دۇنيادىكى قەدىمكى يەتتە چوڭ مۆجىزە قەدىمكى زاماندىكى قۇرۇلۇش ۋە ھەيكەللەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆلىمى، گۈزەللىكى ۋە ئۆزگىچە ياسىلىش ئۇسلۇبى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ‹‹دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە›› غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى قەدىمىي خارابىلەر بولۇپ، ئۇلار قەدىمكى غەربلىكلەرنىڭ نەزەرىدە دۇنياغا ۋەكىللىك قىلاتتى، جۇڭگودىكى سەددىچىن سېپىلى ئۇلاردىن قەدىمىيرەك ئىدى. بۇ رايوندا قەدىمدە پارلاق مەدەنىيەتلەر ئاپىرىدە بولغان. مىلادىيەدىن ئىلگىرى فىنكىيەلىك سەيياھ ئاندىپارك بۇ رايوندىكى سۈنئىي مەنزىرىلەرنى خۇلاسىلىگەندە ئۆزى ئەڭ ئۇلۇغ دەپ قارىغان يەتتە جاينى ‹‹دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزە›› دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. لېكىن مىسىردىكى ئەلئېھرام يەنىلا قۇملۇق ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرغاندىن باشقا، قالغان ئالتە جاي تارىخ سەھنىسىدىن مەڭگۈلۈك يوقالغان. بۇ يەتتە مۆجىزە: مىسىردىكى ئەلئېھرام، ئالىكساندىرىيەدىكى ماياك مۇنارى، بابىلدىكى مۇئەللىقتىكى گۈللۈك، ئارتېمىس تىلاۋەتخانىسى، زېۋىس ھەيكىلى، ماۋسولاس مەقبەرىسى، رودېس ئارىلىدىكى قۇياش ئىلاھى ھەيكىلىدىن ئىبارەت.


1. گىزا ئېھرامى: ئېھرام قەدىمكى مىسىر پادىشاھلىقلىرى ئۆزى ئۈچۈن ياساتقان مەقبەرىدىن ئىبارەت. مىسىردىكى گىزا ئېھرامى دۇنيادىكى قەدىمكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىسىردىكى چوڭ – كىچىك ئېھراملارنىڭ كۆپى مىسىرنىڭ 3 – خاندانلىقىدىن 6 – خاندانلىقىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان. 4000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە بەزى ئېھراملار ئاساسەن پايتەخت قاھىرە بىلەن نىل دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى گىزا قاتارلىق جايلارغا جايلاشقان. گىزا ئېھرامىنىڭ ئىككى تەرىپى ئىككى پادىشاھقا تەۋە بولۇپ، يېنىدا يەنە شىر تەنلىك ئادەم باشلىق ھەيكەل بار. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 2700 – يىلىدىن 2500 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ياسالغان.


2. زېۋىس ھەيكىلى: زېۋىس يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى. ئۇنىڭغا چوقۇنۇش سەۋەبىدىن ياسالغان زېۋىس ھەيكىلى دۇنيادىكى ئۆي ئىچىگە ياسالغان ئەڭ چوڭ ھەيكەل ھېسابلىنىدۇ. زېۋىس ھەيكىلى ئورنىتىلغان زېۋىس تىلاۋەتخانىسى ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان جاي بولۇپ، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بەزى تۈرلىرى ئىلگىرى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلەتتى. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 457 – يىلى ياسالغان


3. رودېس ئارىلىدىكى چوڭ ھەيكەل: رودېس ئارىلىدىكى چوڭ ھەيكەل يەتتە چوڭ مۆجىزە ئارىسىدىكى ئەڭ سىرلىق مۆجىزىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەيكەل رودوس شەھىرىدىكى پورتنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ياسالغان. ئۇ يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى قۇياش ئىلاھى ھېلىئوسنىڭ مىس ھەيكىلى بولۇپ، ئېگىزلىكى 33 مېتىر كېلىدۇ. ئۇ قىسقىغىنا 56 يىل مۇكەممەل ساقلىنىپ، مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 226 – يىلىدىكى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغاچقا، ئارخېئولوگلار ھەتتا ئۇنىڭ ئېنىق ئورنى ۋە تاشقى قىياپىتىنىڭ قانداقلىقىنى ھازىرغىچە بېكىتەلمەيۋاتىدۇ. ئۇ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 282 – يىلى پۈتكەن.

4. بابىلدىكى مۇئەللەقتىكى گۈللۈك: رودېس ئارىلىدىكى چوڭ ھەيكەلگە ئوخشاشلا، ئارخېئولوگلار مۇئەللەقتىكى گۈللۈكنىڭ ئىزناسىنىمۇ ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۆز ئەسىرىدە مۇئەللەقتىكى گۈللۈكنى تىلغا ئالغان قەدىمكى نۇرغۇن كىشى ئۇنى ئۆزى كۆرگەن بولماستىن، باشقىلاردىن ئاڭلىغان. شۇڭا مۇئەللەقتىكى گۈللۈك پۈتۈنلەي ئەپسانىمۇ؟ ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 600 – يىلى ياسالغان.

5. ئارتېمىس ئىبادەتخانىسى: ئارتېمىس يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئوۋ ئوۋلايدىغان ئايال ئىلاھ بولۇپ، ئۇنى ئەرەبلەر ‹‹لات››، مىسىرلىقلار ‹‹ئىسىس››، رىملىقلار ‹‹دىئانا›› دەپ ئاتايدۇ. يۇنانلىقلار ئايال ئىلاھ ئارتېمىسقا بەك چوقۇنغاچقا، يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى بولغان ئارتېمىس تىلاۋەتخانىسىنى ياسىغان. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 550 – يىلى ياسالغان.

6. ماۋسولاس مەقبەرىسى: ئېيتىشلارغا قارىغاندا، خالىكارناسسۇستىكى ماۋسولاس مەقبەرىسىنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 45 مېتىر بولۇپ، تەگلىك ئۈستىدە پەلەمپەيسىمان ئېھرام بار ئىكەن. كالىيە خانلىقىنىڭ خانى ماۋسولاسنىڭ ھەيكىلى ئۇنىڭ چوققىسىغا ئورنىتىلغان. بۇ مەقبەرە مىلادىيە 3 – ئەسىردىكى يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 353 – يىلى ياسالغان.
7. فاروس ماياك مۇنارى: بۇ مۇنار ئىمپېراتور ئالېكساندېرنىڭ (ماكىدونىيە پادىشاھى) بۇيرۇقى بىلەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 300 – يىلى ئالېكساندېر شەھىرىدىكى بىر سۈنئىي ئارالغا ياسالغان. ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 122 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، پارقىراق ئاق ھاك تاش ياكى مەرمەر تاشتىن ياسالغان. ئۇ تەخمىنەن مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 300 – يىلى ياسالغان.
‹‹پايدىلىنىش خەۋىرى›› دىن ئېلىندى |