ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر دىلداش شېئىرلىرى توپلامى1-قىسىمى
كۆرۈش: 165|ئىنكاس: 5
go

دىلداش شېئىرلىرى توپلامى1-قىسىمى

توردا
85سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
124 
تېما
60 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 01:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)

ساداقەتنىڭ 1-بىتى


ھايات يولى شۇنداق ئۇزاق يول،
گاھى داۋان، گاھىداراۋان.
تۇرمۇش بەرسە بەزىدە كۆزياش،
شادلىقنىمۇ بېرىدۇ ھامان.


ھايات پەسلى ھەر بىر جان ئۈچۈن،
سۆيگۈ ئارمان قوزغاپ ئۆتىدۇ.
جانان ئۈچۈن زارىقسا بىرى،
بىرى ھامان كۈلۈپ ئۆتىدۇ.

شۇنداق يۇسۇن دەۋرىيلىكىدە،
سېنىڭ ئۈچۈن ناخشا پۈتىمەن.
ئۈنسىز كۈتۈش،ھالسىز سۈكۈتتە،
بىر سېنىلا ھامان كۈتىمەن.

سېنىڭ ئۈچۈن ئاتالغان كۆڭلۈم،
سەن قەلبىمدە ھامان بىر قۇياش.
ئارمىنىم شۇ جۈپلەشسە يۈرەك،
تۈگەپ كەتسە بىزدە ياتسىراش.


ساداقەەتىتىىن يازغانلىىرىىمنىىڭ،
قۇبۇل ئەەتسەەڭ مۇشۇ بىىر بېتىى.
دىىققىىتىڭگەە سۇنۇلار رەت -رەت،
شەەيدالىىقنىىڭ تەەكرار ھېكمىتىى.


ساداقەتنىڭ 2-بىتى

يۈرەك نىداسى

بولدى بەس مەن تارتىپ بارچە ئازاپنى،
يەنىلا بەختىڭىنى تىلەيمەن ئەبەت.
قانچىلىك لەنەتلەر ياغدۇرساڭ ياغدۇر،
سەن ئۈچۈن بار مەندە ئۆلمەس مۇھەببەت.

قەلبىمنىڭ كۆككىدە ئۈزەر نىگاھىڭ،
ئۈمۈدلەر بىغىشلاپ ئارمانلىرىمغا.
ئەقىدەڭ يادلىنىپ دىلىمدا ھەر رەت،
جاسارەت ئەيلەيدۇ ئېلھاملىرىمغا.

ئۇنۇتساڭ ئۇنۇتقىن ئىختىيار ساڭا،
ئۇنۇتماي ياشايمەن دىلىمدىن سېنى.
رازىمەن ئەقىدەڭ مۇڭلانغان دەمدە،
كۆڭلىڭدە ئىزلەپ قوي خىيال قىپ مېنى.
====================
ھەمرا قىلغىن ئۈمۈدلىرىمنى

چۈشكۈنلىكتە مۇڭلانما ئەسلا،
ئىرادەڭگە ياغدۇرۇپ لەنەت.
ئۈمۈدۋار بول جاسارەت بىلەن،
شەكسىز بەخىت ئەيلەر مۇھەببەت.

قىين ئەمەس مۈشكۈل ئىشلارمۇ،
تەشەببۇسكار بولساق دەملەردە.
ئارمانلاردىن نۇرلانسا ئۆمۈر،
قالماس دىللار پەقەت غەملەردە.

مەڭگۈ ساڭا ئۈمۈد تىلەيمەن،
ھەمرا قىلغىن ئۈمۈدلىرىمنى.
رىغبەت بەرمەك بولۇپ ئىشقىمدىن،
سۇندۇم شۇڭا ھەر بىر كۈيۈمنى.

بوشاڭلىقتىن يىراق بول يىراق،
ئىرادىلىك بولغىن ھەر قاچان.
ۋىسال بىلەن زوقلۇنار يۈرەك،
ئۈمۈد ئىچرە ئۆتسەك ھەرزامان.


========================

تاتلىق ئازاپ

يۈرەك ئۆتمە تۈشۈك بولسىمۇ،
تۈگۈمەيدۇ بۇ تاتلىق ئازاپ.
كۈتۈشلىرىم ھامان جاۋاپسىز،
كۈتىمەنغۇ يەنىلا چىداپ.

كۆز ياشلىرىم قۇرىغان تامام،
ئۈمۈدلىرىم بوپ كەتكەن خازاڭ.
نىمىشقىدۇر كۈتىمەن يەنە،
مەۋجۇت مەندە كۈتۈش دىگەن ئاڭ.

دىلخانەڭنىڭ دەرىزىسىنى،
چەكتىم تالاي چىكىمەن يەنە.
تاتلىق چۈشتىن ئويغۇنۇپ شۇ چاغ،
ئالارسەنمۇ مېنى ئىسىڭگە.

سۆيگۈم مېنىڭ پايانسىز ئۇپۇق،
سەن كۆككىدە پارلىغان قۇياش.
ئىللىتىدۇ مېنىلا پەقەت،
بۇ قۇياشىم تۆكسەممۇ كۆز ياش.

====================

سۆيۈملىك ئازاپ

كۆز يېشىڭدىن ئېرىدى جىسىمىم،
يۈرىكىم سۇ،تېترەر بى ماجال.
دەۋزاقتىكى مەھبۇسمەن گويا،
ئۆتىنىمەن بولدى جاننى ئال.


ۋىسال بەرگىن ئۆتۈندىم تەكرار،
يۈرمە مەندىن ئەمدى يىتىرقاپ.
ھەمراھىم بوپ قالدى تا ئەبەت.
ئاھ بۇ ئازاپ،سۈيۈملىك ئازاپ.

ئۈمۈد گۈلۈم چاچسۇن خۇشپۇراق،
ئەقىدەڭدىن كۈلۈپ پورەكلەپ.
ئىچ ئاغرىتقىن مىسكىن ھالىمغا،
يۈرەكتە ئوت كۆيەر گۈرۈلدەپ.

=====================

بىر قەدەھ شاراپ

كۈتۈش گويا بىر قەدەھ شاراپ،
ئىچسەم تەكرار بىغىشلار ئازاپ.
ئازاپلارغا چۆككەنچە قانچە،
ئۈمۈدلىرىم بارىدۇ تاراپ.

قارچۇغۇمدا ئۆزسە سىماھىڭ،
مەمنۇنلۇقتىن كۆكلەپ بارىمەن.
چوغلانغانچە خىياللىرىمدا،
ۋىسالىڭدىن يىراق قالىمەن.


ئۆز ئۆزەمگە بىرىپ تەسەللى،
ئۈمۈد كۈتۈپ بەزلەپ بارىمەن.
ئىشقىم ئەبەت تۇرسۇن ئىسىڭدە،
ئەقىدەمدىن كۆڭلۈڭ ئالىمەن.

ئۇنۇتمىغىن سۆيگۈمنى پەقەت،
خىياللىرىڭ ئۆتسۇن مەن بىلەن.
بەخىت ماڭا ئىشەنگىن دىلدىن،
ۋىسال تاپسام پەقەت سەن بىلەن.

----------------------

كۆكلەي ۋىسالدىن

ساداقەتتىن پاك ئەقىدەڭدىن،
ياراتتىڭسەن مەندە مۆجىزە.
ئەقىدەڭگە چۈمۈلۈپ قەلبىم،
ئۈمۈت تاپتى دىلىم مېھرىڭدە.

تاپتىم سەندىن قايتىدىن ئۈمۈد،
ئۇنۇتتۇم شۇ سۇغۇق چۈشلەرنى.
پاك ئىشقىمنى تاپشۇرۇپ دىلدىن،
ئەسلىمەس بوپ ئازاپ كۈنلەرنى.

ئۈمۈد قۇشۇم ئۇچار سەن تامان،
ۋىسالڭدىن كۈتۈپلا خەۋەر.
ئەقىدەمنى يازدىم قۇياشقا،
سەن دىلىمدا ھامان جان كۆيەر.

چۈشكۈنلىككە قالدۇرما مېنى،
بېغىشلاپ تۇر كۆڭلىمگە شادلىق.
قۇچاغىڭدا كۆكلەي ۋىسالدىن،
تىلەكلىرىم ھامان ئارمانلىق.

===================

ئىجازەت بەرسۆيگۈڭدىن

سېنى سۆيمەك بەخىتىمدۇر مىنىڭ،
شەيدالىقتا تىلەيمەن شۇڭا.
كۈتۈشلەردە قالدۇرماي ئەمدى.
ئىجازەت بەرسۆيگۈدىن ماڭا.

ئارمانلاردا يۈرمەي ئاھ ئۇرۇپ،
ئازاپ ئىچرە ئۆتمىسۇن كۈنۈم.
تۇمانلاردەك تىنەپ بوشلۇقتا،
ئىزدىرەكسىز ئۆچمىسۇن ئۈنۈم
.

ھىجرانلاردىن قىل مېنى يىراق،
مۇرات تاپسۇن سۆيگۈدىن يۈرەك.
مېھىرلەردىن كۆكلىسۇن ئۆمۈر،
ئارمان گۈلى ئاچسۇن گۈل چېچەك.

=======================
بۇ تەقدىرگە بولغاچ ئىختىيار

ئەشۇ ئۆستەڭ بويىدا تەنھا،
خىياللاردا باقتىم يىراققا.
تۇيغۇلۇرۇم مەسخۇشدۇربۇدەم
يالپۇز ھېددى پۇراپ دىماققا.

قارچۇغۇمدا چاقنار شۇ سىماھ،
ئۈنسىز سۆزلەر تىلىممۇ ئەنسىز.
خىياللىرىم ئۇچار قۇشلاردەك،
بىر ئۈمۈدتە شۇنچە تەخىرسىز.


ئازاپ يۈتۈپ بارار ئارماننى،
كۈتۈشلەرگە بۇلۇپ ھامىلدار.
ھالسىراشتىن قانمايمەن يەنە،
بۇ تەقدىرگە بولغاچ ئىختىيار.
====================

سەنمۇ مېنى سىغىندىڭ مەندەك

بەلكىم سەنمۇ ئويلايسەن مېنى،
ئىشەنچىم بار سىغىندىڭ مەندەك.
تۇيغۇلۇرۇم بىرەر گۇۋالىق،
ھېس قىلمايمەن ئۇنتۇپ كەتكەندەك.

ئىشەنچ بىلەن ئۆتمەكتە كۈنۈم،
ئۆز ئۆزەمگە تەسەللى بىرىپ.
ئەھدىڭ ھامان قەلبىمدە ئايان،
سەن يۈرمەيسەن لەۋزىڭدىن تىنىپ.


ئۇنتۇش ماڭا نۇمۇستۇر ئەبەت،
ئەقدەڭدىن كۆكلىگەچ ئۆمرىم.
سۆيگۈڭ بىلەن كۆكلىگەچ ئارمان،
قىيانلايدۇ سەن ئۈچۈن ئىشقىم.
=====================

مەھكۇم بۇلۇپ مەھشەھەرگە

يىغلامسىراپ ئۈمۈدلەنگەن ھېس،
قىتىپ قالدى لىۋىمدە كۈلكە.
تەشۋىش ئەزدى ئويغاق تۇيغۇمنى،
گويا مەھكۇم بۇلۇپ مەھشەھەرگە.


خىيالىمدا نۇرلانغان ۋىسال،
غۇۋالىشىپ ئەزدى دىلىمنى.
بىر چۈش بۇلۇپ ئۆتەرمۇ ئەمدى،
زوقلاندۇرماي غەمكىن جىنىمنى.

چۈشكۈنلىككە بىرىپ خاتىمە،
غەم ئازاپتىن قىل ئەبەت يىراق.
ئىشقىڭ مەڭگۈ بىغىشلار رىغبەت،
قىيانلايدۇ ساڭا ئىشتىياق.
----------------------
كەل نىگار

گاھ كۈلدىم ھاياتتا گاھى يىغلىدىم.
قەلبىمدە بىلەمسەن ئازاپلار تالاي.
كەل نىگار يىنىمغا سىردىشايلى بىز،
دەردىمنى ئاھ،ساڭا بىر تۆكۈپ ئالاي.

ساناقسىز سۇئالغا يولۇقتۇم تەكرار،
تەقدىرنىڭ پايانسىز داۋانلىرىدا.
ھەر كۈندىن پۈتۈلدى ئۆزگىچە تارىخ،
تاۋلىنىپ ئىرادە گۈلخانلىرىدا.


سەن بەرگەن سۆيگۈدىن ئاشتى رىغبىتىم،
مۈشكۈلگە ھېچ قاچان ئەگمىدىم بۇيۇن.
ياشىدىم بىر سېنى كۈتۈپ قەلبىمدىن،
ئىزىتقۇ ھېسلاردا كۆرمىدىم ئۇيۇن.

دەردىم كۆپ ئىچىمدە ئازابىم تالاي،
تەسەللى بەر ماڭا ساقلايمەن سېنى.
قۇتقۇزار قەلبىمنى ئۈمۈد مېھىرىڭدىن،
قۇترىغان شىددەتلىك ۋىسال كەلكۈنى.

**************************************
ئاپتۇرنىڭ ئەسكەرتمىسى - مىنىڭ تىمىلىرىمنى رۇخستىمسىز باشقا مۇنبەرگە كۈچۈرۈشكە،خالىغانچە ئۆز نامىدا كۈچۈرۋىلىشقا بولمايدۇ.

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2429 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 07:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
پاھ . بىر بىردىن ئېسل نەزىمىلەر ئىكەن . مەن سىزىگە ھەقىقەتەن قايىل بولىدۇم . ئىلىھام دىگەن بار يەردە باردە ! شۇنىداق بەك ياخىشى يىزىپىسز . مەزمۇنىڭ مۇلىقىنى، تىلىم بىلەن ئىپادىلەشىكە ئاجىزلىق قىلىدىم . كۆپ ئەجىرقىىپسز ، ئەجىرڭىزىگە كۆپ رەخىمەت ، بۇنىدىن كىيىنمۇ داۋامىلىق يوللاپ تۇرۇڭ . نادىرى ئىجادىيەتىلىرڭىز . ئۇزۇلۇپ قالىمىسۇن . مەن سىىزىگە ئۇتۇق تىلەيىمە ن.

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 08:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ نىمىدىگەن ئىسل شىئىرلار بۇ.سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 10:36 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇنبەرنى قىزىتىۋىتىپسىزغۇ، داۋاملىق مۇشۇنداق يوقاپ كەتمەي، نادىر تىمىلىرىڭىزدىن بىزنى ھوزۇرلاندۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن قىرىندىشىم، تىمىڭىزغا تەشەككۈر.....

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 11:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئىسىل شىئىرلارنى يازىدىكەنسىز سىز شائىرمۇ نىمۇ ، يەنە داۋاملىق ئىجادىيىتىڭىزنى توختىتىپ قويماڭ .

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
13 
دوست
30 
يازما
552 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-4 18:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىسىل يازمىلارنى قارشى ئالىمىز.
بۇ يىل ئەجەپ غەلىتە بىر يىل بولدى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 18:43

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.