ئۇنىڭ ئانىسىنىمۇ سۆي(ئەقىدە) دوستۇم غالىبلارچە تاقىلداپ كېتىۋاتقىنىڭدا، توختاپ ئارقاڭغا بىر ئۆرۈلۈپ قارىغان بولساڭ ئىدىڭ-ھە...! چاچلىرىغا ئاق سانجىلغان ، ئىگىز گەۋدىسى مۈكچەيگەن، مۇڭلۇق كۆزلىرىنىڭ ئەتىراپىنى مۇشەققەتنىڭ يالدامىسى بولغان قورۇقلار قورشىغان بىچارە ئانىنىڭ ساڭا قاراپ خۇددى كىچىك بالىلاردەك ئۈمچىيىپ، كۆزلىرىدىن ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىڭ.......ئەپسۇس، سەن ئارقاڭغا قارىمىدىڭ، ئۇنىڭ قولىدىن بالاڭنى ئېلىپ بولۇپلا ئۇنىڭ ساڭا قىلغان سالىمىنىمۇ ئىلىك ئالماي، بالاڭنى ئەتىگەندىن -كەچكىچە باقىنى ئۈچۈن قىزىل بويىۋالغان لەۋلىرىڭنى پۈرۈشتۈرۈپ چىرايلىق قارا كۆزلىرىڭنى ئالايتىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، غوتۇلدىغىنىڭچە تاقىلداپ كىتىپ قالدىڭ....شۇنداق، سەن كىتىپ قالدىڭ، سېنىڭ كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدىغان زىلۋا قامىتىڭ بارغانچە يىراقلاشماقتا. مەن بالكۇندا تۇرۇپ بىردە ساڭا، بىردە مۇنۇ ئۇغۇل چوڭ قىلغاننىڭ جازاسىنى تارتىۋاتقان بىچارە ئانىغا قاراپ خىيالغا پاتتىم. دوستۇم بىلىسەن ،ئۇلار بىر-بىرىنى شۇنچە ياخشى كۆرىدىغان بىر ئانا بىر بالا ئىدى، ئانا بالىسى ئۈچۈن بالا ئانىسى ئۈچۈن ياشىغاندەك ھەمنەپەس بولۇپ كىتىۋاتاتتى. بۇ ئائىلىگە سەن كىردىڭ، ئانا سېنىمۇ ئۆز قىزىدەك ئىزەتلىدى، ئۆز ئوغلىدىنمۇ بەك ياخشى كۆردى. ئەمما يىل ئۆتمەي بۇ ئائىلىدىن ، ئۇنىڭ ئۇغلىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىڭ. ئانا بۇنىڭغىمۇ لېۋىنى چىشلەپ چىدىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ئانا- بالىلىق مىھرى-مۇھەبىتىنىمۇ ئۈزىۋەتمەكچى بوپسەن، بۇ نىمىدىگەن ۋەھشىيلىك؟ دوستۇم، ھېلىمۇ ئېسىمدە، تېخى يىقىندىلا، سەن ئۇنىڭ بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتلىرىڭدا، ماڭا ئۇنىڭ ئۇغلىنى ماختاپ ئۇنى .ئاجايىپ ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭنى، ئۇ سېنىڭ غايەڭدىكى يىگىت ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان ئىدىڭ. مانا ئەمدى شۇ غايەڭدىكى يىگىتنى توققۇز ئاي توققۇز كۈن قوساق كۆتۈرۈپ، ئاچىق توغلاقلارنى يەپ تۇغۇپ، كېچىلىرى تاتلىق ئۇيقۇدىن كېچىپ ئاپئاق سۈت بېرىپ ئېمىتىپ چوڭ قىلىپ، ساڭا يارىغۇدەك، ئەقلى-ھوشى بار، ئىسىل مىجەزلىك تەربىيلەپ چوڭ قىلغان ئاشۇ ئانا ئەمەسمۇ ؟..........! دوستۇم ئۆتۈنۈپ قالاي سەن ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ئەمەس، يىگىتىڭگە، يەنى ئۇنىڭ ئوغلىغا قارىغان ئوتلۇق، مۇھەببەتلىك كۆزلىرىڭ بىلەن قاراپ باققىنا!.....سەن ياخشى كۆرگەن قارا بۈدۈرە چاچلار، يوغان ئويچان كۆزلەر، قىرلىق بۇرۇن، كېلىشكەن قىياپەتنىڭ سۇس ئىزنالىرىنى كۆرسەن. كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ شۇلارنى ئۆز ئوغلىغا بەرگەن، يىگىتىڭنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قان شۇ ئانىنىڭ قېنى! ئانا بالا ئۈچۈن گۈزەل ياشلىقىنى ، ساپ قېنىنى، شادلىقىنى، تاتلىق ئۇيقۇسىنى، ھەتتا تاتلىق جېنىنى قۇربان قىلالايدۇ. شۇڭا، ئانا ھاياتلىقنىڭ تۈۋرۈكى، بالىلارنىڭ يۈرۈكى ئەمەسمۇ؟! سەن قۇچىقىڭدىكى بالىنى قانچە سۆيسەڭ، ئۇ ئانىمۇ ئۆز ئۇغلىنى شۇنداق سۆيىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى بىلەن ئۇزاق مۇڭداشقۇسى، كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى قىلغۇسى، ھەتتا قۇلاقلىرىغا پىچىرلىغۇسى كېلىدۇ. ئوغلىنىڭمۇ ئانىسىنىڭ بۇنداق چەكسىز مۇھەببەتكەئۇنىڭدىنمۇ چەكسىز مۇھەببەت بىلەن بەدەل تۆلەش مەجبۇرىيىتى بار ئەمەسمۇ ؟ سەن ئۇنىڭ ئۆز ئانىسىنى سۆيگەن يىگىتىڭدىن رەنجىمەي پەخىرلەن، چۈنكى ئۆز ئانىسىنى سۆيمىگەن، ۋاپا قىلمىغان ئادەمدىن ساڭا قانچىلىك ۋاپا كېلەر؟ شۇنى ئېسىڭدە تۇتقىنكى، ئانىسىنى سۆيگەن شۇ ۋاپادار يىگىت، سېنىمۇ مەڭگۈ سۆيىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ. دوستۇم! سەن ئەقلىڭنى تېپىپ ئارقىڭغا يانغىن-دە، يىگىتىڭنى سۆيگەن مۇھەبىتىڭدىنمۇ ئارتۇق مىھرىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئانىسىنىمۇ سۆي! ئاڭلىدىڭمۇ دوستۇم سەن بەخىتلىك ئائىلە قۇراي، ۋاپادار ئايال بولاي دىسەڭ، ئاۋال ئۇنىڭ ئانىسىنى سۆي.......! مەنبە:زامانە ئاخىرىنىڭ ئاياللىرى دىن ... |