سۆيۈشنى بىلمىگەنگە ۋايساپ 
تەمبۇر تىترىگەندەك بۇقۇلداپ، خىيالىڭنى ئىزھار قىپ كەلدىڭ. ئۈمۈد ئارمانلىرىمنى قوزغاپ، بۇ كۆڭلۈمنى ئالماقچى بولدۇڭ. 
شېرىن -شىكەر سۆزلىرىڭ بىلەن، قەلىپ خانەمدىن ئۇرۇن ئالدىڭ. ھاياتلىقنىڭ پايانسىز يوللىرنى، تەڭ باسايلى دەپ ۋەدە بەردىڭ. 
سۆزلەرىڭدىن سۈيۈنگەن دىلىم، بارلىق مىھرىنى ئاتىدى ساڭا. بۇ سۆيگۈڭدىن زوقلىنىپ قەلبىم، ئالەمچە شاتلىققا تولدى مانا. 
ئۆتتى كۈنلەر سۈينىشتىن يايراپ، تۈزۈشتۈك ئەھدىلەرنى خالاپ. ئەقىدەمنى ياڭراتتىم ئىزچىل، سىنى بىرلا يايرىم دەپ چاغلاپ. 
لېكىن سەن گۈللەر تۇزغاندەك جىم، كىتىپ قالدىڭ ئاستا يىراقلاپ. تۆكۈلدى پىنھان سىرلىرىم، سۈيۈشنى بىلمىگەنگە ۋايساپ. 
بىلسەم تېخى شەكلىنىپ قاپسەن، ئۆزەڭ تۇرماي ئەھدى- ۋەدەڭدە. مىنى تېخى سېھرىگەر دەپسەن ، يالغان تۇقۇپ ھەر بىر سۆزۈڭدە. 
كۆرۈپ ئەجەپ ھەيرانلا قالدىم، ناتۇنۇشتەك تۇيۇلدىڭ ماڭا. ئۆزۈڭنى ئاقلاپ ئاپپاق قاردەك، ھەممە ئىشنى ئارتىپسەن يەنە. 
خىيالىڭدا تەنھا ئاققۇدەك، يەككە يىگانە بىر چاغلىما. مەندىمۇ بار ئالەمچە كۆڭۈل. سەن دېگەننى دەيمەن مانا. 
دىلداش ئەپەندىمنىڭ شېئىرنى كۆرۈپ شۇنىڭغا قارتا يېزىپ باقتىم! تىيما بىلەن ئاپتورنى باغلىۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. |