ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر خانىم قىزلار سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 2
go

سىز قايسى خىل ئايالغا تەۋە

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 00:58 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاياللار- ھاياتنىڭ ئۇلۇغ تىرىكى ۋە تەسەللىي بەرگۈچىسى.
ئاياللار- كۈزەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللار- ئەرلەرنىڭ ئۇلۇغ تەربىيەچىسىدۇر.
ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى- قەلبى گۈزەل بولۇش بىلەن قىياپىتى گۈزەل بولۇشنىڭ بىرلىكىدۇر.
ئاياللاردىكى ئەڭ مۇھىم پەزىلەت- مۇلايىملىق.
ئاياللار- ئائىلە ئىناقلىقىنىڭ ئاچقۇچىنى ئۆز قولىدا تۇتقان بولۇپ، گەپ ئۇنىڭ بۇ ئاچقۇچنى ئىشلىتىشنى بىلىش- بىلمەسلىكىدە.
ئوماق ئايال- دولانا كومىلىچى، ئادەمنى روھلاندۇرۇپ، تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدۇ.
جەزبىدار ئايال- روھلاندۇرغۇچى دورا، تىنچ تۇرغان نېرۋىڭىزنىڭ ئارامىنى بۇزىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- ئاسپىرىن، ساغلام بولمىغان ئوي- پىكرىڭىزدىن خالاس قىلىپ، مەسىلىلەرگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىڭىزغا يول كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
مۇلايىم ئايال- ئەرلەرنىڭ مىجەزىنى تەڭشەپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرىدۇ.
سىرداش ئايال- ئاغرىق توختىتىش دورىسى، گەرچە مەسىلىلەرنى تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلالمىسىمۇ، لېكىن مەلۇم دەرىجىدە توغرا يول كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.
ئاق كۆڭۈل ئايال- ئىسپىرىت، قەلبىڭىزنى ئىللىتىپ، روھىڭىزنى ئۇرغۇتىدۇ. ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاق- پەزىلىتى دۇنيانى دېزىنفىكسىيە قىلىدۇ.
كەڭ قورساق ئايال- تېز ئۈنۈم بېرىدىغان يۈرەك دورىسى، چۈشكۈنلەشكەن كىشىلىك ھايات يولىڭىزنى ئۆزگەرتىدۇ.
ياسالما ئايال- سۇيۇق دورا، ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا تەسەللى بېرىدۇ.
ئەقىللىق ئايال- پۈتكۈل دۇنيانى «ئوزۇق» قا ئىگە قىلىدىغان كىتاب، سەنئەت ۋە بىلىم بۇلىقىدۇر.
گۈزەللىك- ئاياللارنىڭ پەخرى، ئار- نومۇس ـــــ ئاياللارنىڭ پاكلىقى، گۈزەل- ئەخلاق ـــــ ئاياللارغا مەڭگۈلۈك ئىززەت- ئىكرام ئاتا قىلغۇچىدۇر.
ئايال- ئەرلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىختىراپچىسىدۇر.
ئاياللار- قۇياش، ئۇنىڭ مېھرى- تەپتى ھېچقاچان سوۋۇماستۇر.
ئاياللار- بىر قولىدا بۆشۈكنى، بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتكۈچىلەردۇر.
ئاياللارنىڭ دىلى ئاغرىغاندا زىمىن تىترەيدۇ.
ئايال قەدرى- ھايات قەدرى.
ئايال- مېھرىبانلارنىڭ مېھرىبانى، ئۇلۇغلارنىڭ ئۇلۇغى.
ياخشى ئايال- قېنىڭغا قان، قانىتىڭغا قانات، جېنىڭغا جاندۇر.
ئىشچان، پەزىلەتلىك، مۇلايىم ئايال ـــــ گۈلباغ، ھازازۇل ئايال ــــ چۆل ساي.
بىر قوتان مېلىڭ بولغىچە، كۆيۈمچان، پەزىلەتلىك خوتۇنۇڭ بولمىسا بىكار.


مەنبەسى: «ئاياللار ھەققىدە» دىن ئېلىندى.


توردا
432سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2440 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 16:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن بەك ياخىشى تىما يوللاپىىسز . تىمىڭىزغا تەشەككۇر . مۇشۇنىداق نادىر تىمىلارنى داۋامىلق يوللاپ تۇرشىڭىزنى ئۆمۇت قىلمەن .

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 17:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى تېما ئىكەن . سىزنىڭ يوللىغان بۇ تىېمىڭىزنى ئوقۇپ بەك خۇشال بولدۇم . بۇ تېمىڭىز ماڭا مەن دائىم كۈتۈپخانىدا ئوقۇيدىغان شىنجاڭ مەدەنىيتىدىكى تەپەككۈر مىۋلىرىنى ئەسلىتىپ قويدى .رەھمەت سىزگە ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-21 11:46

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.