- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-19
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 234سائەت
- جۇغلانما
- 8625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
- توردا
- 234سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 32
- يازما
- 2146
- تېما
- 263
|
ھەممە ئىتراپ قىلىدىغان بىر ياخشى ئەر نىكاھتىن ئاجىرىشىپ كىتىپتۇ، باشقىلار بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ، ئۇ ئەر ئىچ-ئىچىدىن ئۆكۈنۈپ تۇرۇپ،<<زارلانغاق ئايال يولۋاستىنمۇ ۋەھشى بولىدىكەن>> دەپتۇ ۋە مۇنداق ئوبرازلىق ئوخشىتىش قىپتۇ؛ كىچە ئاسمىنىغا قارىدۇق دەيلى ، مىنىڭ كۆرىدىغنىم يۇلتۇزلۇق ئاسمان بولسا ، ئۇنىڭ كۆرىدىغىنى زۇلمەت كىچە، يەنە كىلىپ زۇلمەت كىچىدىن توختىماي زارلىنىدۇ، زارلىنىش خۇددى قوش بىسلىق ئۆكۈر خەنجەردەك ، ئىككى تەرەپنى قاتتىق ئازاپلاپ، ئاخىرى ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان.
ئاياللارنىڭ ئاھۇ -زارى دەماللىقا ئەرلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىشى مۇمكىن ، لىكىن، ھىچقانداق نەرسە كۆزگە سىغمايدىغان ، كۆڭلىگە ياقمايدىغان ، ھەددىدىن زىيادە زارلىندىغان ئاياللاردىن ئەرلەر قورقىدۇ، ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
بەزى ئاياللار مەڭگۈ دۇنيانىڭ ئەڭ ئوسال تەرىپىنىلا كۆرىدۇ، مەسىلىلەرنى ئويلىغاندا زادىلا يەشكىلى بولمايدىغان تۈگۈنگە ئىسىلىۋالىدۇ، باشقىلار كۈلۈپلا ئۆتكۈزىۋىتىدىغان ئىشلار ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك چوڭ ئىش ھىساپلىنىدۇ. ئىجتىمائىي كەيپىياتتىن تارتىپ، تۇرمۇش مۇھىتىغىچە ، ئائىلە ماجراسىدىن تارتىپ خىزمەتداش، دوسلارنىڭ تالاش-تارتىشلىرىغىچە، يولدا ماشىنا توسۇلۇپ قالغاندىن تارتىپ، يىڭى ئالغان كىيىمىنىڭ پۇرلۇشۇپ قالغىنىغىچە... ھەممىسىگە زارلىنىدۇ.
ئاياللار زارلانغاندا، باشقىلارنىڭ خاتالىقى ئارقىلىق ئۆزىنى ئازاپلاپلا قالماي ، ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ خاتالىقى ئارقىلىق باشقىلارنى ئازاپلاپ، باشقىلارنىڭ ھاياتلىق رىتىمىنى قالايمىقانلاشتۇرىۋىتىدۇ. بەك كۆپ زارلانغاندا ، ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نۇرىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپلا قالماي، ياپيىشىل دوسلۇق دەرىخى ، مۇھەببەت گۈلى ، ئۆزى ياراتقان شادلىق بىغىنىمۇ ۋەيران قىلىۋىتىدۇ.
تۈگىمەس زارلىنىش شادلىقىنى ئىشىك سىرتىدا قالدۇرغاچقا ، ياخشى چاغلار قولدىن كىتىپ قالىدۇ، قىممەتلىك ھاياتقا ئۇۋال بولىدۇ.
زارلانغاق ئاياللاردىكى ئاساسلىق كىسەل شۇكى ، ئۇلاردا ھاياتلىق ۋە تۇرمۇشقا نىسپەتەن مىننەتدارلىق تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، ھايات شۇنچىلىك قىسقا، شۇنچىلىك قىممەتلىك تۇرسا ، تۇرمۇشتىكى قىل چاغلىق ئىشلاردىن زارلىنىشقا يەنە نىمە ئاساسىڭىز بولسۇن؟
زارلانغاق ئاياللاردىن بولماي، <<تۇرمۇشنى مەنىلىك ئۆتكۈزىدىغان ، تۇرمۇشنىڭ تەمىنى تىتىيالايدىغان >> تەمكىن ئاياللاردىن بولۇڭ، شۇنداق قىلسىڭىز، ئاندىن ئىللق ۋۇجۇدىڭىزدىكى ئاياللىق خاسلىقىڭىزنى جۇلالاندۇرالايسىز.
ھۆرىگۈل يۈسۈپ(ت)
|
|