لالە مەن چۆل - باياۋاندائېچىلغان لالە مەن ،
يىلتىزى تۇپراق ئارا مىڭ دانە مەن .
كەچمىشىنى يىلتىزىمغا سۆزلىدىم ،
قاسرىقىدا ئەكچىگەن - سۇ نالە مەن .
تاشلىماقچى بولسا ھاڭغا بۇ ھايات ،
چىرمىشىپ بولدۇم ھەمىشە سايە مەن .
قار دىمەڭ كۆكتىن لەپىلدەپ لەيلىسەم ،
تاڭ ساباسى يوللىغان خەت- نالە مەن .
كۆزلىرىمگە ئۆتتى زەر تارتىپ شەپەق ،
نۇرىدا كۈننىڭ پۇچۇلىغان نالە مەن .
ئوغال بالىنى ئايرىغاي ئاقىل كۆزى ،
ساپ ئۈزۈمنىڭ شەربىتى مەي - بادە مەن .
كۆكلىدى دىللار ئارمان تاش يېرىپ ،
ئىشتىياقىم بولغىلى بار پايە مەن .
قارىغاي ياشايدۇ تاغدا قىشمۇ ياز ،
دەردلىرىمگە تاپىمەن چارە مەن .
مەنبە - ‹‹ يڭى قاشتىشى ›› دىن ئىلىندى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iziz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-10 19:20
|