- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-23
- تىزىملاش
- 2010-7-20
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 189سائەت
- جۇغلانما
- 2718
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 486
- تېما
- 132
- توردا
- 189سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 486
- تېما
- 132
|
پوپ بىلەن مۇسۇلماننىڭ دىئالۇگى
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر بالا ئامېرىكىدا ئوقۇيدىكەن، ئامېرىكىدا بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى ئوقۇغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىنسانلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلىدىكەن. بۇ بالا بىر كۈنى بىر خرىستىئان بالا بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ، كۈن ئۆتكەنسېرى ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقىسىمۇ خېلى قويۇقلىشىپ قاپتۇ. مۇسۇلمان بالا ئولتۇرسا- قوپسا خرىستىئان تونۇشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىدىكەن.
بىر كۈنى بۇ ئككى بالا مەھەللە ئايلىنىۋېتىپ بىر چېركاۋنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قاپتۇ. بۇ ئەسنادا خرىستىئان بالا مۇسۇلمان ئاغىنىسىدىن ئۆزى بىلەن بىللە چېركاۋغا كىرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ، مۇسۇلمان بالا باشتا ئۇنىماپتۇ، لېكىن ئاخىرى خرىستىئان ئاغىنىسىنىڭ قاتتىق تەلىۋىگە ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ.
نەتىجىدە بۇ ئىككى بالا بىرلىكتە چېركاۋغا كىرىپ ئۈستەللەرنىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپتۇ، بىرئاز جىمجىتلىقتىن كېيىن پوپ كىرىپ چېركاۋدىكىلەرگە بىر قاراپ چىقىپ: «ئارىمىزدا بىر مۇسۇلمان كۆرۈنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم» دەپتۇ. ھېلىقى مۇسۇلمان بالا مىدىرلىماي ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. پوپ سۆزىنى بىرقانچە قېتىم تەكرارلاپتۇ، مۇسۇلمان بالا ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇرۇۋىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن پوپ: «ئۇنىڭ چىقىپ كېتىشى لازىم، ئۇنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېلىنىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچكىم چېقىلمىسۇن» دەپتۇ.
مۇسۇلمان بالا بۇ گەپنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كېتىشكە مېڭىپتۇ، لېكىن ئىشىك ئالدىغا بېرىپ توختاپ تۇرۇپ پوپتىن: «مېنى قانداق تونۇدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. پوپ: «مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزلىرىدە نىشانى بار» دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ مۇسۇلمان بالا ئىشىك تەرەپكە بۇرۇلۇپ چىقىپ كەتمەكچى بولۇپتۇ. بۇ ئارىدا پوپ بۇ مۇسۇلمان بالىدىن بىر قانچە سوئال سوراپ يىڭىۋېتەي دېگەن مەقسەتتە ئۇنىڭغا: «توختا! مەن سەندىن سوئال سورايمەن» دەپتۇ. مۇسۇلمان بالا بۇنىڭغا ماقۇل بوپتۇ. :
پوپ: «ئۇنداق بولسا مېنىڭ سەندىن سورايدىغان يىگىرمە ئالتە سۇئاللىم بار، سېنىڭ ھەممە سوئاللىمغا جاۋاب بېرىشىڭ لازىم» دەپتۇ. بىزنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «خالىغىنىڭىزنى سوراڭ» دەپتۇ. شۇنداق قىلىپ پوپ بىلەن مۇسۇلمان بالىنىڭ ئارىسىدا تۆۋەندىكى سۇئال-جاۋاپلار باشلىنىپتۇ |
1-سۇئال: ئىككىنچىسى يوق بىر؟
جاۋاپ : – ئاللاھ !
2-سۇئال: ئۈچىنچىسى يوق ئىككى؟
جاۋاپ: – كېچە بىلەن كۈندۈز.
3-سۇئال: تۆتىنچىسى يوق ئۈچ؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ خىزىر ئەلەيھىسسالامغا ئېيتقان ئۆزرىلىرى.
4-سۇئال: بەشىنچىسى يوق تۆت؟
جاۋاپ: – تەۋرات، ئىنجىل، زەبۇر ۋە قۇرئان كەرىم.
5-سۇئال: ئالتىنچىسى يوق بەش؟
جاۋاپ: – بەش بەش ۋاخ ناماز.
6-سۇئال: يەتتىنچىسى يوق ئالتە؟
جاۋاپ: – ئاللاھ كائىناتنى ياراتقان ئالتە كۈن.
7 -سۇئال: سەككىزىنچىسى يوق يەتتە؟
جاۋاپ: – يەتتە قات ئاسمان.
8-سۇئال: توققىزىنچىسى يوق سەككىز؟
جاۋاپ: – ئەرشىنى كۆتۈرۈپ تۇرىدىغان سەككىز پەرىشتە.
9-سۇئال: ئونىنچىسى يوق توققۇز؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ توققۇز مۆجىزىسى.
10-سۇئال: كۆپەيتىشنى قوبۇل قىلىدىغان ئون؟
جاۋاپ: – ياخشى ئەمەلدۇر. ئاللاھ تەئالاھ ئۇنى كۆپەيتىدۇ.
11-سۇئال: ئون ئىككىنچىسى يوق ئونبىر؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرى.
12-سۇئال: ئون ئۈچىنچىسى يوق ئون ئىككى؟
جاۋاپ: – مۇسا ئەلەيھىسسالام ھاسىسى بىلەن تاشقا ئۇرغاندا تاشتىن ئېتىلىپ چىققان ئون ئىككى بۇلاق.
13-سۇئال: ئون تۆتىنچىسى يوق ئون ئۈچ؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ 11 بىر تۇغقىنى ۋە ئاتا- ئانىسى.
14-سۇئال: نەپەس ئالىدۇ جېنى يوق؟
جاۋاپ: – تاڭنىڭ يورۇشى.
15- سۇئال: ئىگىسى بىلەن ماڭغان قەبىر؟
جاۋاپ: – يۇنۈس ئەلەيھىسسالامنى يۇتۈپ كەتكەن بېلىق.
16- سۇئال: يالغان ئېيتقان ۋە جەننەتكە كىرگەن كىشىلەر؟
جاۋاپ: – يۇسۈف ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر تۇغقانلىرىدۇر. بۇلار دادىسى ياقۇب ئەلەيھىسسالامغا يالغان ئېيتقان، كېيىن ياقۇب ئەلەيھىسسالام بۇلارغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغان.
17- سۇئال: ئاللاھ ئۆزى ياراتقان ۋە ئۆزى ياخشى كۆرمىگەن نەرسە؟
جاۋاپ: – ئېشەكنىڭ ئاۋازى.
18- سۇئال: ئاللاھ ئاتا- ئانىسىز ياراتقان شەيئىلەر؟
جاۋاپ: – ئادەم ئەلەيھىسسالام، پەرىشتىلەر ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى.
19- سۇئال: ئوتتىن يارىىتلغان كىشى؟
جاۋاپ: – ئىبلىس
20- سۇئال: ئوت بىلەن ھالاك قىلىنغان كىشى؟ .
جاۋاپ: – ئەبۇ جەھىل ۋە ئۇنىڭ تەرەپتارلىرى.
21- سۇئال: ئوتتىن ساقلانغان كىشى؟
جاۋاپ: – ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام.
22- سۇئال: تاشتىن يارىتىلغان نەرسە؟ :
جاۋاپ: – سالىھ ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆگىسى. ,
23- سۇئال: تاش بىلەن ھالاك بولغانلار؟
جاۋاپ: – ئەسھابۇلفىيل.
24- سۇئال: تاش بىلەن ساقلانغانلار؟
جاۋاپ: – ئەسھابۇلكەھىف.
25- سۇئال: ئاللاھ ئۆزى يارىتىپ ئۆزى چوڭ سانىغان نەرسە؟
جاۋاپ: – ئاياللارنىڭ ھىيلىسى.
26- سۇئال: بىر دەرەخ بار، ئۇ دەرەخنىڭ 12 پۇتىقى بار، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ بار، ھەر شاختا 5 دىن مېۋە بار، مېۋىنىڭ ئۈچى سايىدا، ئىككىسى ئاپتاپتا. بۇ نېمە؟
جاۋاپ:- دەرەخ بىر يىلدۇر، ئون ئىككى پۇتىقى ئون ئىككى ئايدۇر، ھەر پۇتاقتا 30 دىن شاخ دېمەك ھەر ئايدا ئوتتۇز كۈن بار دېمەكتۇر، ھەر شاختا بەشتىن مېۋە بار، ئۈچى سايىدا ئىككىسى ئاپتاپتا دېگەن گەپ بىر كۈندە بەش ۋاخ ناماز بار، ئۈچى قاراڭغۇلۇقتا ئوقۇلىدۇ، ئىككىسى يورۇقلۇقتا ئوقۇلىدۇ، دېگەن بولدۇ. '
مۇسۇلمان بالا سوئاللارغا ھېچ دۇدۇقلاپ قالماستىن جاۋاب بەرگەندىن كېيىن پوپ ۋە چېركاۋدىكى پۈتۈن خرىستىئانلار بۇ بالىنىڭ ھۇشيارلىقىغا ھەيران قاپتۇ. بۇ بالا چىقىپ كېتەي دەپ تەمشىلىۋېتىپ پوپتىن بىر سوئال سوراشنى تەلەپ قىپتۇ، پوپ ماقۇل بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ياش مۇسۇلمان پوپتىن: «جەننەتنىڭ ئاچقۇچى نېمە» دەپ سوراپتۇ. پوپ بۇ سوئالنى ئاڭلاپ گاڭگىراپ قاپتۇ، تىل چاينىغىلى باشلاپتۇ، رەڭگى ئۆزگىرېپتۇ ۋە قورقۇنچىسىنى يوشۇرالماپتۇ.
چېركاۋدىكىلەر پوپتىن بالىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ ۋە: «سەن بۇنىڭدىن يىگىرمە ئالتە سوئال سورۇدۇڭ،ئۇ ھەممە سوئالىڭغا جاۋاب بەردى، ئەمدى ئۇ سەندىن بىر سوئال سورىسا جاۋاب بېرەلمەمسەن؟» دەپتۇ. پوپ: «جاۋاب بېرەلەيمەن، لېكىن سىلەردىن قورقىمەن» دەپتۇ. ئۇلار: «سېنى ھېچنېمە قىلمايمىز، بۇ سوئالىنىڭ جاۋابى نېمە بولسا قورقماي دېگىن» دەپتۇ. پوپ ئۇلاردىن ئامانلىق ۋەدىسى ئالغاندىن كېيىن سوئالغا مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىپتۇ: – جەننەتنىڭ ئاچقۇچى «ئەشھەدۇ ئەنلا ئىلاھە ئىللەللاھ، ۋە ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھدۇر» دەپتۇ ۋە مۇسۇلمان بوپتۇ. بۇنىڭغا ئەگىشىپ چېركاۋدىكىلەرنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان بوپتۇ.
نېمە دېگەن ياخشى سۇئال جاۋاپلار -ھە!
مەنبە : ئەليۇرت تورى
|
|