ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر ئەدەبىي يازمىلار ئاچچىق نەخ گەپلەر

      

كۆرۈش: 329|ئىنكاس: 9
go

ئاچچىق نەخ گەپلەر

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 19:32 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
باشقىلارنىڭ چىراي تۇرقىنى باھالىماڭ ،چۈنكى ئۇ سىزگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرمەيدۇ.
باشقىلارنىڭ ئەخلاقىنى باھالىماڭ ،چۈنىكى ئۆزىڭىزمۇ بەك ئالىيجاناپ ئەمەس.
باشقىلارنىڭ ئائىلىسىنى باھالىماڭ ،چۈنىكى ئۇ سىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
ئىشنىقىلىپ ھەرقانداق ئادەمنى باھالىماڭ ،ھەتتاكى ئۆيىدىكىلىرىڭىزنىمۇ.
پۇلنى قالايمىقان بۇزۇپ چاچماڭ ،چۈنكى ئەتىلا ئىشسىز قېلىشىڭىز مۇمكىن .
ئابرويپەرەسلىك ،مەنمەنچىلىك قىلماڭ ،چۈنكى ئەتىلا ھوقۇقىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بەك كۆرەڭلەپ كەتمەڭ ،چۈنكى باشقىلارمۇ سىزدىن ئاجىز ئەمەس.
مۇھاببەتكە بارلىقىڭىزنى ئاتىۋەتمەڭ ،چۈنكى ئەتىلا ئايرىلىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن .
ئۆزىڭىزنى ئۇۋالچىلىققا قويماڭ ،چۈنكى ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
قارشى تەرەپكە تايانماڭ ،تۇرمۇشنىڭ بېسمى ئېغىر ،شۇڭا ھەممىلا ئادەم يېنىكرەك ياشاشنى ئويلايدۇ.
قارشى تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلماڭ ،ھامان بىر كۈنى يېنىپ قالىدۇ ،ۋاقتى كەلگەندە زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
بۇ دۇنيادا ياشىغانكەنمىز ،بەزى ئىشلارنى چۈشەندۈرۈشنى ئويلايمىز ،لېكىن چۈشەندۈرگەنسىرى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ تېخىمۇ يامان تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ،شۇڭا
سۈكۈت قىلىش ئەڭ ئاقىلانە تەدبىر.
1.باشقىلارنى تۆەن مۆلچەرلىمەڭ
2.سىزنىڭ ئۇنداق كۆپ تاماشبىنىڭىز يوق ،شۇڭا ئۇنداق ھېرىپ ياشىماڭ
3.باشقىلارغا ئىللىقىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىڭ .ئالدىراپ ئاچچىقلانماڭ،چۈنكى ھېچكىم سىزگە قەرىزدار ئەمەس
4.ھازىر بەك ئازابلانغان بولسىڭىز ،ئازراق ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قايتا ئەسلىسىڭىز بۇ ئازابلارنىڭ ھېچقانچىلىك ئەمەسلىكىنى بايقايسىز
5.سىزگە زىيانكەشلىك قىلغانلارنى كەچۈرىۋىتىشىنى ئۆگىنىۋىلىڭ ،چۈنكى ئۇلارمۇ بەك بىچارە .ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق دەردى بار ،ھەممىمىزگە ئاسان ئەمەس
6.ۋاز كېچىشىنى ئۆگىنىۋىلىڭ ،قانچە چىڭ تۇرغانسىرى ئازابلىنىدىغىنى يەنىلا ئۆزىڭىز
7.ئۆزىڭىزگە باھانە تېپىشقا ئۇرۇنماڭ ،سەۋەنلىك ئالدىدا ھېچكىم ئۇ باھانىلەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ
8.گەپ سۆزگە دىققەت قىلىش ،مۇستەقىل بولۇش ،تەن بېرىشنى ئۆگىنىۋىلىش بىلان بىر ۋاقىتتا ئۆزىڭىزنىڭ ئەڭ ئاساسى پىرىنسىڭىزدا چىڭ تۇرۇڭ
9.ئەركىن ئازادە ياشاڭ .ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ يامان نەتىجىسىنى ئويلىشىپ قويۇڭ
10.يالغان سۆزلىمەڭ ،چۈنكى ھامان بىر كۈنى پاش بولۇپ قالىدۇ
11.توختىماي ئۆزىڭىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈڭ ،ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماڭ ،تىل ،ئاشپەزلىك ياكى باشقا ھۆنەر بولسۇن
12.ئۆزىڭىزنىڭ ساپاسىغا دىققەت قىلىڭ ،چۈنكى سىز بالىڭزنىڭ بىرىنچى مۇئەللىمى
13.ئاتا ئانىڭىزغا ۋاپادار بولۇڭ .ئېغىزىڭىزدىلا دەپ قويماي ،ھېچ بولمىغاندا نەچچە تېلىغوننى كۆپرەك ئۇرسىڭىزمۇ ئۇلار شۇنداق خوش بولۇپ كېتىدۇ
14.مەڭگۈ سىزگە بىر قېتىم ئاسىيلىق قىلغان دوستىڭىزغا ئىككىنىچى قېتىم خائىنلىق قىلىدىغان پۇرسەت بەرمەڭ
15.باشقىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرشىنى ئاڭلاڭ
16.باشقىلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭ
17.كۈلۈمسىرەشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ ئامىتى ناچار بولمايدۇ
18.ئەسلىڭىزنى ئۇنۇتماڭ ،ھەرقانداق ئىش ھەرقانداق ۋاقىتتا
20.دائىم باشقىلارنىڭ ئالدىدا دەردىڭىزنى تۆكۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارلىماڭ

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 19:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن قىممىتى بار ساقلىۋالغۇدەك سۆزلەرئىكەن .....
رەھمەت سىزگە...

توردا
269سائەت 
نادىر تېما
دوست
52 
يازما
1180 
تېما
69 

ئۈلگىلىك ئەزا تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 21:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
20. ماڭا بەك ماس كىلىدىكەن . مەن ئادەتتە پەقەت دەردىمنى باشقىلارغا دىمەيمەن ، چۇنكى شۇ ئادەمنىڭ ئالدىدا بىچارە ھالەتتە كۆرۇنۇپ ئۆزۇمنىڭ ئاجىزلىقىنى كۆرسەتكىم يۇق ، سىزگە كۆپ رەخمەت !

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
11 
يازما
183 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 21:40 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
توغرا ماڭغىما ماس كىلدىكەن . مىنىڭما دەدىم بەك تولا كىم دەدىمگە يىتەركىن

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 23:00 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم،رەخمەت سىزگە .........

توردا
133سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
192 
تېما
22 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-29 00:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
4. ماڭا بەك ماس كېلدىكەن .. رەھمەت سېزگە

توردا
6سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
74 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-29 19:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ نۇرغۇن نەرسىنى ئۆگىنىۋالدىم،رەخمەت سىزگە .........

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 13:31 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
kizikqi يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 21:40
توغرا ماڭغىما ماس كىلدىكەن . مىنىڭما دەدىم بەك تولا كىم ...

كىم كىمنىڭ دەردىگەيەتكەن ؟كىم كىمنى چۈشەنگەن ؟

توردا
159سائەت 
نادىر تېما
دوست
10 
يازما
777 
تېما

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 13:48 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەنمۇ چوقۇم شۇنداق قىلىمەن

توردا
688سائەت 
نادىر تېما
دوست
27 
يازما
942 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز شۆھرەت مۇكاپاتى

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-3 13:51 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
تەپەككۇرنى ئۇيغىتىدىغان ھىكمەتلەر ئىكەن،ئەجرىڭىزگە رەخمەت،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 22:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.