
ئىھ مېھرىبان جاپاكەش ئاتىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ،
مەن مۇشۇ يازمىنى يىزىۋاتقان شۇ دەقىقىدە مىھرىبان تۈۋرۈكۈم ،يۆلەنچۈكۈم ئاتامنى بەكمۇ سىغىندىم ،ئۇ گەرچە ماڭا ئۈگەي بولسىمۇ ماڭا ئۆز باللىرىدىن بەك ئامراق ئىدى ، بىراق مانا ئەمدى ئەقلىمنى تىپىپ ئاتا قەدرىگە يەتكۈدەك بولغان ۋاقتىمدا بولسا سەن ئاللىقاچان بىزدىن ئايرىلىپ كەتكەن ئىدىڭ ،بەكمۇ ئەپسۇسلىنىمەن سىنىڭ قەدرىڭگە نىمىشقا بالدۇرراق يەتمىگەندىمەن ، چۈنكى بىز بىر ئۆيدە بولمىغاچ بەلكى سىنى يات كۆرۈپ قالغان بولۇشۇم مۈمكىن ،ياكى كىچىكلىكتىن بىلمىگەن بولۇشۇم مۈمكىن ،سەن دائىم ئۇكىلىرىمنى مىنى چاقىرىشقا ئەۋەتەتتىڭ ،مەن باراتتىم تاماق يەڭ دپ زورلايتتىڭ ،بازادرلارغا بىرىپ قالساق كۆڭلۈڭ نىمىنى تارتىدۇ دەپ سورايتتىڭ ، ئىش ئەمگەكتىن كەلگەندە بولسا جىنىم بالام ھىرىپ كەتتىڭىز دەپ بىشىمنى سىلايتتىڭ ،چۈنكى ئۇكىلىرىم ئوقۇيتتى مەنلا دىھقان بولغاچقا ھەم بوۋام بىلەن مومام قىشىدا بولغاچقا بۇ ئىشلارغا تازا .ئىتىبارسىز قارىغان ئىكەنمەن ،مانا مەنمۇ ئاتا بولۇپ ئوغۇللۇق بولغاندا ئاندىن سىنىڭ قەدرىڭنى بىلىپ يەتتىم .ئويلىسام سەن ماڭا قىلچىلىك ئۈگەيلىك قىلماپتىكەنسەن ئاتا ،داۋاملىق يىزىشقا ئاجىزلىق قىلىپ قالدىم ،مەن ئۆزۈمگە تاپىدىغان بىردىنبىر تەسەللى بولسا سىنىڭ قەبرە بىشىڭنى يوقلاپ تۇرۇش بولدى ،مىنى كەچۈرگەىن جىنىم ئاتا ياتقان يىرىڭ جەننەتتە بولسۇن. ئاللا ئىگەم بىلىپ بىلمەي قىلىپ سالغان گۇناھلىرىڭنى مەغپىرەت قىلسۇن ..
ئەزىز قىرىنداشلار تولۇق شەرھىلەپ يىزىشقا تىلىم ئاجىزلىق قىلدى ، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ،بىر جەمىيەتنىڭ ،مىللەتنىڭ،بىر ئائىلىنىڭ.ئايالىنىڭ باللىرىنىڭ ،مەسۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ئىلىۋاتقان ئاتىلارغا مىڭلارچە تازىم ۋە ئىھتىرام ،ھۆرمەتلىك ئالى جاناپ ئاتىلار بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن ،

بايرىمىڭغا مۇبارەك بولسۇن ،
مېھرىدىن نۇر چاچقان ئاتىلار.
پەرزەنىت ئۈچۈن جان پىدا ئەيلەپ ،
كىچە كۈندۈز ھارماس ئاتىلار.

ۋەتەن ئەلنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،
پەرزەنىتلەرنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ.
ئائىلىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ،
سۇلىرىدا ئاققان ئاتىلار .

ۋەتەن ئەلنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ،
پەرزەنىتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن .
ئائىلىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ،
تىنماي جاپا تارتقان ئاتىلار .

بەزىلەردە دەرت ئەلەم چەككەن ،
بەزىلەردە ئاھ پىغان چەككەن .
بەزىلەردە چوڭ غەمگە پاتقان ،
لىكىن ئۆزى تارتقان ئاتىلار ،

دۈشمەن كەلسە قاھ قاھلاپ كۈلگەن ،
دوستى ئۈچۈن بارىدىن كەچكەن .
تۇرمۇشتا ئىغىر غەملەرگە چۆمگەن ،
پەرزەنىت ئۈچۈن يۆلەك ئاتىلار.

بۈگۈن سىلەرگە بايرام ئاتىلار،
يىزىپ قويدۇم قوشاق ئاتىلار .
قەلبىمىزدە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ ،
سەن قالدۇرغان ئىزىڭ ئاتىلار .

مەنبە: قەلىمىم ،،،،
مەن بىر دىھقان بولغانلىقىم ئۈچۈن تازا قاملاشتۇرۇپ كىتەلمەيمەن دوستلارنىڭ مازاق قىلماي خاتا تەرەپلىرىگە تۈزىتىش بىرىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن ،رەھمەت سىلەرگە ،،،،

|