ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 1
go

ئىلھام.....

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 19:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يىگىرمە يىشىمدا ، مەن ئىشلەۋاتقان شىركەت تاقىلىپ قىلىپ، ئىشسىز قالدىم.
_ ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنسىز،_ دىدى دىرىكتور ماڭا.
_ تەلەيلىك ؟_ ۋارقىراپ كەتتىم مەن ،_ ئىككى يىل ۋاقتىم بىكار كەتتى، ئون ئالتە مىڭ سوم ئىش ھەققىمنىمۇ ئالالمىدىم.
_ راسىت، سىز ھەقىقەتەن تەلەيلىك ،_ دىدى دىرىكتور يەنە ،_ ئومومەن ياش ۋاقتىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ھەممىسى تەلەيلىك كىشىلەر. ئۇلار غەيرەتكە كىلىپ، ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئىزچىل تەلىيى كىلىپ، قىرىق_ ئەللىك ياشلارغا بارغاندا بىشىغا كۈن چۈشكەنلەر ئەڭ بىچارە كىشىلەردۇر، بۇنداق كىشىلەر ئىشنى قايتىدىن باشلاشنى ئۆگەنمىگەن بولغاچقا ، بۇ چاغدا تولىمۇ كىچىككەن بولىدۇ.
ئوتتۇز بەش يىشىمدا بىر سودا مەسلىھەتچىسى ماڭا؛
_ خىزمىتىڭىزنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن ئاغرىنماڭ. خىزمىتىڭىز مۇرەككەپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كىرىمىڭىزمۇ شۇنچە كۆپ بولغان، ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ خىزمىتى مەسئۇلىيىتى ئانچە سۈرۈشتۈرۈلمەيدىغان ، مۇرەككەپ خىزمەت بولمىغاچقا ، كىرىمىمىۇ تۆۋەن ، خىزمەت قانچە قىيىن بولسا، شۇنچە كۆپ ھەق ئالىدىغان گەپ،_ دىدى.
قىرىق يىشىمدا بىر پەيلاسوپ ماڭا؛
_ يەنە بەش يىلدىن كىيىن زور بىر ئىشنى بايقايسىز. ئۇ بولسىمۇ ، ئاۋارىچىلىك تاساددىبى كىلىپ قالمايدۇ، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر ئاۋارىچىلىك ،_ دىدى.
مانا ھازىر ئەللىككە كىردىم، بۇ ئۈچ دوستۇمىنڭ بەرگەن ئىلھامى ھەقىقەتەن ئۇلۇغ ھەقىقەت ئىكەن.
مەنبە؛<<تەرمىلەر>>

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
30 
يازما
552 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 03:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭچىمۇ ئۇلۇغكەن. لىكىن ئادەم ياش ۋاقتىدا مەغلۇپىيەتكە تولا ئۇچىراپ ئۆزىنىڭ قوبۇل قىلىش چىكىدىن ئىشىپ كەتسە مېنىڭدەك بىپەرۋا بوپ قالىدۇ. كۆنۈپ قالسا تىخىمۇ چاتاق.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:19

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.