يۈسۈپجان مۇھەممەد تۇغيان 
ئالدىم ئاخىر سەت ئاتاق، مەي زورلىما، كۆز چاپاق، كاللام قاپاق، مەي زورلىما، چىقتى يۈرەكتىن چاتاق، مەي زورلىما، بەزدى ئەل، قالدىمغۇ تاق، مەي زورلىما، تارتتى دەم لەھەت - ياتاق، مەي زورلىما. 
بىجىرىم ئەردىم يىگىت، تۆتنىڭ بىرى، تەن ۋە روھىم بەقۇۋۋەت، ئاينىپ دىرى، يانچۇقۇمغا دوست ئىدى قولنىڭ كىرى، كۆك ئارا پەرۋازدا ئارزۇ دىلبىرى، يىدى ھەممىنى قاۋاق، مەي زورلىما. 
ئەڭ ئاۋۋال كەتتى ئەقىل، بولدۇم گاراڭ، كۈندە مەست، رەسۋاچىلىق ئىزدەپ باراڭ، ياقمىغاچ ئىسىل ئۈگۈت، توغرا پاراڭ، قويدى ئەل ئاخىر << توختى ساراڭ >>، تەن - يۈزۈمدە مىڭ ياماق،مەي زورلىما. 
ئەگىشىپ ئەقىلگە تەڭ تەن خورىدى، ئالدى گالدىن بۇ نىجىس، جان شورىدى، ئاشقازان، بۆرەك، جىگەرنى مورلىدى، يولنى ئەزرائىلمۇ نەچچە تورىدى، بولدى جانغا پىچاق،مەي زورلىما. 
كەتتى خوتۇن، بەلدە ھېچ جان بولمىغاچ، قاچتى ئەل - يۇرت، ئىزگۈ ۋىجدان بولمىغاچ، ساتتىم بارىمنى، بۈيۈك قان بولمىغاچ، بولدۇم ئىت، زەررىچە ئىمان بولمىغاچ، مەنمۇ بىر ئادەممۇ؟ ياق!... مەي زورلىما. 
ئۇچرىدى ئاپئاق ساقال زات بىر كۈنى، سۆزى بال، خىزىر سۈپەت، ئالتۇن ئۈنى، ياڭرىدى قۇلاقتا ئۈگۈت كۈن - تۈنى، دىلدا دات ئېرىدى، ئۆرلەپ تۈتۈنى، شۇندىن بېرى كاللا ساق،مەي زورلىما. 
<< ... دۆد ئىشەكچە زەررە ئەقىل بولسا يار، ئويلا ئوبدان، سەن نىمىشقا بۇنچە خار؟! رىزقى كەم ئەخمەق - ناداننىڭ يولى تار، ھەق، ئەقىلگە ئىقتىدا قىل، قۇت ياغار، ئۇز ئۇپۇق ئاچقاي قۇچاق...>> مەي زورلىما! 
|