باردىممەن يېنىڭغا جانان 
باردىممەن يىراقتىن يېنىڭغا جانان، ئارزۇ -ئارمان ھىسلىرىمغا قېتىلىپ . قارشى ئالدىڭ خۇشلۇقتا ئاھ سەن مېنى، خۇش تەبەسسۇمىڭ بىلەن تاتلىق كۈلۈپ. 
كۈلكەڭدىن زوقلىنىپ سۈيۈندى دىلىم، ئىشەنچە ۋە ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈپ. مەڭگۈلۈك ئۇيۇلدى ئىسمىڭ باغرىمغا، قەلبىم قات-قېتىغا مۆھۈردەك بېسلىپ. 
ساداقەتتە قەلبىم كۆيدى چوغلىنىپ، سېغىنىشىم ۋىسال تاپتى شاتلىنىپ. تۇيغۇلىرىم مەس بۇلۇپ مۇھەببەتتىن، شاتلاندى قەلبىم بەخىتتىن سۈيۈنۈپ. 
بەخىتتىن نۇرلاندى بۇ قەلبىم مېنىڭ، مۇھەببىتىڭدىن شۇنچىلىك سۈيۈنۈپ. يارقىن ھىسلىرى يايرىدى شاتلىقتا، ئەقىدە سۈيگۈڭدىن ئۈمۈتلەر تېپىپ. 
زوقلىنىپ ئەقىدەڭدىن سۈيۈنەر دىلىم، ئەقىدە ئىكرامدە گۈللەرنى تىزىپ. مەڭگۈلۈك چىن ھەمرايىڭ بۇلاي دەيمەن، ساداقەت بېغىنى گۈللەرگە پۈركەپ. 
سېغىنىشتا يېنىڭغا باردىم جانان، ياز پەسىلنىڭ مەلۈم ئاي ۋە كۈنلىرى. ئىشەنچەم بىلەن سېنى قەدىرلەيمەن، ھاياتىمنىڭ ھەر بىر دەقىقىلىرى. 
مەنبە قەلىمىم |