تاياق يىدىم خوتۇندىن
( مۇرەببە )
ھاراق ئىچىپ پۇلۇمدىن،
ئېزىپ قالدىم يولۇمدىن ،
بۇ باشلاندى تويۇمدىن...
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
زابۇي بولۇپ يىتىشتىم،
ئۇلپەت بىلەن كۆرۈشتۈم،
ئەرنى كۆرسەم سۆيۈشتىم،
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
ئۇردى مېنى نوغۇشتا،
پۇتۇم سۇندى بۇ قىشتا ،
كۆڭلۈم سۇندى گومۇشتا ،
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
ھەپتە ياتتىم بالنىستا ،
يەنە ئىچتىم قارىستا ،
قايتا يىدىم يارىستا...
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
ئۇرۇپ باقتى ئۆيۈمدە ،
كۆيۈپ باقتى سۇيۇمدە ،
ساقلاپ باقتى ئۆلۈمدە ...
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
بىزار بولدى خۇيۇمدىن ،
قېچىپ كەتتى ئۆيۈمدىن ،
ئۇچۇپ كەتتى روھىمدىن ...
تاياق يىدىم خوتۇندىن .
ئاپتۇرى: يۇسۇپجان سابىر ئوتياق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا otyak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-20 12:02
|