ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار
كۆرۈش: 107|ئىنكاس: 5
go

يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار

توردا
431سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
548 
تېما
166 

تەكلىپلىك ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 12:59 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مۇقەددىمە ئورنىدا تۆۋەندىكى يازمىلارنى سىلەرگە تەقدىم قىلاي.....
مىللەتنىڭ خاراپلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ، ئاياللار- نىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مىھرىبان بولالماسلىقى سەۋەپ بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ مىھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئىتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىك،جاپا-مۇشەققەت كۈچسىزلىك سەۋەپ بولىدۇ. ــــ ئابدۇقادىر جالالىدىن.

جۈپتى كۆرۈمسىز ئايال بەخىتسىز ئەمەس،ياخشى يىدۈرۈپ،ياخشى كىيدۈرۈدىغان ئەركەككە يولۇقمىغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئېرى جەڭلەردە قۇربان بولغان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ھەتتا پەرزەنتلىك داغىنى تارتىۋاتقان ئايالمۇ بەختسىز ئەمەس،ئەمما ئوغلانىم،شۇ سۆزۈم ئېسىڭدە بولسۇنكى،ئېرى ئىچكۈلۈككە بېرىلىپ كەتكەن ئايال دۇنيادا ئەڭ بەختسىز،ئەڭ غەمكىن،ئەڭ بىچارە ئايالدۇر
ــــــ ئاتىلار سۆزىدىن.


بىر ئايالنىڭ غورۇرى بىر ئەركىشىنى يامان يولدىن توسسا،بىر ئەرنىڭ غورۇرى قىرىق ئايالنى يامان يولدىن توسۇپ قالالايدۇ. ئاياللار ھېيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ،ئاياللار ھايا پەردىلىرىنى يىرتىپ تاشلىماقتا.
خاتىرەمدىن.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياڭراق خىتابلىرى ئۇنىڭ ئىسسىق قېنى بىلەن ھەممىنى سىغدۇرۇپ كەلگەن بۇ تۇپراققا سىڭىپ كەتتى،مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىلىرى كۆيۈپ كۈلگە ئايلاندى،ھەتتا موسا جارۇللادەك بۈيۈك ئىسلام پەيلاسوپىمۇ 20-يىللاردىكى قەشقەرنى كۆرۈپ،«يا پاناھ،بۇ يەرگە ئىسلام دىنى كەينىچىلەپ كىرىپتۇ!»دەپ تاشلىدى..........ئەگەر ھازىر كۆرگەن بولسىچۇ؟
ـــــ خاتىرەمدىن.

يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار
كۆزۈمدە ياش قەلبىمدە ئارمان،
قەلەملىرىم ئامالسىز يازغان،
ئىمانىڭدىن كەچكىنىڭ يالغان،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئانىلارنىڭ دۇئاسى نەدە؟
ئاتىلارنىڭ ئارزۇسى نەدە؟
ئېيتە ئەركەك،ئىمان قەيەردە؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئاتاڭ دىھقان كەتمەن قولىدا،
ئاناڭ قالدى كونا چاپاندا،
ئويلاپ ئوينا مەنزىل قاياندا؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئۇكىلىرىمىز ئاياغ مايلايدۇ،
سوغۇقلاردا زار-زار قاقشايدۇ،
ئەتىسىگە ئەنسىز قارايدۇ،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

سىڭىللىرىم ئوقۇشسىز قالدى،
يا ئامالسىز ئوقۇشتىن ياندى،
گۇناھ،زۇلمەت بىزنى بىر ئالدى،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار .

گۈل قىزلىرىڭ يولىدىن ئازدى،
يات قەۋمنىڭ كەينىدىن ماڭدى،
«ئۈچ خېنىم»دىن نە ئۈمىد قالدى،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

نىجىس بىلەن ئىتىقاد كەتتى،
داستىخاننىڭ بەركىتى كەتتى،
ئۆرپ-ئادەت ھۆرمىتى كەتتى،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

نوچى دەمسەن جىق كۆتۈرگەننى؟
ساراڭ ئوخشاش يولدا ياتقاننى،
ئەل نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەننى،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

بۇغراخاندىن قالغان يۈز كەتتى،
كۈچۈڭلارنى ھاراق ئېپ كەتتى،
ئەۋلاد كۆرەر قانداق قىسمەتنى؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار .

ئىتىقاد سۇس بۇلغاندىغۇ قان،
ئىقتىسادتا بولدۇق ھەم ۋەيران،
كاردىن چىقتى ھەتتا ئاشقازان،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ھارامدىنمۇ ھارامدۇر ساڭا،
قايسى مەزھەپ يول قويغان ئاڭا،
ئاخىرەتكە ئىزدەيلى پاناھ،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

سەجدە قىلدىڭ،قەددىڭنى رۇسلا،
تاشلىۋەتمەس ياراتقان ئاللاھ،
ھەم يۆلەيدۇھەق رەسۇلۇللا،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ساھىبى بىز ئېسىل بىر دىننىڭ،
ئەۋلادى بىز شەۋكەتلىك ئەلنىڭ،
دۇلدۇلىدىن چۈشمە ئىلىمنىڭ،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

يىراق ئەمەس كۆرۈنگەن تاغمۇ،
ئاتا بۇرچى سەندە تاماممۇ؟
يۈرەك پارەڭ كىيىن ئامانمۇ؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

«ئوغۇل دىگەن ئەلگە يارالغان،
ۋاقتى كەلسە جەڭگە يارالغان.»
شۇڭا نامىڭ زامان تارالغان.
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

لەيلەپ يۈرسەڭ قانداق چىدايمەن؟
(بىھۇشلۇقتىن بەك ئەنسىرەيمەن)،
ئۇيات!ئۇيات! ئەركىكىم،دەيمەن.
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئەجدادىڭنىڭ ئىزىنى ياقلا،
ئۇلار كۈتكەن ئۈمىدنى ئاقلا،
ھۆرمىتىڭنى،ھەيۋەڭنى ساقلا،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئۇلۇغ بوۋاڭ قولىدا قەلەم،
قەلەم يالغۇز ئەمەس، بار ئەلەم،
ئويلا،ئويلا بىزدە تولا كەم،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئايان ساڭا ئەلنىڭ كۈلپىتى،
ئىزدا قالدى مەھمۇد ھېكمىتى،
ئىزدە نەدە«ئەرنىڭ ئىپپىتى»؟
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

بۇنداق يۈرسەك تاڭلار ئاتامدۇ؟
مەرىپەتكە روھىڭ قانامدۇ؟
ئۇيغۇر دىگەن ئېسىل ياشايدۇ!
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

ئويلا بۈگۈن ياشاش بولدى تەس،
بۇ نەدىكى زەيپانە ھەۋەس؟
ئۆز قەۋمىدىن تانغان ئەر ئەمەس،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

مەيلى دىسەڭ مېنى ئەدەپسىز،
چالۋاقاپتۇ دىمىگىن ھەرگىز،
ھەمشىرەڭمەن مەزلۇمە ئاجىز،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

بۇ سۆزۈمنى ياخشى ئىشتىڭلار،
ئەقلىڭلارنى ئىشقا سېلىڭلار،
دەردىڭلارنى بىزگە ئېيتىڭلار،
يىگىتلىرىم ھاراق تاشلاڭلار.

مىللەت مۇھتاج غورۇرۇلۇق ئەرگە،
بىز ماڭايلى تىرىشىپ بىرگە،
ئۈمىدۋارمەن گۈزەل ئەتىگە،
ئەركەكلىرىم ھاراق تاش
لاڭلار.



مەنبە: ئەلكىن مۇنبىرى

توردا
434سائەت 
نادىر تېما
دوست
47 
يازما
2444 
تېما
387 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 16:27 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنىمۇ بەك توغىرا ئېيىتلغان گەپ ئىكەن .ئىرى ئىچىمىلىككە بىرىلىپ كەتىكەن ئايال .ئەڭ بىچارا ئايالىدۇر . بۇ سۆز بەرھەق . ..............ھەقىقەتەنىمۇ بەك ئېسىل شئر ئىكەن . رەخىمەت سىزىگە . مەن بەك ياخىتۇرۇپ ئوقىدۇم .شۇنىداقىلا پۇتۇن جەمىيەتتىكى . ئاشۇ سېسىق ھاراققىنىڭ قولىغا ئايىلىنىپ . بىر يۇتۇم ئىچىۋالمىسا چىديالمايىدغان نادان كىشىلەرىگە بىردىن - بىردىن ئوقۇتىقۇم كىلۋاتىدۇ . بۇ ئېسىل دۇردانىنى . ئەپىسۇس .

توردا
284سائەت 
نادىر تېما
دوست
49 
يازما
1354 
تېما
79 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 17:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ئەھمىيەتلىك يازما بوپتۇ.مەن سىزنىڭ مۇشۇنداق تەربىيىۋى قىممىتى زور بولغان تىمىلىرىڭىزنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.دىمىسىمۇ دىنىمىزدا قىلما دىگەننى بىز بەكرەك قىلىۋاتىمىز.شۇ نىجىس ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن ئەرلىرىمىز يولدىن ئازغاننى ئازدەپ قىزلىرىمىز،مىھرىبان ئانىلىرىمىز ھەم يولدىن ئىزىشقا مەجبۇر بولدى،ۋە ئىزىپ كىتىۋاتىدۇ.ھەممىمىز شۇ ئاللاھ بىز بەندىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرغان بولساق،ئاللاھ قىل دىگەننى قىلىپ قىلما دىگەندىن جان-جىنىمىز بىلەن يىراق تۇرغان بولساق،بۇنچىلىك ھالغا چۈشۈپ قالماس بولغۇيتۇق.يولدا كىتىپ بارغىنىمدا شۇ كىشىلارنىڭ ئاشۇ قىلىقسىز ھەركەتلىرىگە قاراپ بىز مۇسۇلمان مىللىتىمۇ دەپ ئويلاپ قالىمەن.راست غەرىبنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بار ئىشلىرىنى ئۆزىمىزگە يۇقتۇرماي نەدىكى ساپلا دىندىن چىقىردىغان ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز.ھەممىمىز ئاللاھ بىز بەندىلەرگە ئاتا قىلغان ئەڭ ئۇلۇغ نىئمەت-ئەقىل بىلەن ياشىغان بولساق شۇ ئەقىلنى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلگەن بولساق نەقەدەر ياخشى بولاتتى ھە.
ئاللاھ ھەر بىرىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ-ھىدايەت ئاتا قىلغاي.
سىزگە ھەم چىن دىلىمدىن رەھمەت ئىيتىمەن.ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن.

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 18:53 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ ، مەن خۇددى مۆجىزە بولۋاتقاندەك ھىس قىلىۋاتمەن ، چۈنكى مەن ئوغۇللار دىن ھاراقنى تاشلاڭلار دىگۈچىلەرنى مۇنۇ تارىخىمدا ئۇچۇرتىپ باقمىغانمەن ..... بارىكاللا ..... ئاشۇ نىجىس ھاراقنى ئىچىپ ئائىلسنى بۇزۇشقا ئەرزىمدۇ .... تىخى كىچىككىنە تۇرۇپ ئاۋۇ قىزىنىڭ دەردىدە ماۋۇ قىزنىڭ دەردىدە دەپ كىچىك ئوغۇل بالىلارمۇ ئىچىدىغان چىكىدىغان بوپ كەتتى ،. شۇ نىجىسنى ئىچىپ ، چىكىپ قويغانغا پايدا چىقىدىغان ئىش بولسا جاھان نىمە بوپ كىتەر ئىدى - ھە !!!! ۋاي ئىسىت شۇ نىجىس سەۋەپلىك نۇرغۇن كىشلىرىمىزنىڭ ھاياتى بالدۇرلا تۈگشىدۇ .... يەنە تىخى ئەتراپىدىكى كىشلەرگىمۇ تۈرلۈك كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ... ئۇھاراق ئىچپ تاماكا چىكىدىغانلار باشقىلارنى ئويلىمىسىمۇ ئۆزىنى بولسىمۇ ئويلاپ قويمامدىغاندۇ ؟؟؟؟ ئەي ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىز شۇ تاماكا ھاراقنى تاشلساڭلار بولمامدۇ ؟؟؟؟

توردا
123سائەت 
نادىر تېما
دوست
20 
يازما
713 
تېما
114 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 18:54 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋوي ئوغۇللاردىن بىرىمۇ كۆرۈنمەيدىغۇ ؟؟؟؟ ئۇلار نەگە كەتكەندۇ ؟؟؟؟ مۇشۇنداق ياخىشى پايدىلىق تىملارنى كۆرمەي ......

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-19 19:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىز قايسى ھالىمىزغا ئىچىپ ، چىكىپ يۇرەرمىز؟ بۇنىڭدىن پايدىسنى كۆرگەن ئادەمنى مەن كۆرۈپ باقمىدىم دەيدۇ چوڭلارمۇ . بىز ياشلار مۇشۇنداق خارابلىققا ئۆزىمىزنى ئاتساق قانداقمۇ ئۆزىمىزگە يۇز كىلەلەيمىز ؟ ئەزىز قىرىنداشلىرىم ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىق باھارىمىزنى بۇنداق ۋەيران قىلساق ئۆزىمىزگە قانداق جاۋاب بىرەرىمىز؟ بىر كۈنى ۋىجدان سورقى ئالدىدا ئازابلانماسمىزمۇ ؟ يەنىلا ئۇلۇغ ئاللا ھەممىمىزنڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي ، مۇشۇ ئادەمنى كىرەكتىن چىقىرىدىغان ، يۇزىنى تۆكىدىغان ئىشلاردىن ساقلىسۇن.

باھا سۆز

muslima12 ئىنكاسىڭىزدىن شۇنداق خۇش بولدۇم.ھەممە ھاراق ئىچكۈچىلەر،چەككۈچىل مۇشۇنداق ئويلاشنى بىلگەن بولسا ئىدى ھ يوللانغان ۋاقتى 2011-6-20 02:08
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 00:26

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.