ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر شېئىر نەسىرلەر جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى
كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 4
go

جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى

توردا
65سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
350 
تېما
60 

ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 12:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى



( مۇخەممەس )



ئانام دەپ تىل چىققان ئانامنىڭ تىلى ،

دىلىمغا ئورنىغان ئۇيغۇرنىڭ تىلى ،

ئانام دەپ، دادام دەپ ئۆتىمەن ھىلى ،

ئۆتمۈشتىن ھازىرغا مىللەتنىڭ تىلى ،

ھازىرمۇ جان تىلىم _ ئانامنىڭ تىلى .



كۇرمىڭلاپ مەنا بار تىلنىڭ ئىچىدە ،

ئانا تىل مۇقەددەس ئەلنىڭ ئىچىدە ،

جويلىسەم ئاھ، شۇ تىل يەنە كىچىدە ،

يۈرەكنىڭ ئەڭ چۇڭقۇر باغرى ئىچىدە ،

ئۇيغۇرنىڭ تىلى ھەم دادامنىڭ تىلى .



تىل بىلىش ئۇلۇغ ئىش، ئۆگەن ئۇيغۇرۇم،

ئانا تىل بىلمىسەم غۇۋا ئويلۇرۇم ،

ئىسىڭدە بولسۇنكى ساڭا دەپ قويدۇم ،

لىكىنزە ناداندىن ئەسلا مەن تويدۇم ،

ئانا تىل كەلگۈسى بالامنىڭ تىلى .



تىل ئاساس ، تىل مەنا ، ئۇنۇتما بالا ،

ئاناڭنىڭ تىلى ئۇ ئۆگەنمە چالا ،

سەن ئەلگە ئەۋلادقا كەلگۇسى دادا ،

گەر بولساڭ ساۋاتسىز بولىسەن چالا ،

تىل بىلىش شەرەپلىك، ئانامنىڭ تىلى .



ئۆز تىلنى بىلمىگەن ناداننىڭ ئىشى ،

ئۆگەنسۇن زەن قويۇپ ئەركەك ھەم چىشى ،

ساقلىسۇن گۆھەر ئۇ- قىرى ھەم يېشى ،

بۇ تىلسىز ئوڭ بولماس ھەم كۆرگەن چۇشى ،

چۇنكى ئۇ سىڭلىمنىڭ ، ئاكامنىڭ تىلى .



ئانا تىل ھالالدۇر يىگەن نېنىمدىن ،

كەمسىتسەڭ جان چىقار ئەزىز تېنىمدىن ،

سۆزلەيدۇ بىر ئۆمۈر ھايات تىلىمدىن ،

ئانا دەپ ئۆتىدۇ ھىلىھەم تىلىمدىن ،

چۇنكى ئۇ ئانامنىڭ ، ئاۋامنىڭ تىلى .



ئاپتۇرى: يۈسۈپجان سابىر ئوتياق

توردا
234سائەت 
نادىر تېما
دوست
32 
يازما
2146 
تېما
263 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 13:19 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
‹‹چۈنكى ئۇ ئانامنىڭ ، ئاۋامنىڭ تىلى›› بەك ياخشى يىزىپسىز، ئاناتىلنى قوغداش، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىىمز ۋە بۇرچىمىز، ھازىر بىرقىسىم ‹‹چالا مىڭكاۋ خەنلەر›› كۆپىيىپ قالدى، ئاشۇنداقلارنى كۆرسەم ئىڭەكلىرىگە نەچچىنى سالغۇم كىلىدۇ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر ، ھارمىغايىسز...

توردا
175سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 16:16 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مېنىڭچە ھەممەيلەن ئەمىلىي تۇرمۇشمىزدا كۆپرەك قوللانساق تىلىمىزنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئىشىپ باراتتى . ھازىر مۇنداق ئەھۋاللار خىلى ئىغىر . مەسلەن كۆپىنچە ئادەملەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ تېلىېفۇن نۇمىرىنىمۇ ئۇيغۇرچە ئىيتىپ بىرلەلمەيدۇ . تېخى ئۇيغۇرچە دىسە زاڭلىق قىلىپ كۈلىدۇ .

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
44 
يازما
514 
تېما
33 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-5-27 17:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
رەھمەت ئوتياق ئەپەندىم!!!!
نادىر تىمىللىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن!!!

توردا
201سائەت 
نادىر تېما
دوست
22 
يازما
1159 
تېما
247 
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-28 12:01 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاناتىلنى قوغداش، بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىىمز ۋە بۇرچىمىز، ھازىر بىرقىسىم ‹‹چالا مىڭكاۋ خەنلەر›› كۆپىيىپ قالدى، ئاشۇنداقلارنى كۆرسەم ئىڭەكلىرىگە نەچچىنى سالغۇم كىلىدۇ، تىمىڭىزغا تەشەككۈر ، ھارمىغايىسز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-20 13:52

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.