- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-21
- تىزىملاش
- 2010-11-10
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 42سائەت
- جۇغلانما
- 1625
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 205
- تېما
- 112
- توردا
- 42سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 6
- يازما
- 205
- تېما
- 112
|
تۈز،گېپىدە تۇرىدىغان،ئەخلاقلىق، ۋاستە ئىشىلەتمەيدىغان كىشىلەر مەدھىيىلەشكە ئەرزىيدۇ.لېكىن دەۋرنىڭ تەجرىبىسى بىزگە-مۇنداق دەيدۇ؛ئۇلۇغ ئىشىلارنى قىلىغان خان-پادىشاھلار ئىشەنچ دېگەن بۇ سۆزىنى چوڭ بىلىپ كەتمىگەن،ئۇلار ھەر خىل ۋاستىلەر ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى دەككلە-دۈككىگە سېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا كېپىدە تۇرىدىغان،ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىدىغان خان-پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغان.
ئېلىشىشىنىڭ زوراۋانلىق ۋە قانۇندىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل بار.زوراۋانلىق ھايۋاننىڭ ئۇسۇلى،قانۇن ئادەمنىڭ ئۇسۇلى.ئەقىللىق كىشىلەر قانۇنغا تايىنىپو يېڭەلمىگەندە،زوراۋانلىققا ئىلتىجا قىلماي قالمايدۇ. شۇڭا ئاقىللار ئادەميىلىك بىلەن ھايۋانلىقىنى قانداق ئىشىلىتىشىنى چۈشىنىۋېلىشى كېرەك.قەدىمكى يازغۇچىلارنىڭ ھېكايە قىلىشىدىن قارىغاندا ئاكىللىس ۋە باشقا نۇرغۇن ھۆكۈمدارلار تۇغۇلغاندىن كېيىن يېرىم ئات،يېرىم ئادەم كېلوننىڭ بېقىشىغا ھاۋالە قىلىنغا ۋە ئۇنىڭ تەربىيسىدە چوڭ بولغان ئىكەن.بۇ يېرىم ئات،يېرىم ئادەم ئۇستازنىڭ ھېكايسىنىڭ دېمەكچى بولغىنى،ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەم ئادەمىيىلىك بىلەن ھايۋانىيلىقىنى قادناق ئىشىلىتىشىنى بىلىۋېلىشى كېرەك،بۇنىڭ بىرى كەم بولسا ئالدامچىلىق ۋە خەۋپ-خەتەرگە تولغان بۇ دۇنيادا پۇت تىرەپ تۇرغىلى بولمايدۇ،ناۋاداسىز ھاياتلىق سەھنىسىدە بىر غالىبىقا ئايلىنىمەن،دەيدىكلەنسىز سىر ۋە تۈلكە بولۇشىنى ئۆگىنۋېلىشىڭىز كېرەك.چۈنكى،شىر قىلتاققا چۈشۈپ قېلىشىتىن خالىي بولالمايدۇ.تۈلكىنىڭ بۆرە-يولۋاسقا تەڭ كەلگۈدەك كۈچى يوق،شۇڭا بىر ئاقىل ئادەم قىلتاقىنى تونۇيالايدىغان تۈلكە،بۆرە،يولۋاسقا تەھدىت سالالايدىغان شىر بولۇشى كېرەك.پەقەت شىر بولۇشنىلا ئويلايدىغان كىشىلەر بۇ نوقتىنى ھېس قىلالمايدۇ.شۇڭا ئەقىللىق ئادەم ۋەدىگە ۋاپا قىلىش ئۆز مەنپەئىتىگە زىيانلىق ئەھۋالدا پۇت-قولىنى چۈشەپ ۋەدىسىدە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى كۈچتىن قالغاندا دەرھال ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىمايدىغان ئادەمدۇر.ناۋادا ھەممە ئادەم ياخشى بولغان بولسا بۇ گەپنىڭ قىلچە ئەھمىيىتى بولمايتتى،لېكىن دۇنيا خىلىمۇخىل ئادەملەر بىلەن تولغان،بەزىلەر ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىمسا،سىزنىڭمۇ ئۇلارغا ۋاپا قىلىش مەسئۇلىيىتىڭىز بولمايدۇ.ئەقىللىق ئادەملەرگە ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقىغا ئوزۇنلۇق باھانە ئىزدەپ تاپالايدىغان كىشىلەردۇر.بۇ ھەقتە مىساللار كۆپ.نۇرغۇن شەرتنامە ۋە ۋەدىلەرنىڭ يىرتىپ تاشلانغانلىقى پاكىت.تۈلكىدەك بولالىغان كىشىلەر ھامان ئەڭ چوڭ غەلبىگە ئېرىشەلەيدۇ.لېكىن تۈلكىنى دوىغۇچى چوقۇم ئەڭ ماھىرى دورىغۇچى ۋە نىقابلانغۇچى بولۇشى كېرەك.نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ،مېڭىسى بەك ئاددىي،نۆۋەتتكى ئېھىتىياجى ئۈچۈن ئوڭايلا تىز پۈكىدو.ناۋادا كىمىكى ئالدامچىلىقنى نىيەت قىلىسا،ئالدىنىدىغان ئادەملەر ھامان چىقىپ تۇرىدۇ.
ئۇلۇغ سېپدۇمۇس سېۋىلىس مانا مۇشۇنداق ئىقىتىدارغا ئىگە ئادەم ئىدى.ئۇ ئەسكەرلىرىدە ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ،پۇقرالىرىنى ئېزەتتى،شۇنداقتىمۇ دۆلەتنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىدارە قىلىغانىدى.چۈنكى مەيلى ئەسكەرلەر بولسۇن،مەيلى پۇقرالار بولسۇن ئۇنىڭ ئىقىتدارى ۋە ئەخلاقىغا قايىل بولمايدىغانلار يوق.پۇقرالار ئۇنىڭىدىن قورقاتتى،ئەسكەرلەر ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى ھەم قايىل بولاتتى.
ئۇ يېڭى پادىشاھلار ئۆگەنگۈدەك قالتىس ئىشىلارنى قىلىغان.بۇ يەردە ئۇنىڭ قانداق ئۇستىلىق بىلەن ھەم تۈلكە،ھەم شىر بولغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتەيلى؛بۇنداق ئىقىتىدارنى پادىشاھلار ئۆگىنىپلا قالماي ئادەتتىكى پۇقرالار ئۆگەنسىمۇ زور مەنپەئەت ئالالايدۇ.سېۋىلىس،پادىشاھ كىلئاننىڭ نان قېپى خاراكتېرىدىن خەۋەردا ئىدى.شۇڭا ئۇ ئۆزى قوماندانلىق قىلىۋاتقان سىلپانيادىكى ئارمىيىنى رىمغا قايتىپ.سابىق پادىشاھ پېدىنكىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىشىقا قايىل قىلىدۇ.چۈنكى بۇ پادىشاھنى كېلىس ئۆزىنىڭ پادىشاھ بولۇش ئويىنى ھېچكىمىگە ئوقتۇرماي،مۇشۇنداق بىر سەۋەب بىلەن ئارمىيىنى باشلاپ رىمغا قاراپ يولغا چىقىتى،رىمغا كەلگەندە ئوردا ئاقساقاللىرى قورقۇپ كېتىپ كېلئاننى قەتلى قىلىپ سېۋىلىسىنى پادىشاھ قىلىپ سايلىدى،سېۋىلىس بۇ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن ئالدىدا تۇرغان ئىككى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىمىسا بولمايتتى،قىيىنچىلىقىنىڭ بىرى ئاسىيادا بولۇپ،رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاسىيادا تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ كوماندىرى نىگىلناس ئاللىقاچان ئۆزى تۇرغان يەردەپادىشاھ بولغانىدى.يەنە بىرى غەربتىكى ئالپىناس بولۇپ ئۇمۇ پادىشاھلىقىنى تارتىۋېلىش كويىدا ئىدى.سېۋېلىس بىر ۋاقىتتا ئىككى تەرەپ بىلەن دۈشمەنلىشىشىنىڭ خەتەرلىكلىكىنى تونۇپ،نىگىلناسقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئالپىناسنى ئالداش قارارىغا كەلدى..ئۇ ئالپىناسقا خەت يېزىپ،ئاقساقاللارنىڭ ئۆزىنى پادىشاھ قىلىپ سايلىغانلىقى،لېكىن ئۆزىنىڭ ئالپىناس بىلەن بىللە شان-شەرەپتىن تەڭ بەھرىمەن بولغۇسى بارلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇنىڭىغا قەيسەر دېگەن ئاتاقنى بەردى.ئاقساقاللار كېڭىشى قارار ماقۇللاپ ئالپىناس بۇ ئىشىلارنىڭ ھەممىسى راسىت دەپ قارىدى، كېيىن سېۋىلىس،نىگىلناسىنى ئۇرۇشتا يېڭىپ كاللىسىنى ئالدى.شەرقنىڭ ئىشلىرى تىنىچىدى،رىمغا قايتىقاندىن كېيىن ئۇ،ئاقساقاللار كېڭىشىدە ئالپىناسىنى ۋاپاسىزلىق قىلىپ،ماڭا قەسىت قىلىشىقا ئۇرۇندى،دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئۇنى جازالاشقا ئاتلاندى.ئۇ ئالپىناسىنىڭ ئورنىنى تارتىۋېلىپلا قالماي كاللىسىنىمۇ ئالدى.
سېۋىلىسىنىڭ قىلىغانلىرىنى سەگەكلىك بىلەن تەھلىل قىلىساق، ئۇنىڭ بىر ۋەھشى شىر بولۇپلا قالماي ناھايىتى ئەقىللىق تۈلكە ئىكەنلىكىنىمۇ بايقايمىز.كىشىلەر ئۇنىڭىدىن قورقىدۇ ھەم ئۇنى ھۆرمەتلەيدۇ.بۇنداق ئادەمنىڭ شۇنداق چوڭ ھوقۇقلارغا ئىگە بولغىنىغا ھەيران قېلىشىنىڭ ھاجىتى يوق.چۈنكى ئۇنىڭ غايەت زور ئابرويى دائىم ئۇنى قوغدايدۇ.خەلقىنىڭ نەپرىتىدىن خالىي قىلىدۇ.
مەنبە؛جاھاندارچلىق رىساللىرى
|
|