- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-26
- تىزىملاش
- 2011-1-17
- ھوقۇق
- 150
- توردا
- 124سائەت
- جۇغلانما
- 1147
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 195
- تېما
- 47
 
- توردا
- 124سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 11
- يازما
- 195
- تېما
- 47
|
بەزىلەر نېمىشقا داغدام يولدىكى كىچىككىنە پۇتلىكاشاڭ سەۋەبلىك بۇ يولدا ماڭالمايدۇ؟
−− لۇشۈن
ئىنساننىڭ ئۆمرى شېئىرغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئۇدار ۋە رىتىمى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىدىغان ۋە چېكىنىدىغان دەۋرى بولىدۇ.
−− لىن يۈتاڭ
ئادەم تەبىئىتى مەڭگۈ ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان قىزىقارلىق كىتاب.
−− جاڭ ئەيلىن
سەنئەتكارلار گۈزەل شەيئىلەرنىڭ ئىجادچىسىدۇر.
−− يۈ دافۇ
ئېتىقادنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىنغان ئىشلار مەيلى ئۇ چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، ماڭا خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ.
−− با جىن
ئەڭ چوڭقۇر ۋە نازۇك جاينى تېپىپ قەلەم تەۋرىتىش كېرەك.
−− ساۋ يۈ
بىلىم ئىگىلەشتە گۇمان يوق نۇقتىدىنمۇ گۇمانلىنىش، ئادەملەرگە مۇئامىلە قىلىشتا گۇمانلانغانلاردىنمۇ گۇمان قىلماسلىق كېرەك.
−− خۇ شې
ئادەمدە ئىشەنچ، ئېتىقادلا بولىدىكەن، ھەر قانداق جاپا - مۇشەققەتكە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ ھەم ھەر قانداق مۇھىتقىمۇ كۆنىدۇ.
−− دىڭ لىڭ
يېزىق ئۈستىلىم يېنىدىكى سېۋەت يېقىن سىردىشىم، ئۇنىڭغا كېرەكسىز ئەسەرلەرنى تاشلاۋېرىپ، ھامان بىر كۈنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.
−− لاۋ شې
بىلىم − تەجرىبىنىڭ جۇغلانمىسى، قابىلىيەت −- جاپانىڭ سەۋر تېشى.
−− ماۋ دۈن
تۇرمۇش بۇلاققا، ئەسەر ئېرىق سۈيىگە ئوخشايدۇ. بۇلاق سۈيى قۇرۇمىسىلا ئېرىق سۈيى ئۇلغىيىپ ئاقالايدۇ.
−− يې شىڭتاۋ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
|