ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئەرلەر 40، ئاياللار 37 ياشتا ئاسان «رېلىس» تى ...

      

كۆرۈش: 79|ئىنكاس: 4
go

ئەرلەر 40، ئاياللار 37 ياشتا ئاسان «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن

توردا
68سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
114 
تېما
83 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 16:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

سىنگاپوردىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 37 گە يەتكەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان، ھەتتا ئاجرىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدىكەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا 10 يىلدىن ئاشقان شېرىن تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمايدىغان بولۇپ، ئاسانلا ھېسسىيات جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر-ئاياللار كەلگۈسىنى ئويلىمىغاندا، سەبىي بالىلارنى يېتىم قېلىشتەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.
شاڭخەي شەھەرلىك 10- دوختۇرخانىنىڭ جىنس پسىخولوگىيىسى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر 40 ياشتا، ئاياللار 37 ياشتا خۇددى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئامراقتەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.
تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئۆز ئارا سۈركىلىش مەزگىلى، يەتتىنچى يىلى كرىزىس مەزگىلى، 10- يىلى بولسا بۇرۇقتۇرما بولۇش مەزگىلى ئىكەن. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، كىچىك ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. يەتتىنچى يىلدىكى كرىزىس مەزگىلىدە بولسا، ھەر ئىككى بىر-بىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن.
دېمەك، مۇشۇ ئارىدىكى خەتەرلىك مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، نىكاھ تۇرمۇشىدا غەيرىي ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن.

توردا
138سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
955 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 20:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي نىمانداق خەتەرلىك، ياش 40 قا بارغاندا بەكرەك ئېھتىيات قىلىپ يۈرمىسەك بولمىغۇدەك جۇمۇ ! اللاھتىن ئىنسابىمىزنى تىلەپ ياشىغىنىمىز ياخشى ! ئۇنداق بوپ قېلىشتىن خۇدا پاناھلىق بەرسۇن !

توردا
373سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
1356 
تېما

شۆھرەت مۇكاپاتى ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 20:34 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ مۇمكىنچىلىكمۇ باردۇر بەلكىم .

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
779 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-22 21:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاۋۇ رەسىمدىكى ئىككەيلەننى كۆرمەك

توردا
435سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2448 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-23 12:05 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شۇنىداقىمۇ . تىمىڭزغا كۆپ رەخىمەت ھە ! سىز دائىم تۇرمۇشىقا يىقىن ئېسىل تىملارنى يوللايىدىكەنىسز . مەن سىز يازغان تىملارنى بەك ياخىتۇرۇپ ئوقۇيىمەن . بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرشىڭىزنى تەۋىسيە قىلمەن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-24 11:34

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.