ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خەۋەرلەر ئۆزبېكىستاندىكى دوزاخ دەرۋازىسى
كۆرۈش: 536|ئىنكاس: 17
go

ئۆزبېكىستاندىكى دوزاخ دەرۋازىسى  

Rank: 8Rank: 8

توردا
215سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
296 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 13:06 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش


1974-يىلى، سابىق سوۋىيت ئىتتىپاقىنىڭ گىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزبېكىستاندا تەبئىي گاز بۇرغىلاش جەريانىدا، يەر ئاستىدىكى بىر چوڭقۇر ئۆڭكۈرنى تاساددىبى بايقاپ قالغان. بۇ ئۆڭكۈر ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ، تەكشۈرۈش ئەترىتى لاپاس ۋە بارلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆڭكۈر ئىچىگە ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن ئۆڭكۈرنىڭ چوڭقۇرلىقىنى ئۆلچەپ چىقىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھىس قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن ھىچكىم بۇ ئۆڭكۈرگە چوڭقۇرلاپ كىرىشكە پېتىنالمىغان، چۈنكى ئۆڭكۈردىن چىقىۋاتقىنى كۆيىدىغان گاز ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن تەكشۈرگۈچىلەر بۇ خىل گازنى كۆيدۈرۈپ، بارلىق گاز كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆڭكۈرگە چوڭقۇرلاپ كىرىشنى قارار قىلغان.
بىراق، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن ياققان بىر تال سەرەڭگىسى بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئۇدا 37 يىل يالقۇنلاپ كۆيىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالغان. چۈنكى بۇ ئۆڭكۈردىن چىقىۋاتقان گاز باشقا گاز بولماستىن بەلكى ھازىر بايلىق ھېسابلىنىدىغان تەبئىي گاز ئىكەن.




شۇنداق، بۇ ئۆڭكۈردىن چىققان گاز ئەمەلىيەتتە تەبئىي گاز ئىدى، بىراق تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئېھتىياتسىزلىقى تۈپەيلىدىن بۇ گاز تا ھازىرغىچە كۆيىۋاتىدۇ. بۇ ئۆڭكۈردىكى گاز قاچانغىچە كۆيىدۇ، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم. ناۋادا بۇ ئۆڭكۈردىن چىققان تەبئىي گاز ھازىرقىدەك مۇشۇنداق كۆيۈپ كەتمىگەن بولسا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەبئىي گازغا بولغان ئېھتىياجىمۇ قاندۇرۇلغان بولاتتىكەن.
بۇ ئۆڭكۈر ئۆزبېكىستاندىكى دارۋاز ئىسملىك بىر كەنتنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان ئىكەن. بىراق بۇ ئۆڭكۈرنىڭ ئورنى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. بەزى كىشىلەر، بۇ ئۆڭكۈر تۈركمەنىستان چېگرىسى ئىچىدە دەپ قارايدىكەن. لېكىن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ ئۆڭكۈر دەل ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىگە جايلاشقان.



مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 13:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي توۋا .........ئەمدى مۇشۇنداق كۆيىۋەرسە يەنە تىخى 37 يىل كۆيىدىكەن ...... .........ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆيىۋەرسە بۇ ئىغىزى تىخىمۇ چوڭىيىپ مىڭىپتۇ ......... ۋاي ئاللا قانداق بولا ئەمدى

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
795 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 14:20 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا،راستمىدۇ ؟؟
مۇشۇنداق كۆيىۋەرسە ئاخىردا ...........
قانداق بوپ كىتەر ؟

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
514 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 14:45 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش gulimire نىڭ يازمىسى

قانداق بۇلاتتى ئۇماق،ماكانىمىز تىخىمۇ ئىسسىپ كىتىدۇ شۇ!؟
ھەي ئادەملەر،ئاخىرى ئۆزىمىزنىڭ بىشىغا ئۆزىمىز چىقىمىزغۇ بىزلەر!؟

توردا
158سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
774 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 15:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دوزاخ توغۇرسىدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭلار دىگەن بولسا كىرەك ئۇلۇغ ئىگىمىز.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 15:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئۇنداق كۆيۈۋەرسە نىمە ئىشلار بولۇپ كىتەر ئەمدى؟

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1569 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-23 16:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنىڭغا ھەرقانداق ئىش قىلىشتىن قەتىنەزەر چوقۇم كىچىك ئىشلارغىمۇ دېققەت قىلىشىمىز كېرەك ،ئاشۇ كىچىكىنە سەۋەنلىكىمىز نۇرغۇن خاتالىقلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.........ناھايىتى ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ،تېما ئىگىسىگە رەخمەت........

توردا
134سائەت 
نادىر تېما
دوست
25 
يازما
787 
تېما
48 

ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 12:07 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىر تال سەرەڭگە 37يىل كۆيسە ،بىرەر ياغاچ ياكى چوڭراق نەرسە چۈشۈپ كەتسە نەچچە يىل كۆيەر؟

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 13:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇ ئەمەسمۇ . بۇ ئېغىز بارغانسىرى چوڭايسا نىمە بولۇپ كىتەر ھە !

توردا
57سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
381 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-24 21:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جىم ياتقان نەرسىگە چېقىلىپ ،،،،،،،،،،،،،، شۇ لار كۈيۈپ كەتسىچۇ|؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 17:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.