ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ۋاپاسىز ئوغول(چوغلۇق)
كۆرۈش: 69|ئىنكاس: 5
go

ۋاپاسىز ئوغول(چوغلۇق)

Rank: 8Rank: 8

توردا
367سائەت 
نادىر تېما
6 
دوست
19 
يازما
969 
تېما
326 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 11:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ۋاپاسىز ئوغول

(مىھرىبان ئانىلار بايرىمىغا بېغىشلايمەن)

ھەممىمىز ئانا دەپ داستانلار يازدۇق،

ئۆلگەندە شائېر دەك قوشاقلار قاتتۇق.

مىھرىبان شۇ ئانا قالغاندا يالغۇز ،

ھالىدىن قانچىلىك خەۋەر ئەپ باقتۇق؟

تۆرۈلۇپ جىسمىدىن كۆز ئاچساڭ يىغلاپ،

<بالام>دەپ باغرىغا باسقانغۇ سىنى.

چىڭقالغان كۆكسىدىن ئەمدۈرۈپ ئاق سۈت،

كېچىسى ئۇخلىماي باققانغۇ سىنى.

<ئانا> دەپ تىل چىقىپ تەمتىلەپ ماڭدىڭ،

ھە مانا ،بوقچاڭنى ئۈشنەڭگە ئاستىڭ،

بارىنى بېغىشلاپ ئۆستۈرگەچ ئاناڭ،

ئەر يىتىپ تۇرمۇشقا قەدەممۇ باستىڭ.

ئەتىدىن كەچكىچە غېمىڭنى قىلىپ،

بىلەمسەن؟كۈتكەنغۇ يولۇڭغا قاراپ.

<كەلسىدى بالام>دەپ غىزامۇ يىمەي،

باغرىغا باسماق بوپ ھىدىڭنى پۇراپ.

ئۇنۇتتۇڭ شۇلارنى ئەمدى چوڭ بولۇپ.

بولغاچقا يىنىڭدابىرگۈزەل جانان.

يوقلاشقا رايىڭ يوق، بانايىڭ كۆپتۈر ،

ئاناڭنىڭ ئەجىرىنى قايتۇرىسەن قاچان ؟

.

ئالغاندا بالاڭغا كىيىم ۋەقونچاق،

ئانامغا دەپ ئالمىدىڭ بىر پارچە لاتا.

ئۆيۈڭدە قوي سويغان چىغىڭدا،ئەسلا،

چىقمىدى<ئانامغا...>دىگەن بىر سادا.

ياتقاندا ئاغرىقتىن زارلىنىپ ئاناڭ ،

بەردىڭمۇ يۇتۇم سۇ يۆلەپ تۇرغۇزۇپ.

داۋاسى ئىدىڭ سەن ۋاپاسىز ئوغول،

كەتتى ئۇ< قىنى بالام ؟>دەپ ئاھ ئۇرۇپ.

ساڭىمۇ بىر كۈنلەر قېرىلىق يىتەر

بىلىسەن شۇ چاغدا قەدرىن ئاناڭنىڭ.

شۇنداق جاھانبۇ ئايلىنىپ كىلەر،

بىلىسەن قانداقكەن مىھرى بالاڭنىڭ.

مەنبە:يازمام

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanbulak تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-8 11:36

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 11:57 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز،رەخمەت سىزگە.....

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
2 
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 12:02 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئانا دەپ يىغلىسا،مېنىڭ بۇ يۈرگۈم،
دادا دەپ كۈيلەيدۇ مېنىڭ بۇ تىلىم.
ئاتا-ئانامنى رازى قىلسام مەن،
ئۈتىدۇ شۇندىلا مەنىلىك كۈنۈم.....

توردا
202سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
44 
يازما
515 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 12:04 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ساڭىمۇ بىر كۈنلەر قېرىلىق يىتەر
بىلىسەن شۇ چاغدا قەدرىن ئاناڭنىڭ.
شۇنداق جاھانبۇ ئايلىنىپ كىلەر،
بىلىسەن قانداقكەن مىھرى بالاڭنىڭ


رەھمەت سىزگە.

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 12:24 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاتا -ئانىمىزنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالايلى ئۇلارنىڭ بارلىقى بىز.

توردا
371سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
73 
يازما
1423 
تېما
140 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-8 13:25 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز ، نادىر تىمىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تەشنا بىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 22:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.