- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-8
- تىزىملاش
- 2011-3-30
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 66سائەت
- جۇغلانما
- 1818
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 451
- تېما
- 49
- توردا
- 66سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 38
- يازما
- 451
- تېما
- 49
|
توي قىلىش _ قىز - يىگىت ئىككى تەرەپكە مۇناسىۋەتلىك ئىش . پەقەت ئۆزىدە قارشى تەرەپنى رازى قىلالىغۇدەك شەرت ھازىرلىغاندا ، ئاندىن باشقىلارنى تاللاشقا ھەقلىق بولالايدۇ . ھەر - قانداق بىر ياش نىكاھلىنىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ، ئۆز - ئۆزىگە < توي قىلسام بولارمۇ ؟ > دىگەن سۇئالنى قويۇپ بېقىشى كېرەك .
ھەر بىر ئادەمنىڭ توي قىلىشىدا ھامان ئۆزىگە خاس كونكرىت ، ئېنىق مۇددىئاسى بولىدۇ ياكى مۇھەببىتى پىشىپ - يېتىلگەن بولىدۇ . ياكى ئۆز - ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلغان بولىدۇ . مۇددىئا ئېنىق بولماي ، ھاپىلا - شاپىلا ئالدىراپ توي قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ . چۈنكى ، توي قىلىش مۇددىئاسىنىڭ توغرا بولماسلىقى بەخىتسىز نىكاھنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەڭ ئاساسلىق سەۋەبتۇر . ناۋادا ، سىزنىڭ توي قىلىشتىكى مۇددىئايىڭىز تۆۋەندىكىدەك سەۋەبلەردىن بولسا ، سىزگە نەسىھىتىمىز شۇكى ، ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق توينى قىلمىغىنىڭىز تۈزۈك .
1 . ھېسداشلىق يۈزىسىدىن توي قىلىش ؛ قارشى تەرەپنىڭ مەلۇم كەچۈرمىشىگە ياكى بىرەر ئەيىبىگە ھېسداشلىق قىلىپ ، ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇنىڭغا ئۆمۈرلۈك ھەمراھ بولۇشقا رازى بولۇش . بۇنداق ھېسداشلىققا چىن مۇھەببەتتىن ئاساس سېلىنمىغان بولسا ، ئۇ رېئال تۇرمۇشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . مۇشۇنداق ئەھۋالدىمۇ يەنىلا قارشى تەرەپتىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي ، توي قىلىشقا بەل باغلىسا ، ئۇ ھالدا ، بۇنداق نىكاھنىڭ ئاقىۋىتى بەختسىزلىك ئېلىپ كېلىدۇ ، خالاس .
2 . كۆڭۈلسىز ئائىلە ۋە ناچار شارائىتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلىش . بەزىلەر توي قىلىپ چىقىپ كېتىش ئارقىلىق ، كۆڭۈلسىز ئائىلە تۇرمۇشىدىن تېزرەك قۇتۇلۇشنى ئويلايدۇ . بۇنداق قىلىش ئىنتايىن خەتەرلىك . چۈنكى بۇ ، ئۆزىنى بىر بەخىتسىز ئائىلىدىن قۇتۇلدۇردۇم دەپ ئۇنىڭدىنمۇ كۆڭۈلسىز بىر ئائىلىگە ئىتتىرگەنلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
3 . ئىززەت - ئابرويى ، ئىجتىمائىي ئورنىنى ئۆستۈرۈش ، خىزمەتكە ئورۇنلىشىۋېلىش ئۈچۈن توي قىلىش . بۇ بىر ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىكتۇر . بۇنداقلارنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشقاندىن كىيىن ، قارشى تەرەپكە بولغان قىزغىنلىقى ئاسانلا يوقىلىپ كېتىدۇ .
4 . بىردەملىك ھېسسىياتقا بېرىلىپ جىنسىي ئالاقە ئۆتكۈزۈپ قويۇپ ، ئىلاجىسىزلىقتىن توي قىلىش . بۇنداق ئەھۋالدا توي قىلغان قىز - يىگىتلەرنىڭ بەخىتلىك بولغانلىرىدىن بەخىتسىز بولغانلىرى كۆپ . ئاجرىشىپ كەتكەنلەرنىڭ سانى خېلى يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ . قانداقلا بولمىسۇن ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ئىككى تەرەپنىڭ توي قىلىش شەرتى ھازىرلانغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ _ دە .
5 . ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن توي قىلىش . بەزى قىز - يىگىتلەر مۇناسىۋەت بۇزۇلغاندىن كېيىن ، قىيداش ياكى ئۆچ ئېلىش نىيىتىدە سېنىڭ ئالدىڭدا مەن توي قىلمىسام ، دەپلا قارىغۇلارچە بىرسى بىلەن توي قىلىدۇ . بۇنداق مۇددىئا بىلەن توي قىلىش ئۆزىنىڭ بەخت - سائادىتى بىلەن ئويناشقانلىقتىن باشقا نەرسە بولماستىن ، ئاقىۋەت بەخىتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
6 . زېرىكىشتىن ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن توي قىلىش . بەزىلەر يالغۇزلۇقتىن زېرىكىپ ئۆزىگە بىر ھەمراھنىڭ بولۇشى ئۈچۈنلا توي قىلىدۇ . بۇنداق نىكاھ راستىنلا كىشىنى زېرىكىشتىن خالىي قىلالامدۇ ؟ بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈشمەيدىغان ، تونۇشمايدىغان ئىككى ئادەم توي قىلىپ بىرگە ئۆتسە ، بۇنداق تۇرمۇش تېخىمۇ زېرىكىشلىك بولمامدۇ ؟
7 . بىرەر مۇددىئا بولماستىن ، ئېقىمغا ئەگىشىپ توي قىلىش . تەڭتۈشلىرىمنىڭ ھەممىسى توي قىلىپ بولدى ، يېشىممۇ بىر يەرگە بېرىپ قالدى . توي قىلىدىغان ۋاقتىم كەلدى دەپ توي قىلىش ياكى ئاتا - ئانىسىنىڭ ئالدىرىتىشى بىلەن توي قىلىش . بۇنداق قىز يىگىتلەرنىڭ تويدىن كېيىن بەخىتلىك ئائىلە بەرپا قىلىش ئاكتىپچانلىقى كۈچلۈك بولمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئىمكانىيىتىمۇ كۆپرەك بولىدۇ .
نىكاھ باشقا ئىشلاردەك خاتا بولۇپ قالسا ئۆزگەرتكىلى ، مۇۋاپىق بولمىسا ئالماشتۇرغىلى ، خالىغانچە سىناپ كۆرگىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس . تويدىن كېيىن پۇشايمان قىلسا ئورنىغا كەلمەيدۇ . شۇڭا توي قىلىشتىن ئىلگىرى مەقسەت ئېنىق بولۇش كېرەك . مۇبادا توي قىلىش مۇددىئاسىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بايقىسا ، تېزدىن ئەقلىنى تېپىپ ، ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشى كېرەك ياكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت ئاساسىنى كۈچەيتىش لازىم . مۇشۇنداق قىلغاندا . نىكاھتا بەختسىز بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا choice124forget تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-2 13:31
|
|