ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر ھېدايەتنامە
كۆرۈش: 93|ئىنكاس: 2
go

ھېدايەتنامە

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
416 
تېما
35 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 19:23 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ھېدايەتنامە

(ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)


ئۆمۈر مەنزىلىدىن تىنماي ئىزلىدىم مەن ھەقىقەتنى،
تەپەككۇر بولدى بىر ھادى تېپىشتا چىن ھىدايەتنى
تىلەپ ھەر سۆزگە باي مەنا يەنە جانلىق پاساھەتنى،
دىلىم ئىستەيىتتى ئىزھارغە ھەمىشە مەقبۇل پۇرسەتنى.
كىلىڭ ئەي دوستلىرىم ئەمدى خۇشال باشلايلى سۆھبەتنى

سۆزۇمنىڭ باشى بسمللا بۇ مۆئمىنلىك ۋەزىپەمدۇر،
سانا يۇ ھەمدىلەر ئېيتسام تۇمەن مىڭنى يەنە كەمدۇر
قۇرۇق ,تۇزسىز ئىبادەتتىن ئەمەل ئەۋزەل ,ئەقىدەمدۇر،
بۇ دەۋايىمغا بورھانىم مۇشۇ يازمىش قەسىدەمدۇر
تىلەيمەن رەببىم ئاللۆھتىن قۇلۇمغا كۇچ ۋە قۇۋۋەتنى ,

تەئەجۈپ ئەيلىشەر بەلكىم بىراۋلەر بۇقەسىدەمدىن.
ئەجەپلەنمەس ئىدى ئىچسە ئەگەر بىر قەترە چەشمەمدىن.
ئېزىقتىم مەنمۇ بىر چاغلار ناگاھ تەۋرەپ ئەقىدەمدىن,
شۈكرىكىم رەھنامە تاپتى كۇڭۈل سۇلتانى تەۋبەمدىن.
ئىلاھا ئەيلىگىل مەڭگۈ ,ماڭا بۇ بەختۇ-ئامەتنى.


تۇغۇلغاچ ئىككى مۆئمىندىن ئۈتۇپ ئەللىكتە سەككىز يىل,
يەكۈنلەش سائىتى يەتتى ئۆمۇرنى ئەمدى ئەستايىدىل.
نەزەر سالسام بېسىپ ئۆتكەن يۇلۇمغا بولمايىن غاپىل,
ئاقۇر كۆز ياشلىرىم گويا بۇلۇپ ئىرىتىش ۋە ياكى نىل
جاھاندا چەكمىگەي ھېچكىم مىنىڭدەك كۆپ نادانەتنى

سەھەردە ھەمدىلەر ئېيتار ئۇچار قۇشلارمۇ ھەر دەمدە,
نىمىشقا بولمىسۇن بىر ھىس تىرىك پەرزەنتى ئادەمدە.
ۋاھالەنكى ئادا بولماي ھىساپسىز قەرىز بۇ زىممەمدە,
ھامان قاينايدۇ ھەسرەتلىك پۇشايمانلار بۇ قەلبىمدە ,
ئۆمۇرنى زايە قىلماڭلار ئېلىپ مەندىن بۇ ئىبرەتنى.

باھار يامغۇرلىرى ھەرتاڭ يۇيار ھەم ياشنىتار تاغنى
ئېرىقلار بىرلە كەلگەن سۇمۇ ھەتتا گۈللىتەر باغنى .
مۇيەسسەر قىلسا مەقسىدىم مۇراتقا يولنى ئاچماقنى ,
ئېرىتسە ھېچ ئەجەپمەسكىم كۆزۈمنىڭ ياشلىرى داغنى .
ئاتا قىلسا ئىلاھىم خەزىنەسىدىن قەترە رەھمەتنى .

سىراتەل مۇستەقىم تاپماق ئەگەر بولسا نەسىبەمدە .
نادامەت داغلىرى قالماس ئىدى مەھزۇن بۇ سىنەمدە ,
ئۆمۈدۈم بىر بېقىپ ئىقبال كۈلۈپ تەلەي پىشانەمدە.
جاراڭلاپ كەتسە قەلبىمنىڭ ساداسى بۇ قەسىدەمدە
نىسىپ ئەيلەپ ياراتقان زات ماڭا بەختۇ- سائادەتنى .

خىيالىم دېڭىزى تىنماي چايقىلىپ ھەمىشە قايناق,
كىچىلەر ئاز يۇمۇپ كۆزنى ۋە گاھى تاڭغىچە ئويغاق.
قۇلۇم يەتمەيدىغان شاخقا ئېسىلدىم شۇنچىلىك مۇشتاق
ئىلاھىم ئۆزى يار بولغاي ئۆمۈدۈمگە يەنە جىقراق
ئاسان ئەيلەپ بۇ مەنزىلدە ماڭا ئۇچرار مۇشاقەتنى

پىكىر دەرياسىغە قانچە تىرەن چۆمگەنسىرى ھەر تۈن ,
كۆڭۈلنىڭ كىرلىرى شۇنچە يۇيۇلدى ,تارقىدى ئەپسۇن
ھاياتىم گەرچە پۇشمانلىق دىلىمدۇر ناتىۋان مەھزۇن ,
ۋە لېكىن جان كىتابىغە قۇشۇلدى تۇمەن مىڭ مەزمۇن .
يىقىن كەلتۇرمە ئى رەببىم! كۆڭۈلگە ئەمدى غەپلەتنى .

تەپەككۇر كۆز بىلەن باقسا كىشى ئالەمگە بىر مەررە .
ئەمەستۇر خالى ھىكمەتتىن ۋە ھەتتاكى ھەسەل ھەرە.
ئادىمىزات يۇكسىلىپ گەرچە ئاتومدىن تاپتى مول زەررە
ۋە لېكىن بىپايان سىر دېڭىزىدىن بۇ تېخى ئازغىنە قەترە .
ئىلاھا قىل كەرەم كۆپرەك بىلەيلى سىرۇ-ھىكمەتنى.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
مىسال:قارىغۇ نىچۇك بىلسۇن ,قۇياش قانداغۇ ئاي قانداق,
بىلۇر ئەمما گۈدەك ھەتتا نىچۈكدۇر گۈل نىچۈك ياپراق .
دىمەككى مەئرىپەتتىن جان تاپۇر ئەقلى -پاراسەتنى.

تۈمەن مىڭ يىل داۋامىدا ئۆتۈپ سانسىز ئاقىل -دانىش ,
ھايات سىرىنى بىلمەكنى قىلىشتى ئارزۇ ھەم خاھىش .
بىراۋلەر قىلسىمۇ كۈچەپ خۇداسىزلىقنى پەرمايىش,
ۋە لېكىن ئەكسىرى مۇتلەق ئېلىپ مەيداندا ئەزمايىش.
ئاخىرى ئېتىراپ قىلدى ئۇلۇغ بىر روھى قۇدرەتنى .

مىسال:بىر قەترىدىن ئادەم بىنا بولغاننى ئويلاپباق ,
ئانا قارنىدا بۇ جايغا ھاۋا بولغاننى ئويلۆپ باق .
تۇغۇلماق سائىتى يەتسە ئانا بولغاننى ئويلۆپ باق ,
بۇ مۈشكۈلگە نە قانۇن پانا بولغاننى ئويلۆپ باق .
شۇ چاغدا تاپقۇسى قەلبىڭ بىرەر مەنتىقى-پىكرەتنى.

بۈگۈن پەن يۈكسىلىپ شۇنچە قىلۇر پەرۋازىنى ئەركىن
ۋە ھەتتا ئاي ۋە يۇلتۇزدا يەر ئوغلى ياتقۇسى يالقىن .
بۇڭا ئەۋلادى ئادىمىزات ئۇقۇر مىڭ مەدھىيە تەلقىن ,
لېكىن ئادەم بىنا قىلماق بۇ ئادەمگە نىچۈك مۇمكىن .
ياراتقان تەڭرىدىن باشقا كىشى تاپماس بۇ قۇدرەتنى .

نىمىشقا ئاياغ ئىككى,كۆز ئىككى ,ئېغىز بىردۇر,
يەنە كۆزلەرگە قاش كىرپىك بىنا قىلغان قايسى تەھرىردۇر .
نىمىشقا مىڭ كىشى چىھرى يەنە مىڭ خىلدا تەسۋىردۇر ,
قېنى ئېيتىڭچۇ؟بۇ سىرغا نىچۈك سۆز توغرا تەئبىر دۇر .
تەپەككۇر ئاچقۇسى كەڭ يول چۈشەنمەككە بۇ سۈرەتنى.

ئۈلۈمنى ئويلىسا ھەر كىم بىلۇر ئۆز زاتىنى ئاندىن ,
تۇغۇلماق سۆڭرە ئۆلمەگلىك ئاياندۇر ھەممىگە ئايدىن
لېكىن نەدە, قاچان,قانداق ئۈلۈشنى كىم بىلۇر ئالدىن ,
ئېچىلماس سىر بۇلۇپ كەلدى بۇ ماۋزۇ دەۋرى –دەۋراندىن
ھەمىشە يىغسىمۇ دۇنيا بۇ سىرغا ھەممە دىققەتنى .

ئۈلۈمگە بىر دەۋا ئىزلەپ جاھاندىن كەتتى كۆپ دەنا,
ۋە لېكىن تاپمىدى ھېچكىم بۇ ئىشتىن زەررىچە مەنا .
ئارىستو ياكى لوقماندەك ھەكىملەرمۇ بىمۇستەسنا ,
دىيىشتى ئاخىرى مۇتلەق ئۇلۇغ قۇدرەتكە ئامەننا.
دىمەك مۆئمىن ئەمەس بۇزماق بۇ قانۇنى زۆرۈرەتنى.

قۇياش,ئاي ۋە يۇلتۇزلار ساما سەيىر ئىتىپ ھەر كۈن ,
مۇئەييەن يول ۋە تەرتىپتە خاتاسىز دەۋىر ئىتەر ھەر كۈن .
بۇڭا ھاكىم ئىكەن مۇتلەق ئەجەپ بىر مۇنتەزىم قانۇن ,
بۇ چەكسىز كائىنات تاپمىش ئەشۇ خىلدا تولا مەزمۇن .
يۇرۇپ نۇرلانغۇسى قەلبىڭ چۈشەنگەنچە بۇھالەتنى

ۋە بەلكى بەزىلەر ئېيتار تۈزەلمەكلىك تەبىئەتتۇر ,
ۋەھالەنكى تەبىئەت ھەم ئەجەپ بىر خىلدا ھەيئەتتۇر.
بۇ ئالەم سىرلىرى بىزگە ھۇنۇن بىر ياخشى ئىبىرەتتۇر,
شېغىل تاش ھەر زامان تاشتۇر ,زۇمرەتلەر -زۇمرەتتۇر.
تەپەككۇر تاشقىنى يۈتسۇن كۆرەڭ باتىل -جاھالتنى .

مىسال :پەن -ھۈنەر ئەسىرى قۇرۇپ ھىكمەت دۇكانىنى,
ياراتتى ئىپتىخارلىق بۇمۇ ئىجازەتلەر زامانىنى .
يەنە ھەم ئاشقۇسىى كۆپلەپ بۈيۈك ھىممەت داۋانىنى ,
لېكىن ئادەم تۈگۈل ھەتتا ئۇنىڭ بىر قەترە قانىنى .
ياسالماس ھەر نىچۈك ئالىم قىلىپ تەقلىد بۇ قۇدرەتنى

ھاياتلىق سىرىغا تەكرار تۇخۇمنى كەلتۈرەي بۇرھان ,
تۇخۇسىز ئالۇر ھەر كىم تۇخّۇمدىن چۈجىنى ئاسان .
ئەگەرچە يەنە مىڭ ھەسسە تەرەققى قىلسىمۇ دەۋران
تۇخۇمنىڭ ئۆزىنى لېكىن ياسالماس بەلكى بۇ ئىنسان .
دىمەك مەخلۇق ھامان مەخلۇق بىلۇر خالىقلا خەلقەتنى .

نەزەر سالساق ئەگەر بۇغداي ۋە ياكى باشقا بىر دانغا
تېرىپ ئۆستۈرمىسە دىھقان ھۇسۇل تولمايدۇ خامانغا .
ئەگەرچە دان ياساش مۇمكىن بۇلۇپ قالسىدى ئىنسانغا ,
زاۋۇتلاردا ياساپ ھەر كۈن پۇلى توختايتتى ئەرزانغا .
دىمەك مەخلۇق ئەمەس قادىر ياراتماققا تەبىئەتنى .

ھاياتلىق سىر لىرى شۇنداق ئاجايىپ كەڭرى دۇنيادۇر ,
بىلىپ يەتكەنىمىز تامچە ,ئەگەر ئۇ بەھرى دەريادۇر .
كىمكى مەۋجۇدات زاتەن ئۇلۇغ ھىكمەتلەر ئەھيادۇر,
كى تۇپراق بولمىدى كىميا مەگەر بولسا ئۇ خۇليادۇر
ھايات قانۇنى ھەردەمدە قىلۇر تەكرار بۇ ئىبىرەتنى.

مىسالنى يەنە يۈز-يۈزلەپ تېپىش مۈشكۈل ئەمەس ھەر ئان
ۋە لېكىن ھەممىدىن ئەئلا ئۇلۇغ مۆجىزە دۇر قۇرئان .
خۇسۇسەن بولسا تەپسىرى < سۈرە رەھمان.>
كۇپايە قىلمىسا كاشكى ئاشۇنچە < ما تۇكەززىبان.>
قۇلۇپلۇق بو لمىسا قەلبىڭ قۇبۇل ئەيلەر بۇ نىمەتنى.

تۇلۇق ئون تۆت ئەسىر ئۆتتى نەقىشلەر بولمىدى سادىر,
نىمىكى دىسە قۇرئاندا بۈگۈن دۇنيادا شۇ زاھىر .
بۇنىڭدەك مۆجىزە ئىشىگە نىچۈك مەخلۇق بولۇر قادىر
ئۇنىڭ تەئرىپىگە سۆزنى تاپۇر قايدىن ئەدىپ ,شائىر
نىسىپ قىلمايدىكەن تەڭرى ئەگەرتىلغا بالاغەتنى

ئۈتۈپ بىر مىڭدا تۆت يۈز يىل ھاۋادىسىلەر بىلەن بىر-بىر,
بىرەر ئىش قالمىدى شەكلەن ۋە مەئنەن بولمىغاي تەغيىر .
بىراۋلار قەسىت بىلەن قۇرئان قۇرئان بېتى قىلسىمۇ تەھرىر ,
لېكىن ئۆزگەرمىدى بىر ھەرىپ,بىرەر ساكىن ياكى زىر.
چۈشەنمەك نە مۈشكۈلدۇر بۇ مۆجىزە - كارامەتنى .

پۈتۈن ئۆمرىدە يا مەكتەپ يا ئۇستاز كۆرمىگەن بىر زات
ئۇقۇپ بىر كۈن < >نى ھەيھات .
تېپىپ قۇددۇسى قۇدرەتنىڭ ئۇلۇغ ئەنۋارىدىن ئىرشات ,
نەبۇۋەت ئەسىرىنىڭ شانلىق تۇغىنى ئەيلىسە بۇ نىيات
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس ئەقىل مۇنداق ھەقىقەتنى

ئۇقۇپ كۆرسەك بۇتارىخنى ئەجەپ بىر ئەسرى ھىكمەتتۇر,
مۇبارەك تەرجىمەھالى تامامى پەزلى -خىسلەتتۇر.
رەقىپلەر ئىتىراپىمۇ بۇڭا ئەلۋەتتە ھۆججەتتۇر
بۇ زاتنىڭ ئسمى شەرىپى رەسۇل ئەكرەم مۇھەممەددۇر .
ياراتتى مەڭگۈ ئۆلمەس بىر ئۇلۇغ ئەسرى سائادەتنى.

نەبۇۋەت تاڭى ئاتماستا ئەرەپنىىڭ ھالىنى ئەسلەڭ,
جاھالەت دەستىدىن ئەلنىڭ ئايانىچ ئەھۋالىنى ئەسلەڭ .
زالالەت ھەم رەزىللىكنىڭ ياۋۇز ئىمسالىنى ئەسلەڭ
مىسال :بىر قىز تۇغۇلسا گەر زەبۇن ئىقبالىنى ئەسلەڭ .
يىمىردى نەبۇۋۋەتلا ئەرەپتىن بارچە زۇلمەتنى .

ۋەھىنى بەزىلەر ئىلھام دىيىشتى بىر زامان ھۆكمەن,
ۋەھالەنكى ئۇلۇغ قۇرئان ئەمەستۇر قىسسە يا رومان .
ئۇنى ئىلھام بىلەن ئىجاد قىلىشقا بولسا گەر ئىمكان ,
نىمىشقا يازمىدى بىر كىم يەنە ئىككىنجى بىر قۇرئان .
نىچۈكمۇ ئىتىراپ قىلماس كىشى مۇنداق ھەقىقەتنى

بىراۋلار قىلدىلەر دەئۋا, نەبىلىك ئۈستىدە ھەتتا,
تېپىپ مىڭ ھېلە -نەيرەڭلەر, ئۆزىنى كۆرسىتىپ تەقۋا.
يېزىپ ئايەتكە تەقلىدلەر,ۋە ھەتتا قىلسىمۇ غەۋغا.
جاھاندىن كەتتلەر لىكىن, بولۇپ ئالەمگە مىڭ رەسۋا.
تاپالماس چۈنكى باتىللىق,ھەقىقى شانۇ-شۆھرەتنى.

بۇلارنىڭ ھەممىسى جانلىق ئۇلۇق مۆجىزە ئەلۋەتتە,
يەنە قانداق دەلىل لازىم بايان قىلماققا بۇ ھەقتە.
ئەقىل ساھىپلىرى جاندىن ئۆتەر تەستىق, قانائەتتە,
ئەگەرچە ياق دىسە بەزى مۇخالىپلار جاھالەتتە.
ئۆزىگە رەھنامە قىلسۇن ئەدىل , مەردانە پىكرەتنى.

خاتىمە.
بايان قىلغانلىرىم گەرچە دېڭىزدىن تامچىدۇر ئەمما,
نامايەندۇر قوياش ئەكسى بىر تامچە سۇدىمۇ ھەتتا.
قەسىدەم ئەلگە يەتكۈزسە ھېدايەتتىن بىرەر مەئنا
مۇكاپات شۇ ئىدى مەنچۈن, ئەمەسمەن ئۆزگىگە تەشنا.
كۆچەتنى تىككۈچى مەيلى كۆرەلمەي ئۆتسە راھەتنى.

ئەقىدەم ھەققە باغلانغان, بۇ يولدا ئەتىمادىم بار,
شۈكرىكىم,ھەق ئاتا قىلغان ئىرادە,ئېتىقادىم بار.
ئەقىدە ساھىبى بولغاچ دىلىمدا پەخرۇ -يادىم بار,
دىمەيمەن مۇنچە گۇستاھلىق,قىلىشقا نىمە ھەددىم بار.
پىسەنىت قىلماس كۆڭۈل چۈنكى قۇرۇق تەئنە -مالامەتنى
.
جاھان باقى ئەمەس, لوقمان چېغىدا تاپمىدى دەرمان,
مىسالدۇر رومى ئىسكەندەر, ۋە ھەتتا ۋەھشى چىڭگىزخان.
كېلىپ -كەتمەك بىلەن مەشغۇل, جاھانغا بىھېساپ كارۋان,
ئۆتەر دۇنيا, كېچەر دۇنيا, پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدە تاپتىم نىھايەت شۇ ھەقىقەتنى.


مەنبە : ئاپتۇرنىڭ شئىرلار توپلىمىدىن

Rank: 8Rank: 8

توردا
220سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
297 
تېما
71 

شەرەپلىك ئەزا ئۈلگىلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 22:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئېسىل تېما يوللاپسىز.تېمىغا يانداش ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ قويدۇم.





كۈچلۈك رېئالىزىملىق روھ ۋە چوڭقۇر تارىخى ئاساسقا ئىگە ئەسەرلىرى بىلەن جامائەتچىلىككە تونۇلغان، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى ياراتقان مەشھۇر ئالىم، تالانتلىق شائىر يازغۇچى، تارىخچى ۋە تىلشۇناس ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئەدىبلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹قەشقەر كېچىسى›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1980– يىل)، ‹‹ئىز›› (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئۆمۈر مەنزىللىرى››، (شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى، 1985– يىل)، ‹‹ئويغانغان زېمىن››، (شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1989– يىل) قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. ‹‹قەشقەر كېچىسى›› ناملىق داستانى مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى باھالاش پائالىيىدە 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 1981– يىلى ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇز يىلدىن بۇيانقى مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا 1– دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ‹‹شېئىر ۋە شائىر››، ‹‹تۇرپان تەسىراتلىرى››، ‹‹قەشقەر كېچىسى››، ‹‹ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك›› قاتارلىق شېئىر ۋە داستانلىرى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ‹‹شېئىرىيەت››، ‹‹مىللەتلەر ئەدەبىياتى››، ‹‹شىنجاڭ ئەدەبىيات– سەنئىتى›› (ھازىرقى ‹‹غەربى دىيار ئەدەبىياتى››) قاتارلىق ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.

ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 1923– يىلى قۇمۇلدا ئوتتۇرا ھال تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى تىلەش بېگىم ئالەمدىن ئۆتۈش ئالدىدا ئەمدىلا تۆت ياشقا كىرگەن ئابدۇرېھىمنى ئۆزىنىڭ سودىگەر دوستى ئوسمان ھاجىمغا بېرىۋەتكەن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئۆيدە ساۋاتىنى چىقارغاندىن كېيىن، دىنى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1934– يىلى ئوسمان ھاجىم بىلەن بىللە ئۇچتۇرپانغا كۆچۈپ بېرىپ، شۇ يەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن. 1936– يىلى ئۈرۈمچى بىرىنجى گىمنازىيىدە ئۈچ يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، 1939– يىلى شىنجاڭ دارىلفۇنۇنغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1942– يىلى بۇ مەكتەپنىڭ پېداگوگىكا فاكولتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1944– گومىنداڭ تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىنىپ، 1945– يىلى چىققان. 1995–يىلى كېسەل سەۋەبى بىلەن ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولغان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەدەبىيات تارىخى تەتقىقاتىدىمۇ خوشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ ئىلگىرى– ئاخىر ‹‹ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى مەسىلىسى››، ‹‹قەدىمقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى توغرىسىدا››، ‹‹قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى شانلىق نامايەندە— قۇتادغۇ بىلىك››، ‹‹بۈيۈك مۇتەپەككۇر، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسى توغرىسىدا››، ‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە بەدىئىي قىممىتى توغرىسىدا›› قاتارلىق يىگىرمە نەچچە پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يۈكسىلىش جەريانىنى تارىخى جەھەتتىن توغرا باھالاپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولغان.
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇتۇقى شۇكى، ئۇ بىر نەچچە يىللىق قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ، ‹‹تۈركىي تىللار دىۋانى›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنى ۋە ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى نەزمىي يەشمىسىنى ئىشلەشكە قاتنىشىپ، بۇ ئىككى نادىر ئەسەرنىڭ نەشىر قىلىنىشىغا زور ھەسسە قوشقان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن جاپالىق ئەمگىكى خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا مەڭگۈ قەدىرلىنىدۇ.
يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر — جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات– سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، شىمالى جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر پەلسەپە ۋە ئىجتىمائىي ئىدىيىلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەمئىيىتى، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىي تەتقىقاتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، جۇڭگو تۈركولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ‹‹قۇتادغۇ بىلىك›› تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ يوقىرى دەرىجىلىك تەتقىقات خادىمى بولۇپ ئىشلىگەن

مەنبە؛تەرمىلەر


باھا سۆز

dil-pirak رەھمەت سىزگە ! يوللانغان ۋاقتى 2011-5-18 23:19

توردا
42سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
203 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-19 13:28 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
جاپا چىكىپسىز ، بۇ شىئر نى بەكمۇ ياقتۇراتتىم ، يەنە بىر قىتىم كۆرۇشكە مۇيەسسەر بولدۇم !
ئۆتكۇر ئەپەندىنىڭ شىئېرلىرى كىشىنى بەكمۇ ئويلاندۇرىدۇ !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-22 22:40

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.