ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 8
go

ئالاھىدە سوۋغات

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
890 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 18:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئارجۇن ئەتىگەندە.رادىئونىڭ سائەت7دىكى خەۋەرلەر پروگراممىسى باشلىنىش بىلەن ئۇيقۇدىن ئويغاندى.ئۇ يېنىدىكى ياستۇقنى سىلاپ،خوتۇنىنىڭ كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاندىن ئېسىگە ئالدى.
مارلوبى شۇ تاپتا ئورلاندودا،ئۇ سەھەرلا ئورنىدىن تۇرغانىدى.بىراق ئېرىنىڭ ئۇيقۇسىغا دەخلى قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن،سائەت7دە ئۆيىگە تېلىغۇن قىلىماقچى بولدى،چۈنكى بۈگۈن ئېرىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى.ئۇلار توي قىلىغىلى 27يىل بولغان، ئۇ بۇنى ئېسىدىن چىقىرىپ قويغىلى يوق. مارلوبى ئېرىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلاندى.تەلىيىگە ئۇ بۈگۈن كەچتە ئۆيىگە قايتىدىغان بولۇپ قالدى.
تېلىغۇن جىرىڭىلىدى.ئارجۇن تۇرۇپكىنى قولىغا ئالدى.
-توغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك...-قارىشى تەرەپتىن تۇغۇلغان كۈن ناخشىسى ئاڭلاندى.
-رەھمەت سىزگە،سۆيۈملۈكۈم،ئۆزىڭىزچۇ،كەينى-كەينىدىن سوراپ كەتتى.
-ھەئە،ياخشى،مەن كەچ سائەت7دىن 28نىڭ ئايروپىلانىدا قايتىمەن،سائەت8گىچە ئۆيگە بېرىپ بولىمەن،دوىخانىغا تېلىغۇن قىلىپ دورىڭىزنى ئەكەلدۈرۋېلىڭ،دورىڭىز ئەتە تۈگەيدۇ.يەنە بىر ئىش،كىيىم يۇيۇش ئورنىغا كىرىپ،يۇدۇرۇشقا بېرىپ قويغان كىيىملەرنى ئاچىقۋېلىڭ، ئۆيگە قايتىقاندىن كىيىن ئىككىمىز بىرگە سىرتقا چىقىپ تاماق يەيمىز.
-ھە،بەك ياخشى بولدى،دېدى ئارجۇن،-چاندېر كوچسىدىكى يېڭىدىن ئېچىلىغان برازىلىيە تاماقخانىسىغا بارغۇم بار ئىدى. ئۇ يەرنىڭ تاماقىلىرى بەك تەملىك ئىكەن،ئەمسە بۈگۈنلا شۇ يەرگە بارايلى،-ئۇ بىر پەس تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ،تۇرۇپكىنى قويۇشتى.
مارلوبى ئاخىرىدا ئېرىگە دورىنى ۋاقتىدا ئىچشىنى تاپىلىدى.چۈنكى،ئۇ ئېرىنى تېخىچە ئۆز ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ دەپ قارايتتى.بۈگۈن ئارجۇننىڭ 53ياشقا تولغان كۈنى،ئۇ دائىم؛(پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن مارلوبى ئىككىمىز قىلىدىغان ئىشىلىرىمىزنى قىلالايمىز-ساياھەتكە چىقىمىز،كىتاب يازىمىز)دەپ ئويلايتتى.مارلوبى ئۇزۇندىن بېرى ھىندىستانغا قايتىپ،بىرەر يېرىم يىل تۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتى.
ئارجۇن ئورنىدىن تۇرۇپ،چىشىنى چوتكىلاپ،يېڭى بىر كۈننى باشلىۋەتتى.كۈندىكىدەك ناشتا قىلىپ بولغاندىن كىيىن دورىلىرىنى ئىچتى،ئۇنىڭ يۈرەك كېسىلى ھەر ۋاقىت قوزغىلىپ قېلىش ئېھتىمالى بار ئىدى.دوختۇر ئۇنىڭىغا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدۇرۇشنى،قانچە بالدۇر قىلىدۇرسا شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىقانىدى.ئۇنىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيسى قىلىدۇرۇشقا تىزىملىتىپ قويغىنىغا ئىككى يىل بولغانىدى.ئارجۇننىڭ كېسىلى 2-دەرىجىلىك بولغاچقا،ئۆيدە ئارام ئاسا بولاتتى،بىراق ئۇ ھەر كۈنى چاقىرغۇسىنى يېنىدىن ئايرىماسلىقى كېرەك ئىدى. چۈنكى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىدۇرۇش نۆۋىتى ئۇنىڭىغا كەلگەنىدى.بۇنىڭىدىن ئۇزۇن يىل ئىلىگىرى ئۇلارنىڭ يېقىن دوستى بۆرەك ئاجىزلىشىش سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەندە ئارجۇن بىلەن مارلوبى ئۆزلىرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئىچكى ئەزالىرىنى ئىئانە قىلىشىقا تىزىملىتىپ قويغانىدى.
ئارجۇن ئەمدىلا سىرتقا چىقماقچى بولغاندا،قىزى سىكا تېلىغۇن قىلىپ،ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى.قىزى سان فرانسىسكو ئۇنىۋېرستېتىدا دوختۇرلۇق كەسپىدە ئوقۇۋاتاتتى،ئارجۇن قىزىدىن پەخىرلىنەتتى.تۇغۇلغان كۈنىدە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تەبرىك سۆزلىرىدىن كۆڭلى كۆتۈرلۈپ قدلغانچقىمۇ،ئارجۇن ئەتگەندە سىرتنى خۇشال ئايلىنىپ كەلدى.چۈشتىن كېيىن بىر سېستېرا تېلىغۇن قىلىپ،يۈرەك تەقدىم قىلىغۇچىنىڭ چىققانلىقى بۈگۈن كەچتە يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.ئۇ ئۆزىگە يۈرەكىنىڭ ئاخىر تېپىلىغانلىقىدىن ئىنىتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى،سېستىرا ئۇنىڭىغا دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ،رەسىمىيەت ئۆتىشىنى ئېيىتتى.ئارجۇن دارھال خوتۇنىغا ئېتك،بەلكىم يولدا كېلىۋاتقان بولسا كېرەك.شۇنىڭ بىلەن ئۇ خوتۇنىغا خەت قالدۇرۇپ قويدى؛(مارلوبى،ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن،مەن ئەڭ يېقىن ياخشى تۇغۇلغان كۈن سوۋغىتىغا ئېرىشتىم.دوختۇرلار بىر يۈرەك چىققانلىقىنى ھەمدە دەرھال كېلىپ ئوپېراتسىيە قىلىدۇرۇشۇمنى ئېيىتتى.كەچتە بىرگە تاماق يەيدىغان ئىشىنى ۋاقتىنىچە توختىتىدىغان بولدۇق،كېيىن بىر كۈنى يەمىز.دوختۇرخانىدا كۆرۈشەيلى.)
ئارقىدىن،ئارجۇن ئەڭ يېقىن ئاغىنىسى شامىغا تېلىغۇن قىلدى.شامى خىزمىتىنى تاشلاپ،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە دوختۇرخانىغا باردى.ئارجۇن دوختۇرخانىغا كەلگەندىن كېيىن،دوختۇرلار ئوپېراتسىيە تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى،ئۇلار يۈرەكنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىشىنى كۈتۈپ تۇرۇشتى،ئارجۇننىڭ يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىندىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئاغىنلىرى دەرھال دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىشتى.شامى ئايرودرومغا مارلوبىنى ئېلىشىقا كەتكەنىدى،قىزى ئەتە ئەتىگەندە كېلەتتى.كەچ سائەت 7دىن 45مىنۇت ئۆتكەندە،،سېستىرا يۈرەكنىڭ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.
ئوپراتسىيە ئوڭۇشلۇق بولدى.ئەڭ مۆجىزىلىك ئىش شۇ بولدىكى،ئۇنىڭ بەدىنى يېڭى يۈرەكنى يەكلىمىگەنىدى.نازىركوز قايتىپ،ئارجۇن ئاستا-ئاستا ھوشىغا كېلىشىكە باشلىدى.ئۇ كۆزىنى ئېچىپ،ئاغزىنىڭ قۇرۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىدى.
سېسترا ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ،نېمە لازىملىقىنى سورىدى.
-سۇ...ئايالىم...-دېدى ئۇ ناھايىتى تەستە.سېسترا ئۇنىڭىغا مۇز سۈيى ئەكېلىپ بەردى ھەم شامىنى چاقىردى.ئارجۇن شامىغا سوئال نەزىرىدە قاراپ سورىدى؛
-ئۇ ھازىرلا كېلىدۇ،سەن ئوبدان ئارام ئال.دوختۇرلار ئوپېراتسىينىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى ئېيىتتى،سېنى تەبرىكلەيمەن،-دېدى شامى.
ئىككى ھەپتىدىن كېيىن ئارجۇن ئۆيىگە قايتىپ چىقتى.ئوپراتسىيىدىن كېيىن سالامەتلىكى تېزلا ئەسلىگە كەلدى.بىراق ئۇنىڭ ئىچى بەكمۇ سىقىلىدى.خوتۇنى مارلۇبى يوق، ئۆي ئىچى چۆلدەرەپ قالغانىدى،مارلوبى شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى،بىراق ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ بىر قىسىمى قايتىپ كەلگەنىدى.مارلۇبى ئۆيگە قايتىماقچى بولۇپ،ئايرودرومغا كېتىۋاتقاندا،ئۇ ئولتۇرغان ماشىنا ئالدىدىن ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ماشىنا سوقۇلغان،ئۇ دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنىپ،جىددىي قۇتقۇزۇلغان بولسىمۇ،ئامال بولمىغان.ئۇنىڭ چوڭ مېڭىسى پۈتۈنلەي زەخمىلەنگەنىدى.دوختۇرخانا ئۇنىڭ پراۋىسىدىن ئۇنىڭ ئەزا تەقدىم قىلىغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلىپ،ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىپ قالدى.يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيە نۆۋىتى ئارجۇنغا كەلگەنىدى.ئۆلگۈچىنىڭ قان تىپى قاتارلىق ئەھۋاللىرى ئارجۇننىڭىكىگە ماس كەلگەچكە،ئۇنىڭ يۈرىكى ئارجۇنغا سېلىنىغانىدى.ئارجۇن بۇ ئەھۋاللارنى بىلىگەندىن كىيىن ئىنىتايىن ئۈمىدىسزلەندى.ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دېرىزە سىرتىغا قاراپ، ئۆزلىرىنىڭ 30يىل ئاۋۋال كالكۇتتا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىنى ئېسىگە ئالدى.ئۇلار مۇھەببەتلىشىشىكە باشلىغاندا،ئارجۇننىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى.
-تۇغۇلغان كۈنىدىڭىزدە نېمە سوۋغا قىلاي؟-دەپ سورىدى مارلۇبى.
-يۈرىكىڭىزنى،-جاۋاب بەردى ئارجۇن.مارلۇبى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ،خىجىل بولغىنىدىن بېشىنى تۆۋەن سېلىپ،كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرغانىدى،ئۇنىڭ بۇ ھالىتى نېمىدېگەن گۈزەل،نېمىدېگەن ئوماق-ھە!
بۇلارنى ئويلاپ،ئارجۇننىڭ كۆز يېشى ئىختىيارسىز تاراملىدى.
مەنبە؛تەرمىلەر

توردا
137سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
949 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-26 20:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ بەك تەسىرلىك ھېكايىكەن ، تېمىڭىزغا رەھمەت ! بىراق بەكلام ئېچىنىشلىقكەن ،ھەي...

توردا
58سائەت 
نادىر تېما
دوست
17 
يازما
382 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 01:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بولىدىكەن ، كىيىن كىتاپ يازسىڭىزمۇ بولغىدەك .

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 10:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك تەسىرلىك ئىكەن .

توردا
52سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
728 
تېما
23 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 11:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ ..... ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1576 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 12:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىككەن،رەخمەت سىزگە........

توردا
198سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
822 
تېما

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-27 13:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەي ... ئۇلارنىڭ مۇھەببىتى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئىكەن ......

توردا
115سائەت 
نادىر تېما
دوست
48 
يازما
813 
تېما
15 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 09:42 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك تەسىرلىك ھېكايىكەن

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
1018 
تېما
21 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-3 10:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسلا ئالاھىدە سوۋغىكەن . تەسىرلىك .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.