ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار مۇھەببەتنىڭ تىلى

      

كۆرۈش: 71|ئىنكاس: 3
go

مۇھەببەتنىڭ تىلى

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
205 
تېما
112 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 13:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەت مەيلى ھەرىكەت ياكى تىل جەھەتتىن بولسۇن ئىپادىلەش تولىمۇ قىيىن بولغان مۇرەككەپ پىسخىك ھېسىياتتىن ئىبارەت.
ئۇنداق بولسا مۇھەببەت دېگەن زادى نېمە؟راستىنى ئېيتقاندا مۇھەببەتكە ئېنىق تەبىر بەرگىلىمۇ بولمايدۇ.چۈنكى مۇھەببەت ھېسياتتىن پەيدا بولىدۇ.
ھېسىيات قەلىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا شەكىلىنىدۇ.ئۇ ئاساسلىقى ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا تەبئىي پەيدا بولىدۇ.ياخشى كۆرۈش،سۆيۈلۈش ۋە سۆيۈش قەلىنىڭ چوڭقۇر قاتلانلىرىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ.مۇھەببەتنىڭ ئېنىق تىلى بولمايدۇ.كۈلۈمسىرەش،تەبەسىسۇم،ئىچىكى ھېسىياتنىڭ تاشقى ئىپادىسى بولۇپ،ئۇ قاراشى تەرەپنىڭ سەزگۈسىگە ئۈنسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ.ياخشى كۆرۈش كۈچلۈك ئەخلاق توسالغۇسى دائىرسىدە بولىدۇ.ئۇنى ئەخلاقتىن ئىبارەت بىر خىل نېپىز پەردە توسۇپ تۇرىدۇ.شۇ سەۋەبتىن ئۇ ئەڭ نەپىس،ئەڭ نازۇك بولىدۇ.مۇھەببەت كۈچلۈك ئەخلاق ئىچىدە پەرۋىش قىلىنىسا شۇنچە باراقسان كۆكلەپ،ئەڭ ساپ،ئەڭ پاكىز،ئەڭ مۇستەھكەم مۇھەببەت ئەڭ سەمىمىي ئەخلاق ئىچىدە تېخىمۇ باراقسانلايدۇ.تۇنجى ئۇچۇرشىشىتىكى ئەخلاقسىزلىق ياكى قوپال ھەرىكەتلەر ھەرگىزمۇ مۇھەببەت پەيدا قىلالمايدۇ.مۇھەببەت قانچىكى كۈچلۈك ھايا ئىچىدە پىنھان تۇتۇلسا شۇنچە شىرىن،شۇنچە ساپ،شۇنچە گۈزەل بولىدۇ،شۇنچە ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ.ئىككى جىنىس ئوتتۇرسىدا ھەم مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بىلەن ھېسىيات ئىزھار قىلىش ئوتتۇرسىدا مۇئەييەن پەرق بولىدۇ.ھېسىيات ئىزھار قىلىش ئەرلەردە كۆپرەك بولىدۇ.ھېسىيات ئىزھار قىىلغۇچىلاردا كۆز ئالدىدىكى ئايالغا نىسىبەتەن قىلچە ياخشى كۆرۈش ھېساتى ئايالغا نىسىبەتەن قىلىچە ياخشى كۆرۈش ھىسىياتى بولمىسىمۇ پەقەت ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ھاۋايى-ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئاشكارە تەلەپ قويىدۇ.ئۇلاردا پەقەت قىز-ئاياللارنى ئەخمەق ئېتىش نىيىتى بار.چوڭقۇر سېغىنىش،ياخشى كۆرۈش،سۆيۈش،تەلپۈنۈش،ئۆزىنى بېغىشلاش،كۈتۈش ئىپادىسى يوق.مۇھەببەت ئىزھار قىلىش بولسا ھېسيات ئىزھار قىلىشىقا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.ئۇ ھەقىقىي ياخشى كۆرۈش،سېغىنىش،ئەسىلەش،بېغىشلاش،چۈشىنىشكە تىرشىشىنى كۆرسىتىدۇ،بۇ خىل ھېسىيات تولىمۇ نازۇك،نەپىس،تارتىنىش،ھايا ئىچىدە تەرەققىي قىلىغان بولغاچقا بۇ خىل مۇھەببەت ئۈنسىز تەلپۈنۈش،سېغىنىش،ئەسىلەش،كۈتۈش ئىچىدە داۋام قىلىدۇ.شۇنداقلا ئۇ تىلىسىز بولىدۇ.بۇنىڭىدا بىر-بىرىگە ئوچۇق ئاشكارا ھالدا تەلەپ قۇيۇش،قۇپاللىق قىلىش ھاجەتسىز.بۇ خىل مۇھەببەت تولىمۇ ساپ بولىدۇ.بىر-بىرىگە تەبەسىسۇم قىلىشلا كۇپايە.بۇنداق مۇھەببەت ھەتتا بىر ئۆمۈر داۋام قىلىدۇ.دېمەك ھىسىيات ئىزھار قىلىشتا مۇھەببەت مەۋجۇت بولمايدۇ.مۇھەببەت ئىزھار قىلىشتا ساختىلىق،ۋاپاسىزلىق بولمايدۇ.ھەقىقىي مۇھەببەت كۈچلۈك قەدىر-قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.ھېسىيات ئىزھار قىلىش ئاياللارنى،قىزلارنى بەخىتسىزلىككە دۇچار قىلىسا،تىلىسىز،سەمىمىي مۇھەببەت قىز-ئاياللارنى بەخىتكە ئېرشتۈرىدۇ،ۋاپا،ۋىجىدان،سەمىمىي بولمىغان قەلىبتە مۇھەببەتمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ.بىراۋنى ھەققىقىي سۆيۈپ باقمىغان ئادەمدە بىراۋنى ياخشى كۆرۈش ئىسىتىكىمۇ بولمايدۇ،شۇنداقلا سۆيۈش،سۆيۈلۈش ئەسلا بولمايدۇ.مۇھەببەت بىر ئادەمنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈش دېمەكتۇر.ئۇكىشىگە بەخىتمۇ،ئازاپمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.مۇھەببەت پەقەت ئازاپ چىكىش بەدىلىگە قىممەتلىك بايلىق ئېلىپ كېلىدۇ،ئۇ ھېسىياتنىڭ پىشىپ يېتىلىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى،ياخشى كۆرۈش ھېسىياتى قەلىنىڭ قانچىكى چوڭقۇر قاتلىمىغا يوشۇرۇنسا شۇنچە ساپ،پاكىز،شىرىن بولىدۇ.
مۇھەببەت بايلاردىمۇ،نامراتلاردىمۇ بولىدۇ.ئۇنى بايلىققا تىگىشكىلى،زورلاپ ئالغىلى،زورلاپ تاڭغىلى ياكى ھېسىياتنى مەجبۇرى قوزغاتقىلى بولمايدۇ.ئۇ ساپ قەلبتە تەبئىي بىخلىنىدۇ.ئەگەر مۇھەببەتنىڭ بايلىق،مەرتىۋە بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار دېيىلسە،ئۇ ھالدا دۇنيا ئالالىسىنىڭ %95نى تەشكىل قىلىدىغان نامراتلار تەنھالىقىتا قالغان بولاتتى.بەلكى ساپ مۇھەببەت سۆزسىز،داۋراڭسىز،پىنھان،نازۇك بولىدۇ.بىراۋنى سېغىنىش ئەسىلەش ئۇنى ياخشى قالغاننىڭ ئىپادىسى.سېغىنىش،ئەسىلەش ياخشى كۆرۈش تىلسىز داۋام قىلىدۇ.شۇنداق بولغىنى ئۈچۈنلا مۇھەببەت شەكىللىنىدۇ.مۇھەببەتنىڭ تىلى ئادەتتىكى ئالاقە تىلىدىن پەرق قىلىدۇ.مۇھەببەتنىڭ تىلى ساپ بولىدۇ.ئۇنىڭىغا تەبىر بېرىش،ئىزاھلاش ھاجەت ئەمەس.ئۇنىڭىغا پەقەت ساپ قەلبلا كۇپايە،بۇ توغرىسىدا نەچچە يىل ئالدىدا مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ئىش مېنى بەكمۇ سۆيۈندۈرىدۇ.دوختۇرخانا ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتىم.كېلىشكەن بىر ئەر تولىمۇ رەتلىك كىيىنگەن چىرايلىق بىر ئايالنى قۇچقىدا كۆتۈرگىنىچە ئالدىراپ كىرىپ كەلدى.مەن ئايالىنى كارىۋاتقا ياتقۇزۇشنى ئېيىتتىم.ئەر ئايالىنى ئاۋايلاپ كارۋاتقا ياتقۇزدى.مەن ئايالنى بىر ئاز كۆزىتىپ تەكشۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قايسى يېرىنىڭ ئاغرىيىدىغانلىقنى،نېمە بولغانلىقىنى،قاچاندىن باشلاپ مۇشۇ ھالغاچۈشۈپ قالغانلىقىمىن سورىدىم. بىراق ھەممە سوئالىمىغا ئەر ئالدىراپ جاۋاب بەردى.كېيىن يەنە ئايالدىن سوئال سورىغان ئىدىم،ئەر؛-ئۇ تىلسىز،گەپ قىلالمايدۇ،-دېدى.مەن ھەيران قالدىم.كېيىن ئۇقسام ئۇلار شەھەر ئەتراپىدا ئولتۇرىدىكەن،تۇرمۇشى شۇنداق بەخىتلىك ئىكەن.بۇ ئىش گەرچە ۇھەببەتنىڭ تىلسىز ئىكەنلىكىگە تىپىك مىسال بولالمىسىمۇ،لېكىن مۇھەببەتنىڭ پاك سەمىمىي ئىكەنلىكىگە مىسال بولالايدۇ.تىلسىز مۇھەببەت پىشىپ يېتىلىگەن سەمىمىيلىككە،پاكلىققا،ۋاپادارلىققا تويۇنغان مۇھەببەت.بۇ خىل مۇھەببەت بىر-بىرىنى چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرۈشكە قىز-يېگىتلەر ئوتتۇرسىدا پىنھان داۋام قىلىدۇ.مۇھەببەتكە تەبىر بېرىش ياكى قىز-يىگىتلەرنىڭ بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشكەن چاغدىكى ئىچكى ھېسىياتنى تولۇق ئىپادىلەشكە تىرىشىش ئانچە ئاسان ئەمەس.
مەنبە؛پەن-ۋە تۇرمۇش

توردا
271سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
890 
تېما
148 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەخمەت سىزگە، مانا بۇ ھەققىقىي مۇھەببەتكەن ئەمەسمۇ،بۇنىڭىغا ئوخشاش ئەھمىيەتلىك تىمىلىرىڭىز ئۈزلۈپ قالمىسۇن قېرىندىشىم

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 18:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
راسىت دەيسىز ھەقىقىي مۇھەببەت ئەنە شۇنداق سۆزسىز بولىدۇ . چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرگەن كىشى سۆيگىنىنىڭ ھەر بىر ئىشغا ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلىدۇ .

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1576 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-21 20:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇھەببەت ، ھەي ..................رەخمەت سىزگە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 13:21

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.