ئۇنىڭ ئۈچىنجى خوتۇنى بولۇۋېرەيمۇ ؟
تەرجىمە قىلغۇچى قەلەمىي
شىياۋچىن بەش يىل ئىلگىرى مەملىكىتمىزدىكى مەلۇم بىر تىببىي ئۈنۋېرسىتىتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە زاھىر ئىسىملىك چەتئەللىك
بىر ئوقۇغۇچى بىلەن مۇھەببەتلەشتى .ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۇلار ئىككىسى توينى قىلۋالدى . بەش ئىلگىركى مۇھەببەت دۇنياسىدا جۇش ئۇرغان قايناق ھەم گۈزەل مىلودىيەلەر ،ياشلىقتىكى ئالىي ،بۈيۈك غايىلەر شىياۋچىننى زاھىرنىڭ
تۇرالغۇسىغا باشلاپ ئەكەتتى .
زاھىر ئىقتىسادىي ۋە مەدەنيىتى قالاق بىر دۆلەت پۇقراسى بولۇپ، نۇرغۇن كىشلەر ئۇ ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيدۇ .
بىلدىغىنى پەقەت ئۇنىڭ ئافرىقىلىق ئىكەنلىكى خالاس .شىياۋچىن زاھىرنىڭ ئائىلسىگە كەلگەندىن كىيىن خېلى نامى چىققان
بىر دوختۇرخانىدا ئاياللار بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى بولدى . سۆيگىنى زاھىرمۇ ئۇئىشلىگەن دوختۇرخانىدا دورا تەڭشەشكە مەسئۇل بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىدى .
ئەر خوتۇن ئىككىلىسنىڭ خىزمىتى بولغان بۇنداق ئائىلدىكلەر ئافرىقىدا ئاقسۆڭەكلەر ھېسابلىناتتى .
شۇنداق تۇرۇقلۇق شىياۋچىن بەخىت ۋە خۇشالللىقنى ھېس قىلالمىدى .ئۇلار نىكاھلىنىش رەسمىيتىنى بېجىرگىىلى بارغان ۋاقىتتا
ئۇ سۆيگىنى زاھىرنىڭ ئىلگىرى نىكاھلانغانلىقىنى بىلىپ قالدى . ئەمەليەتتە شىياۋچىن زاھىرنىڭ ئۈچىنجى خوتۇنى ئىدى .
دەسلەپتە شىياۋچىن ئالدىنىشنىڭ ئازابىغا چىدىيالماي ئىرىنى چوڭ خوتۇنى بىلەن ئىككىنجى خوتۇنىدىن ئايرىلىپ كېتىشكە
قىستىدى . ئەمما ئۇنىڭ ئىرى<< بۇ بىزنىڭ مىللىي مەدەنيىتمىز ،دۆلىتىمىزدە بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش تۈزۈمى قانۇن بويىچە
قوغدىلدۇ . ئۇلار بىلەن ئاجرىشىپ كەتسەم بولمايدۇ >>دەپ تۇرۋالدى .
شىياۋچىن بۇنى ئاڭلاپ <<جۇڭگۇلۇقلار بىر ئەر كۆپ خوتۇن ئېلىشتەك تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ . جۇڭگۇدا بىر ئەر بىرخوتۇنلۇق بولۇش تەشەببۇس قىلنىدۇ . بۇ جۇڭگۇنىڭ مىللىي مەدەنيىتى .
سىز دۆلتىمىزنىڭ مەدەنيىتىگە ھۆرمەت قىلشىڭىز كېرەك >>دەپ زاھىرغا ھۆركىردى. ئەمما زاھىر قىلچە ئاچچىقلانماستىن ئىنتايىن سالماقلىق بىلەن شىياۋچىنغا <<مەن سىزنىڭ ئالدىنىپ ئازابلىنۋاتقانلىقىڭىزنى
بىلىمەن . مەن سىزگە ئىسپاتلاپ بېرەي .بىزنىڭ ئائىلمىز ئىنتايىن بەخىتلىك.ئىنتايىن دوستانە .سىز چوقۇم بەخىتلىك بولالايسىز >>دىدى .شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئۇلارنىڭ بالسىمۇ بوپ قالدى .
داۋامىنى http://www.hawar.tv/ بۇيەردىن داۋاملىق كۆرۈڭ http://www.hawar.tv/bbs.asp بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arif@ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-18 01:16
|