ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر سەككىز نەپەر «QQ ئوغرىسى» قولغا ئېلىندى
كۆرۈش: 272|ئىنكاس: 19
go

سەككىز نەپەر «QQ ئوغرىسى» قولغا ئېلىندى  

توردا
187سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
482 
تېما
129 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى خەۋىرى، مۇشۇ ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 8 دە، ئۈرۈمچىدىن قوزغالغان يولۇچىلار پويىزى ئاستاغىنا كورلا بېكىتىگە كىردى. سەككىز نەپەر تور جىنايەت گۇماندارىنى كورلا شەھەرلىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ساقچىلىرى پويىزدىن ئېلىپ چۈشتى. تا بۈگۈنگىچە، ساقچىلار بۇ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ كەينىگە 45 كۈن چۈشۈپ، نەچچە ئۆلكە ئاتلاپ QQ نومۇرىنى ئوغرىلاپ تور ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنى رەسمىي پاش قىلغانىدى.

7-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرلار بىرىنچى قېتىم دېلو بېجىرىدىغان ساقچىلارنى زىيارەت قىلدى.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئالدىنقى بىر مەزگىل ۋاقىتتا، بۇ قاسىم قانۇنسىز ئۇنسۇرلار QQ ياغاچ ئات ۋىرۇسى ۋە تاۋباۋ تورىنىڭ «بېلىق تۇتۇش» بەتلىرىدىن پايدىلىنىپ، تورداشلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئۇلار مەزكۇر QQ ئىگىسىنىڭ QQ دىكى دوستلىرىدىن پۇل سېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇلارنىڭ نۇرغۇن پۇللىرىنى ئېلىۋالغان. پۈتۈن ئوبلاست دائىرىسىدە مۇشۇنداق دېلولار ناھايىتى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن، بۇ خىل ھادىسە ئاخىرىدا كەڭ تورداشلارغا زور دەرىجىدە ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھادىسە، ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، كورلا شەھەرلىك مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى ساقچىلىرى مەزكۇر دېلوغا پۈتۈن دىققىتىنى قاراتقانىدى.
بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق مەلۇم بولدىكى، بۇ خىلدىكى تور ئالدامچىلىق جىنايەتلىرى بىر ئوبلاست ياكى بىر ئۆلكە بىلەن چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى مەملىكەتنىڭ پۈتۈن ئۆلكىلىرىنى قاپلىغان. شۇنىڭ بىلەن مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تاللانغان ساقچى قىسىملارنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا خېبىي، گۇاڭشى، خۇنەن قاتارلىق جايلارغا يۆتكەپ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇلار 45 كۈن نەچچە مىڭ چاقىرىم يولنى بېسىپ جاپالىق ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك سەككىز نەپەر جىنايەت گۇماندارىنى قولغا ئالغان. مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۈچ دانە ئالدامچىلىق شايكىلىرى بىتچىت قىلىپ، 148 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ھارام پۇلنى قايتۇرۇپ كەلگەن.
چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بۇ بىر قىسىم تور ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇماندارلىرى ئاساسلىقى گۇاڭشى ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇلار ئۆزىنىڭ خايكېرلىق تېخنىكىسىغا تايىنىپ باشقىلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ QQ دىكى دوستلىرىدىن پۇل ئۈندۈرۈۋالغان. نۆۋەتتە، بۇ سەككىز نەپەر تور ئالدامچىلىق جىنايىتى گۇماندارلىرى باشقىلارنىڭ QQ نومۇرلىرىنى ئوغرىلىۋېلىپ، ئۇلارنىڭ دوستلىرىدىن پۇل تەلەپ قىلىشنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ سەككىز نەپەر جىنايەتچى «QQ نومۇرىنى ئوغرىلاش» جىنايى ئىشلىرى بويىچە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ.
ساقچى تەرەپ كەڭ تورداشلارنى مۇنداق ئەسكەرتىدۇ:«كۆرگىنىمىزنىڭ ھەممىسى راست بولۇشى ناتايىن، توردىكى ئالدامچىلىقلارنى مۇداپىئەلىنىش تونۇشىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. شۇنىڭ ئۈچۈن QQ رىمزىغا ئالدىراپ ناتونۇش كىشىلەرنى قاتماسلىقىمىز، ئۇلار ئەۋەتكەن تۈرلۈك ئې-خەتلەرنى ئاچماسلىقىمىز، تۈرلۈك ۋىرۇسخۇرلار ۋە يۇمشاق دېتاللارغا دىئاگنوز قۇيۇش قوراللىرى ئارقىلىق بىز زىيارەت قىلىۋاتقان بەت ياكى ئې-خەتلەرگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتىشىمىز، ئەگەر خەتەر بايقالسىلا، ئۇنى تاقىۋېتىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، سىنلىق پاراڭلىشىۋاتقان ۋاقىتتا قارشى تەرەپنىڭ پۇلنىڭ گېپىنى قىلغان ھامان، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىشىمىز كېرەك».





مەنبە:مىسرانىم تورى

توردا
4سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
31 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاي خۇدا ...
مەن تېخى چ چ ئوغۇرلىرى يوقاپ قالدى دەپ يۇرۇپتىكەنمەن ...
بىر چاغلاردا چ چ ئوغۇرلاپ دوستلىرىمغا پۇل دەپ ئۇچۇر يازغىنى ئېسىمدە ...
بىر ياخشىغا بىر يامان ھەرجايدا بار يارىيار دېگەن بەك توغرا گەپ جۇمۇ ...

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توۋا....ئاشۇنداقمۇ ئىشلار بار ئىكەن ھە..مىنىڭ ئەمدى ئاڭلىشىم بۇ گەپنى..ئېھتىيات قىلساق بولغۇدەك جۇمۇ...

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1044 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:46 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش choice124forget نىڭ يازمىسى

خاتېرجەم بولۇڭ سىزنىڭكىگە ھىچكىم دۈم چۈشمەيدۇ

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش guy نىڭ يازمىسى

مەنمۇ دۈمچۈشمىگۈدەك مەخپى نۇمۇردىن بىرنى سىلىۋالدىم تازا ئۇنىڭغا.....سىز نىمىگە كۈچەپ كەتتىڭىز ئەمدى؟..توۋا...

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1165 
تېما
248 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمانىداق كاللىسى ئشلەيدىغانلار بۇلار،،،،،،، شۇنچىلىك ئىشنى ئويلاپ قىلالىغان ئادەم بىر ئىشقا كاللىسى ئىشلىمەپتۇ..................... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaplan120 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-7-15 17:56

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1044 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 17:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش choice124forget نىڭ يازمىسى

ۋاقتى كەلگەندە مەخپي نومۇرلىرڭىز چ چ رىڭىزغا ياماق بولالمايدۇ.مەن سىزنىڭ كاللىڭىز ئىچىلىپ قالسۇن دەپ كۈچەۋاتىمەن بىلمىدڭىزما كالۋا

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش guy نىڭ يازمىسى

ياماق بولالمىسا موزدۇزنىڭ قېشىغا ئاپىرامەن يەنە.رەھمەت جۇمۇ..ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزگە...لىكىن مەن كالۋا ئەمەس جۇمۇ...

توردا
268سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
1044 
تېما
111 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش choice124forget نىڭ يازمىسى

مۇزدۇر ئىشلارنى قىلالمايدۇ،قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويغنى ياخشىمىكىن؟ئەڭ ياخشىسى مىنىڭ قىشىمغا ئەكىلڭ،رەھمىتڭىز قۇرۇق بوپقاپتۇ لىكىن شۇنداق بولسىمۇ قۇبۇل قىلاي،راس ئۇششاماسىز؟

توردا
66سائەت 
نادىر تېما
دوست
38 
يازما
451 
تېما
49 
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-15 18:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش guy نىڭ يازمىسى

ئۇششا دىگەن نىمە دىگەن گەپ ئۇ؟؟ ھۇشيار دىگەن گەپمۇ يا؟؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:22

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.