭ تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت،باشقىلارنىڭ ئالدىدا قۇل مىللەت.
* سۆز- لىباس، مەنا-ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن سىر.
* شائىر ھەمىشە ئاشىق. ئاشىقلارنىڭ كۆزلىرى يېنىپ تۇرغىنى بىلەن،رەڭگىرويى سۇنۇق بولىدۇ.
* ئادەملەر مىسالى ئەينەك،ئۇلارنىڭ گۇناھىدا سېنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ئەكس ئېتىدۇ.
* ئىلىم نانغا ئوخشايدۇ. ئون پاتمان ناننى كۈتۈرۈش ئوڭاي،ئەمما يىيىش قىيىن.
* ئەجەلدىن ئەمەس، كۆڭۈل ۋە ئەقىلنىڭ كورلىقىدىن قورق.
* دىل-دېڭىز،تىل- قىرغاق.دېڭىز دولقۇنى كۆتۈرۈلسە،ئۆز قوينىدا بارىنى قىرغاققا سۈرۈپ چىقىرىدۇ.
* نېسىۋە-ھەممە ئادەمگە باراۋەر بېرىلىدۇ، ئەمما ھەركىم قۇربى يەتكىچە ئالىدۇ.
* كۆڭۈلنى تازىلاش-ھاجەتخانىنى تازىلاشتىن مۈشكۈل.
* جەڭچىنىڭ كەمىرىدىكى شەمشەر غىلاپىدا تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا كۈچ بېغىشلايدۇ.
* ئادەم گۈزەللىكنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا ئۆزىنى بەخت ئىچىگە قويالايدۇ.
* ھەتتا قۇياشمۇ ئۆزىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئەينەككە مۇھتاج بولىدۇ.
* شائىرلار كېسەل سەۋەبىدىن ئەمەس،كۆڭۈل ئاغرىقى-ئەلەم دەستىنى ئۈلۈپ كېتىدۇ.
* ھېچقانداق ئۈمىدكە ئىگە بولمىغان ئادەم مەڭگۈ ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ.
* دۈشمەندىن ئۈگىنىش ھەرگىزمۇ قانۇنسىزلىق ئەمەس.
* شەيئىلەرنىڭ ھەقىقى گۈزەللىكى ئەستايىدىل كۈزەتكۈچىنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت.
* ھەقىقى ئىلىم ئالدى بىلەن كىشىلەرگە گۇمانلىنىشنى ۋە ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنى بىلىشنى ئۈگىتىدۇ.
* ئەركىنلىك مۇنداق نەرسە: باشقىلارغا بەرمىسەڭ، ئۆزۈڭمۇ ئېرىشەلمەيسەن.
* باشقلارغا ياردەم بېرىشنىڭ يولى بىر ئەمەس، ئەمما ئادەم بولۇشنىڭ يولى بىر. ئۇ بولسىمۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش.
* ھەقىقەتنى سۆزلەشنى خالىمىغان ئادەم جاھىلدۇر، ھەقىقەتنى سۆزلەشنى بىلمىگەن ئادەم ئەخمەقتۇر، ھەقىقەتنى سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمىغان ئادەم قۇلدۇر.
* دۇنيادا ئەڭ كەڭ نەرسە ئادەمنىڭ قەلبىدۇر.
* ئادەم ھەقىقەتنى تېپىش يولىدا ئۈزلۈكسىز خاتالىق سادىر قىلىدۇ.
* ئىشەنچتىن مەھرۇم قالغان چېغىڭدا، ۋۇجۇدۇڭدا جان قالمايدۇ.
* قەيەردە قىزىقىش بولمايدىكەن، شۇ يەردە خاتالىقمۇ بولمايدۇ.
* چىدامسىزنىڭ ئىشى ئۈنۈمسىز، چىرايلىقنىڭ ئىچى كۆرۈمسىز.
* ئوغلۇڭ ۋايىغا يەتسە، ئابرويۇڭ جايىغا يېتەر.
* بارنىڭ ئىش پەرمان بىلەن، يوقنىڭ ئىشى ئارمان بىلەن.
* يولۋاس يولۋاسنى يېمەيدۇ، پەقەت ئادەملا ئادەم بىلەن ئۆزىنى سەمرىتىدۇ.
* دۇنيادا كىم قانچىكى ئاچكۆز بولسا،شۇنچىلىك باي بولىدۇ.
* ئۆز ئىختىيارىمىز بىلەنلا بولغان بولسا ھەرقانداق ئىش جاپالىق تۇيۇلمايدۇ.
* بىزنىڭ ھەسسىلەپ كەمتەر بولغان چېغىمىز، ئۇلۇغلۇققا ئەڭ يېقىن بولغان چېغىمىزدۇر.
* ئۆتكۈرلۈكلا گۈزەللىككە يېقىن بولالايدۇ، خۇددى تىگەن گۈلگە يېقىن بولغاندەك.
* ئەتە ئۈچۈن تولا باش قاتۇرماڭ،ئەتىكى ئىشنى ئەتىنىڭ ئۆزى ئويلايدۇ. بالا قازا ھامان بۈگۈن يۈز بېرىدۇ.
* ئۆزى قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ئىشلاردىن ھوزۇرلانغان ئادەم شاد-خورام بولىدۇ.
* مېھرىبانلىق-گاس ئاڭلىيالايدىغان، گاچا چۈشىنەلەيدىغان سۆزدۇر.
* ئىشچانلىق ياخشى تەلەينىڭ ئانىسى. ئىگەم ئاللاھ ھەممە شەيئىنى ئىشچانلارغا ئاتا قىلغان.
* پۈتكۈل ئۆمرىدە قازانغان قازانغان مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ھەممىسى بالدۇر تۇتۇش قىلغان چارەك سائەتكە مەنسۇپتۇر.
* قىمار ئاچكۆزلۈكنىڭ ئوغلى،نورمال بولمىغان قېرىندىشى، بەختسىزلىكنىڭ دوستى.
* ئادەم سۆزلىيەلەيدىغانلىقى ئۈچۈن يىرتقۇچ ھايداندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەگەر سۆزنى توغرا قىلمىساڭ، يىرتقۇچ ھايۋان سەندىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
* ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتقا تەڭ كېلىدىغان بەختسىزلىك يوق.
* ئوڭۇشسىزلىق –ھەقىقەتكە يېتىشنىڭ يولىدۇر.
* گۈزەللىك تەبىئىي بىر خىل ئەسەردۇر.
* ئەقىل پاراسەت بىر گۆھەر،ئۇنىڭغا كەمتەرلىكتىن قىر چىقارغاندا تېخىمۇ نۇر چېچىپ كۆزنى چاقنىتىدۇ.
* نازاكەتلىك سۆز-خۇددى چۈمبەل ئۈستىدىن سۆيگەنگە ئوخشايدۇ.
* بىر كىشىنىڭ شۆھرەتپەرەسلىكى ئۇنىڭ دۆتلۈك دەرىجىسى بىلەن باراۋەر بولىدۇ.
* كىمكى ھەركۈنى ھېيتلىق كىيىم كەيسە، ئۇنىڭ ھېيتلىق كىيىمى بولمايدۇ.
* تالانت دېمەك-سەۋىرچانلىق دېمەكتۇر.
* ئادەم قانچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزسە، شۇنچە ئاز گەپ قىلىدۇ.
* ھەقىقەت دەرياسى ئۆزىنىڭ خاتالىق جىلغىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ.
مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى |
|