كۆرمىگىل قەشقەرنى كەم ، بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر، ھەزرىتى سۇلتان ساتۇق بۇغرايى خاقانلار ياتۇر . 
خەلق ئۈچۈن جاننى تىكىپ دۈشمەن بىلەن قىلغان كۆرەش، خاس ئول شەھەر قەھىرمان ئالىپ ئارسىلانلار ياتۇر . 
نۇر چىچىپ << قۇتادغۇبىلىگ >> خەلقنى قىلغان بەختىيار ، يۈسۈپ ھاجىپقا ئوخشاش ئەھلى ئىرپانلار ياتۇر . 
يادىكار ئەيلەپ جاھانغا يازدى دېۋانە لۇغەت ، مەھمۇدىل كاشغەر كەبى ئەھلى شەرەپشانلار ياتۇر . 
ئەيلىگەن شەۋقىنى مەپتۇن ئەل ئۈچۈن نۇرلار چىچىپ ، بۇ شەھەردە كۆپلىگەن ئەل ئوغلى ئىنسانلار ياتۇر . 
ئاپتورى _ قۇتلۇق ھاجى شەۋقى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-5 11:49
|