ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار
كۆرۈش: 288|ئىنكاس: 16
go

ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئارزۇسى بارلار  

توردا
1سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 18:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسى بىلەن قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزلىدىغان ناۋا پروگراممىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر تىلىدا ناخشا ئېيتىدىغان ياشلارنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش سەھنىسى بولغان ناۋا پروگراممىسىنىڭ 18-سانى 2011- يىلى 23- ئىيۇل كۈنى ئۈرۈمچىدە كۆرۈنۈشكە ئېلىنىدۇ ۋە 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن باشلاپ XJTV-2, XJTV-5 تە ھەر ھەپتىنىڭ شەنبە يەكشەنبە كۈنلىرى ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرسىتىلىدۇ.

1-بۇ قېتىملىق ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ماھارەت كۆرسەتمەكچى بولغانلار
nava@qarluq.com غا ئېلخەت يوللاش ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنىدۇ (ئىنتېرنېت ئىمكانىيىتى يوقلار بىۋاستە يەتكۈزسىمۇ ياكى پوچتا ئارقىلىق يوللىسىمۇ بولىدۇ). قاتنىشىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنماقچى بولغان ئانسامبىل ۋە ناخشىچىلار ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولۇق شەكىلدە توشقۇزۇپ يوللىشى كېرەك. ئىلتىماس قانچە بالدۇر تاپشۇرىۋېلىنسا شۇنچە بالدۇر پروگراممىغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولىدۇ. ئىلتىماسلار قارلۇق شىركىتى ناۋا پروگراممىسى گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ھەر ئايلىق ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئانسامبىل ياكى ناخشىچىلار ئوكيان تور بېتى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ.

2- ئىلتىماس قىلىش شەرتلىرى:
1) ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلارنىڭ قاتناش، يىمەك – ئىچمەك ۋە ياتاق چىقىملىرىنى ئۆزى ئۈستىگە ئالىدۇ.

2) بۇ قېتىملىق ناۋا پروگراممىسىدا مۇزىكا قويۇلۇپ ناخشىچى نەق مەيداندا ناخشا ئېيتىدۇ. پىلاستىنكىدا ناخشا قويۇپ بېرىلىپ ناخشىچىغا رول ئالدۇرۇشنىڭ ئىمكان بار ئالدى ئېلىنىدۇ. شۇڭلاشقا ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان ئانسامبىل ۋە ناخشىچىلار ناۋا پروگراممىسىغا ناخشىسىنىڭ ئايرىم مۇزىكىسى ۋە ناخشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان wav ھۆججىتىنى تاپشۇرىدۇ.

3) ناۋا پروگراممىسىدا ئېيتىلىدىغان ناخشىلار تاللىنىشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ نادىر فوتو سۈرىتىدىن ئەڭ ئاز بولغاندا بەش پارچىنى jpg شەكلىدە، پىروگراممىغا بەرمەكچى بولغان ناخشىسىنى MP3شەكلىدە، تەرجىمىھالى ۋە توردىن چۈشۈرۈپ تولدۇرغان ناۋا پروگراممىسىنى doc شەكلىدە ئېلخەت ئارقىلىق
nava@qarluq.com غا يوللىشى، تاللانغانلىق خەۋىرى ئۇقتۇرۇلغاندىن كېيىن گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ناخشىلارنىڭ ۋە مۇزىكىسىنىڭ wavشەكلىدىكى نۇسخىلىرىنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۆزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ كېلىشى لازىم.

4)ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە ناخشىچىلار ئۆزلىرىگە ئائىت ئالاھىدە چالغۇلىرى ۋە سەھنە كېيىملىرىنى ئۆزلىرى ئېلىپ كېلىشى كېرەك.

5)ناۋا پروگراممىسىغا قاتنىشىدىغان گۇرۇپپا ۋە سەنئەتچى ناۋا پروگراممىسى كۆرۈنۈشكە ئېلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچى قارلۇق مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتىگە كېلىپ يۈز تۇرانە تىزىمغا چۈشىدۇ. ناخشىلار ئاۋال تاللانغان بولسىمۇ رىپىتىس جەريانىدا شاللىۋېتىلگەن ناخشىچىلارغا قارىتا قارلۇق شىركىتى ھىچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.
ئەسلىي مەنبە: ۋاي-ۋۇي ئىجتىمائىي ئالاقە تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا new_nava تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-11 19:36

Rank: 8Rank: 8

توردا
894سائەت 
نادىر تېما
دوست
74 
يازما
2029 
تېما
82 

تەكلىپلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا شۆھرەت مۇكاپاتى ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تىرىشچان ئەزا شەرەپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 19:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
نىمىدىگەن ياخشى ، ئەمدى ئەڭ يىڭى ناخشىچى ۋە ئۇلارنىڭ ناخشىلىرىنى كۆرۈپ تۇرالايدىكەنمىز
پەخىرلىنىمەن ئۇيغۇر بولۇپ تۆرەلگىنىمدىن،
ھەم مۇسۇلمان ئەۋلادى بولغانلىقىمدىن.

توردا
12سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
41 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 23:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مانا ماۋۇ ئىش ياخشى بولۇپتۇ !

توردا
1093سائەت 
نادىر تېما
دوست
154 
يازما
1899 
تېما
416 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 23:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئارىمىزدىكى چوڭ-كېچىك نامى چېقمىغان چولپانلىرىمىزغا كۆپىرەك پايدىسى بولغۇدەك جۇمۇ...

توردا
203سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
150 
تېما

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 00:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەجەپ ياخشى قىپتۇ .

توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 01:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەسلىگە كەلگەنلىكدىن ناھايتى خۇش بولدۇم

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 02:03 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ ناۋا كىچىڭلىگە بەك ئامراق ئىدىم.بەك ياخشى بولۇپـتۇ.

توردا
137سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
949 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 10:50 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مىنىڭمۇ قاتنىشىش ئارزۇيۇم بارتى !

توردا
176سائەت 
نادىر تېما
دوست
41 
يازما
1753 
تېما
252 

ئۈلگىلىك ئەزا تۆھپىكار ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 11:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئەمدى ياخىشى بوپتۇ . بۇرۇن ناخىشىچىلار ئاۋال ئاۋازىنى ئىلىۋىلىپ ئاندىن كۆرنىشكە سەھنىگە چىقىپ قوياتتى . ئەمدى ياخىشى بولدى ئۇلار ھەققىي تالانتىنى كۆرەلەيمىز .

توردا
512سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2475 
تېما
325 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:26 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ناۋا پىروگىرامىسىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم، قەشقەردە بولغان بولسا ئۆزۈملا قاتنىشىپ قوياركەنمەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.