- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-17
- تىزىملاش
- 2011-5-5
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 7سائەت
- جۇغلانما
- 80
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 3
- توردا
- 7سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 3
|
40مىڭدىن كۆپ قويمىچى تور پونكىتى بىر تەرەپ قىلىندى
2011– يىل5– ئاينىڭ13– كۈنى07:40شىنجاڭ گېزىتى
قويمىچى تور پونكىتلىرىنىڭ تور سودىسى ئالدامچىلىقى قاچان تۈگەيدۇ؟
تور دەۋرىنىڭ تېز تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، توردا مال سېتىۋالىدىغانلار ئالدامچىلارنىڭ يېڭى نىشانىغا ئايلاندى. جۇڭگو قويمىچى تور پونكىتلىرىغا قارشى تۇرۇش ئىتتىپاقى ئېلان قىلغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2011 – يىلى 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 43 مىڭ 842 قويمىچى تور پونكىتى بىر تەرەپ قىلىنغان، ئۇلار ئاساسلىقى توردا مال سېتىۋېلىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق ساھەلەردە تور ئەھلىگە توزاق قۇرۇپ، پۇلىنى ئېلىۋالىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر: توردا مال سېتىۋېلىش كەسپىدە ھەر بىر قېتىملىق سودىنىڭ سوممىسى ئاز بولسىمۇ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئومۇمىي مىقدارى كۆپ بولغاچقا، ئالاقىدار تارماقلار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور سودىسىغا بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، دەپ قارىدى.
توردا مال سېتىۋالغاندا توزاققا چۈشۈپ كېتىش كۆپىيىپ كەتتى
بىرقانچە يۈز تور ئەھلىنىڭ بىر مىليون يۈەندىن كۆپ پۇلى ‹‹قۇدۇق››قا چۈشۈپ كەتتى
تور ئەھلى دۇڭ شياۋمەي مۇنداق دېدى: 1 – مارت چۈشتىن كېيىن، ‹‹تاۋباۋ›› تور پونكىتىدا ‹‹سامسۇڭ›› ماركىلىق يان تېلېفوننى زاكاز قىلغاندىن كېيىن، پېرېۋوت تورىغا كىرىپ، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ كارتىسى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرۇش كۇنۇپكىسىنى چەكسەم، پېرېۋوت تورىنىڭ تور بېتى تۇيۇقسىز ‹‹ۋاڭلۇڭ›› شىركىتى قارىمىقىدىكى ‹‹91›› پۇل تاپشۇرۇش سۇپىسىغا ئالمىشىپ قالدى. بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن قىلمايلا، ‹‹پۇل تاپشۇرىمەن›› دېگەن كۇنۇپكىنى چېكىپ، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ پۇل تاپشۇرۇش تور بېتىگە كىرىپ، بانكا كارتامنىڭ ھېسابات مەخپىي نومۇرى بىلەن تور بانكا بىخەتەرلىك قارانچۇقۇمنىڭ پۇل چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزدۈم، بۇ چاغدا ئېكراندا پۇل تۆلەشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغانلىقى توغرىسىدا ئەسكەرتمە چىقتى، شۇنىڭ بىلەن گۇمانلىنىپ قالدىم.
دۇڭ شياۋمەي: شۇنىڭ بىلەن دەرھال قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ تور پونكىتىغا كىرىپ، كارتامدىكى قالدۇق پۇلنى سۈرۈشتۈردۈم، پۇل چىقىم قىلىنىپ بوپتۇ. لېكىن، ‹‹تاۋباۋ›› تور پونكىتىغا قايتا كىرىپ، سۈرۈشتۈرسەم مالغا تېخى پۇل تاپشۇرمىغانلىقىم زاھىر بولدى، شۇندىلا باشقىلارغا ئالدىنىپ كەتكەنلىكىمنى بىلدىم، دېدى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، قويمىچى تور پونكىتىغا ئالدىنىپ كەتكەن دۇڭ شياۋمەيگە ئوخشاش تور ئەھلى بىر قانچە يۈزدىن ئاشىدىكەن. ئۇلار قويمىچى تور پونكىتىنىڭ توزىقىغا چۈشۈپ كەتكەنلەر QQ توپى قۇرۇپ، باشقىلارغا توردا مال سېتىۋالغاندا ئېھتىيات قىلىشنى ئەسكەرتكەن. يۈزەكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، قويمىچى تور پونكىتلىرى توردا مال سېتىش باھانىسى بىلەن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇل بىر مىليون يۈەندىن ئاشىدىكەن.
تور قويمىچىلىقى بارغانسېرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ
توردا مال سېتىۋالغاندا ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش قىيىن بولۇۋاتىدۇ
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تور قويمىچىلىق ئۇسۇللىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەن. ئەنئەنىۋى قويمىچىلىقتا نورمال تور سودىسى بېكەتلىرىنىڭ پۇل تۆلەش سۇپىسىغا ساختا ئۇلانمىلارنى قويۇپ، توردىن مال سېتىۋالغۇچىنى يالغان تور بېتىگە ئالداپ كىرىپ، پۇلىنى ئېلىۋالغان بولسا، يېڭىچە قويمىچىلىقتا تېخىمۇ يوشۇرۇن، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغان ‹‹ترويا›› ۋىرۇسى ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلىنغان، بۇنداق ئالدامچىلىقتا، توردىن سېتىۋالغان مېلىغا پۇل تۆلەۋاتقان تور ئەھلى پۇلنى قويمىچىنىڭ ھېساباتىغا يوللاپ بېرىۋاتقانلىقىنى قىلچىمۇ سەزمەي قالىدىكەن.
توردا ئالدانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچىنچى تەرەپ پۇل تۆلەش سۇپىسى ۋە تور ئويۇنى شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەن، بىراق يەنىلا ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدىيالمىغان. تور ئەھلى خۇاڭ دۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: قويمىچى تور پونكىتىغا ئالدانغانلىقىمنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال شاڭخەي پېرېۋوت قىلىش تور پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشتىم، بىراق مۇلازىملار: پۇل شىركىتىمىز ئارقىلىق شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا ‹‹ۋاڭلۇڭ›› شىركىتىنىڭ ‹‹91›› قىممەت تولۇقلاش سۇپىسىغا يۆتكىۋېتىلدى، دەپ جاۋاب بەردى. شۇنىڭ بىلەن ‹‹91›› قىممەت تولۇقلاش سۇپىسى مۇلازىملىرىغا ئېلخەت ئەۋەتىپ، سودىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى ھېچبولمىغاندا شۇ قېتىملىق ئىسچوتتىكى مەبلەغنى توڭلىتىۋېتىشنى تەلەپ قىلدىم، بىراق مۇلازىملاردىن پۇل ئىسچوتقا كىرىپ بولدى، ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ج خ ئىدارىسىنىڭ ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق، شۇڭا ئىسچوتنى توڭلىتىشقا ئامالسىزمىز، دېگەن جاۋاب كەلدى.
ئالدانغان تور ئەھلى ج خ ئورگانلىرىغا دېلو مەلۇم قىلسىمۇ، كۆپىنچە ئەھۋالدا پايدىسى بولمايدىكەن. خۇاڭ دۇڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇنداق دېلولارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ، ج خ تارماقلىرى نەچچە مىڭ يۈەنلىك دېلو ئۈچۈن نۇرغۇن ئادەم ۋە ماددىي كۈچ ئاجراتمايدۇ ھەم ئۆلكە ئاتلاپ دېلو بېجىرىش تېخىمۇ قىيىن. ئالدامچىلار زىيانلانغۇچىلارنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغانلىقى، ھەر بىر شەخسنىڭ دېلوغا چېتىشلىق پۇل سانىنىڭ كۆپ بولمايدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكنى تۇتۇۋېلىپ، تەپتارتماي ئالدامچىلىق قىلىۋاتىدۇ.
توردا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش تەخىرسىزدۇر
فۇجيەن ‹‹بامىن›› ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى لىن بودۇڭ مۇنداق دېدى: تور ئەھلى تونۇلغان تور پونكىتلىرىغا بەك ئىشىنىدۇ، ئالدامچىلار تور ئەھلىنىڭ مۇشۇ ئاجىزلىقىدىن پايدىلىنىپ، ھە دەپ قويمىچى تور پونكىتى قۇرۇپ، توردا ئالدامچىلىق قىلىدۇ. كارخانىلارنىڭ قويمىچى تور پونكىتىدىن ئالدىنئالا مۇداپىئەلىنىش مېخانىزمى ۋە ئالدامچىلىق يۈز بەرگەندىن كېيىن بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى مۇكەممەل بولمىغاچقا، تور ئەھلى قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ ‹‹ئولجىسى››غا ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ج خ مىنىستىرلىقى ئاممىۋى ئۇچۇر تورى بىخەتەرلىكى مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسى ئۇيۇشتۇرغان 2010 – يىللىق مەملىكەتلىك ئۇچۇر تورى بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا قارىغاندا، توردا ئوغرىلىق قىلىش، توردا قويمىچىلىق قىلىش تور بىخەتەرلىكى ۋەقەلىرىنىڭ %8.1 ىنى ئىگىلىگەن. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: تور قويمىچىلىقىدىن ئۈنۈملۈك ساقلىنىش ئۈچۈن، چوڭ مال سېتىۋېلىش تور پونكىتلىرى، ئۈچىنچى تەرەپ پېرېۋوت قىلىش شىركەتلىرى، تور ئويۇنى شىركەتلىرى قويمىچى تور پونكىتلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغان مۇكەممەل مېخانىزم ئورنىتىپ، يۇقىرى پەن – تېخنىكىغا تايىنىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش يوچۇقلىرىنى ئېتىپ، تور ئابۇنىچىلىرىنىڭ مەبلەغ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ج خ قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تارماقلىرى تور بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، تور ئەھلىگە بىخەتەر سودىلىشىش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى تېلېگراممىسى)
( مۇھەررىر : بۇئايشەم )
|
|