ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم ئەزىز قىرىنداشلار.ھەممىمىزگە مەلۇم،ھەر يىلى 5-ئاينىڭ ئىككىنجى يەكشەنبە كۈنى مىھرىبان، جاپاكەش،قەلبى ئاتەش ئانىلىرىمىزنىڭ قۇتلۇق بايرىمى.شۇ مۇناسىۋەت بىلەن،بارلىق مىھرىبان،جاپاكەش،بالا ئۈچۈن ھەتتاكى جىنىنى ھەم بىرىشكە تەييار شۇ جاسارەتلىك،قەيسەر ئانىلارنىڭ بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.
ئەي،مىھرى ئىللىق ئانىلار بايرىمىڭلار قۇتلۇق بولغاي.
ئانا قەسىدىسى
يۈسۈپجان ئابدۇراھمان ئاياللار شەنىگە يازدىم قەسىدە، چۈنكى ئۇ بارچىنىڭ ئۇلۇغ ئانىسى. مىھرىنى دۇنياغا بەردى مۇھەببەت، ئۇ گويا قۇياشنىڭ نۇرلۇق بالىسى. ئۇ ئانا، ئۇ ئايال مۇقەددەس بىر روھ، بالام دەپ ئۆيۈم دەپ ياشايدۇ ھامان. جۇت سوغۇق بوراندا تىترىمەيدۇ ئۇ، ئۇ پاكىز مىھنەتسىز ،ئۇ شۇنچە ھالال. گاھى ئۇ خىزمەتتە،گاھ قازان بىشىدا، توختىماي ئىشلەيدۇ باھاردا قىشتا. ئايالدا چىدام بار ،ئايالدا غەيرەت، ئۇ شۇنداق قىرىدۇ خىزمەتتە،ئىشتا. ئايالنىڭ قەلبىدۇر گويا بىر ئاتەش، شۇ ئاتەش تەپتىدە چوڭ بولغان بىزمۇ. ئايالنىڭ ئەجرىدىن كۆكلىگەن شۇنداق، زەبەردەس يىگىت ۋە سۇمباتلىق قىزمۇ. نەقرات بالام دەپ باغرىنى بىرىدۇ ساڭا، ئۇشۇنداق مىھرىبان مۇقەددەس ئانا. بالامنىڭ پۇتىغا سانجىلغان تىكەن، دەيدۇ ئۇ مىنىڭكى كۆزۈمگە كىرسۇن. مەن يىمەي ئۇ يىسۇن،مەن كىيمەي كىيسۇن، دەيدۇ ئەل ئالدىدا مەردانە يۈرسۇن. مەن قالاي سۇغۇقتا ئىللىسۇن بالام، دەپ ئايال كىچىنى ئۇلايدۇ تاڭغا. كىسەل بوپ قالساڭ گەر دەيدۇ تولغۇنۇپ، ماڭا تەگ شۇم كىسەل تەگمە بالامغا. چىدىماس ئۇ پەقەت كۆيسە بىر يىرىڭ، سەن ئۈچۈن رازى ئۇ ئوتتا كۆيۈشكە. خەتەردە قالساڭ گەر ئايىماس جىنىنى ، رازى ئۇ بالام دەپ ھەتتا ئۆلۈشكە. مەن قىلاي ئۆيۈمنىڭ بارچە ئىشىنى، جان بالام خاتىرجەم ئۈگەنسۇن دەيدۇ. تۈن كىچە بىشىدا قاراپ ئولتۇرۇپ، يەنىلا بالام دەپ غىمىڭنى يەيدۇ. ئۇ شۇنچە مىھرىبان ،شۇنچە كۆيۈملۈك، ئاددىسى گۆش چىقسا ئىلغايدۇ ساڭا. سىنى دەپ ساقلايدۇ ئىككى تۇخۇمنى، ئۇ ئەنە ئاشۇنداق مىھرىبان ئانا. بالام دەپ باغرىنى بىرىدۇ ساڭا، ئۇشۇنداق مىھرىبان مۇقەددەس ئانا. خىزمەتتىن يانغاندا شۇنچىلىك ھارغىن، بىز تىخى تەرىنى سۈرتۈپ باقمىدۇق. ئوخشىتىپ ئەپكەلسە بىر چىنە ئاشنى، رەھمەت دەپ مەڭزىگە سۆيۈپ باقمىدۇق. قىززىپ ھالسىراپ ياتقاندا ئۇلار، بىز تىخى بىشىغا قويمىدۇق لۆڭگە. ۋە ياكى پۇتىنى قويمىدۇق يۇيۇپ، ياشىدۇق بىرىلىپ بەڭباش كۆڭۈلگە. قولىدىن ئالمىدۇق سۈپۈرگىسىنى، جان ئانا سەن بىردەم ئارام ئالغىن دەپ. ئوينىدۇق ،ياشىدۇق شۇنچىلىك غەمسىز، بىر سامسا بەرمىدۇق،ئانا يىگىن دەپ. مۇڭدىشىپ باقمىدۇق تا بۈگۈنگىچە، ئاق كىرگەن چىچىنى قويمىدۇق تاراپ. ئوقۇشقا كەتسەك بىز يىراق -يىراققا، ئانىلار كۈتىدۇ ئاي كۈننى ساناپ. لىۋىنى لىۋىگە چىشلەيدۇ يەنە، بەزىدە ئاچچىقلاپ دوق قىلغاندا بىز. بالان دەپ سۆيىدۇ يەنىلا تەمكىن، ھەتتاكى بارىنى يوق قىلغاندا بىز. بالام دەپ باغرىنى بىرىدۇ ساڭا، ئۇ شۇنداق مىھرىبان مۇقەددەس ئانا. ئەي ئانا،جان ئانا،مىھرىبان ئانا، مۇبارەك بۈگۈنكى قۇتلۇق بايرىمىڭ. مىھرىڭ كەڭ دەريادۇر قوينۇڭ ئوت گۈلخان، ھۆرمەتتە ئاساي مەن بىشىڭغا گۈل تاج.
مەنبە-ساقلىۋالغانلىرىم
|