- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-5-17
- تىزىملاش
- 2011-5-5
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 7سائەت
- جۇغلانما
- 80
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 3
- توردا
- 7سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 4
- تېما
- 3
|
• ئىلاۋە: 7-ماي ئىشچىلىرىنىڭ سوغۇرتا ھەققىنى تولۇقلاپ تاپشۇرغاندىن كىيىنىكى ھايات ۋاقتىدىكى تەمىناتى ۋە قازا قىلغاندىن كىيىنكى نەپىقە پۇلى ھەققىدە بىر-بىرىگە زىت مىش-مىش گەپلەر بەك تولا.ئادەم ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قالىدۇ.تۈۋەندىكىسى ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگىدىن كۆچۈرۈپ يوللانغان تېما.ھەقىقى ئەھۋال زادى قانداق؟ تورداشلارنىڭ سېلىشتۇرۇپ باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن。 ھەم شۇنداقلا ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگىدىكى دوسىتلارنىڭ ئەمگىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى
ئاتا-ئاناڭلارنى پىنسىيىگە چىقىرىپ قۇيۇڭلار
ئاپتونۇم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 2010-يىلى 98- نۇمۇرلۇق ھۆجىتىنىڭ روھى بويىچە رايۇنىمىزدىكى شەھەر-بازار سۇغۇرتىغا قاتناشمىغان كوللىكىتپ كارخانللىرىنىڭ پىنسىيە يېشىغا توشقان خادىملىرى سۇغۇرتا پۇلىنى تۇلۇقلاپ تۆلەپ پىنسىيە چىقسا بولىدۇ.
1-كونكىرىتنى تەلەپ تۆۋەندىكىچە:
1. شىنجاڭ شەھەر- بازار نۇپۇسىدىكى، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان 5-7 (7-ماي )ئىشچىللىرى ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى، ئۆزلىرى ئىختىيار قىلىپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى بىر قېتىمدىلا تاپشۇرغاندىن كىيىن، شەھەر- بازار ئىشچى- خىزمەتچىللىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا دائىرسىگە كىرگۈزۈشكە بۇلىدۇ.
2. 1996- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن بۇرۇن، شەھەر- بازارلاردىكى ھەرقايسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار بىلەن ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورناتقان ھەمدە ئۈچ يىلدىن يۇقىرى خىزمەت قىلغان بولسا.
3. 2009- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىدىن بۇرۇن، ئەرلەر 60 ياش، ئاياللار 55 ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇپ قانۇندا بەلگىلەنگەن پىنسىيە يېشىدىن يۇقىرى بولسا.
4. يۇقارقى خادىملارنى بۇدائىرگە كىرگۈزگەندە، يۇقارقى شەرىتلەردىن باشقا، تۇغۇلغان ۋاقتىنى بېكىتشتە كىملىكى بىلەن ئارخىپىنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپى قوللىنىلىدۇ.
2- تەمىنلەيدىغان ماتىرياللار:
1.جەدىۋەل ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سۇغۇرتىغا قانتناشمىغان كوللىكتىپ كارخانىللىرىدىن پىنسىيگە چىققانلارنى ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى دائىرسىگە كىرگۈزۈشنى تەستىقلاش جەدىۋىلى).
2. بىر سۇڭلۇق 5 پارچە رەسىم، كىملىكنىڭ ئەسلىي نۇسخىسى ۋە كۆپىيىتمە نۇسخىسى.
3. نۇپۇس دەپتىرىنىڭ ئەسلىي نۇسخۇسى ۋە كۆپىيىتمە نۇسخىسى.
4. بىرەر ئورۇندا ئۈچ يىلدىن يۇقىرى ئىشلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپاتلار، مەسىلەن: ئارخىپ، مائاش جەدىۋىلى، ئەمگەك توختامى، ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى ئاخر لاشتۇرۇش ياكى بىكارقىلغانلىق ئىسپاتى، ئىدار تارقاتقان ھەرخىل كېنىشكە ۋە تەغدىرلەش گۇۋاھنامىللىرى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىق سۆزى يۇقارقىلارنىڭ قايسىسى بولسا بۇلىدۇ.
3-سۇغۇرتا پۇلىنى تۇلۇقلاش ئۆلچىمى:
55-60 ياشتىكىلەر 33500 يۇەن
61 ياشتىكىلەر 31900يۇەن
62 ياشتىكىلەر 30300يۇەن
63 ياشتىكىلەر 28700 يۇەن
64 ياشتىكىلەر 27100 يۇەن
65ياشتىكىلەر 25500 يۇەن
66 ياشتىكىلەر 23900 يۇەن
67 ياشتىكىلەر 22300 يۇەن
68 ياشتىكىلەر 20700 يۇەن
69 ياشتىكىلەر 19100 يۇەن
70 ياشتىكىلەر 17500 يۇەن
71 ياشتىكىلەر 15900 يۇەن
72 ياشتىكىلەر 14300 يۇەن
73 ياشتىكىلەر 12700 يۇەن
74 ياشتىكىلەر 11100 يۇەن
75- 79 ياشتىكىلەر9500 يۇەن
80 ياشتىن يۇقىرىلار 9500 يۇەن
ھەر چوڭايغان بىرياشقا 1600يۇەن ئاز تاپشۇرسىڭىز بۇلىدۇ.
4- ئىش ھەققى تەمىناتى
55-69 ياشتىكىلەرنىڭ 400 يۇەن ياشانغاندا كۈتۈش پۇلى، 120 يۇەن ئىسسىنىش پۇلى، 70 ياشتىن يۇقىرىلارغا 70 يۇەن قۇشۇلىدۇ (470+120) 590 يۇەن،80 ياشتىن يۇقىرىلارغا (400+ 105+120) يۇەن، بۇ پۇل ھەم يىلمۇ يىل يۇقىرلاپ بارىدۇ، خەجلەپ بۇلالماي ئۈلۈپ كەتسە ئېشىپ قالغان قىسى ۋارىسلىرىغا قايتۇرىلىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرىت 20 ئايلىق دەپنە خىراجىتى، ئايلىق ئاپتۇنۇم رايۇن ئىشچى خىزمەتچىللىرىنىڭ ئوتتۇرچە ئىش ھەققىنى ئۆلچەم قىلىپ ئككى ئايلىق تۆلەم پۇلى تارقىتىلىدۇ.
بۇ تۆلىگەن پۇل تۈگەپ كەتسە ھۆكۈمەت داۋاملىق باقىدۇ ،تەمىنات ئۆزگەر مەيدۇ، بۇ سىياسەت 2011- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن كىيىن قايتا تەستىقلانمايدۇ.
كۆپچىلىك دەرھال ئاتا- ئاناڭلارنى قاتناشتۇرۇپ قۇيۇڭلار.
چۈشەنمىگەن مەسىللەر بولسا بىلوگىمدىن ئىزدىسەڭلار ياكى خەت قالدۇرساڭلار بۇلىدۇ.
مەنبە : ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگى
ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى: بۇ تېمىنى ۋولقان ئەمگەك سوغۇرتا بىلوگىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سەھىپىسىدىن كۈچۈرۈپ كەلدىم.ئۇلىنىش ئادرىسىنى چىقرىشنى بىلمىگەنلىكىم ئۈچۈن بۇ بەتكە چىقرالمىدىم.مۈمكىن بولسا ئۆزىڭىز چىقىرىپ قويغان بولسىڭىز.ئامالنىڭ بېرىچە بۇ تېما يوللانسا ئىكەن ،دىگەن ئۈمىددە مەن.
|
|