ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى › مۇنبەر › شېئىر نەسىرلەر › ئەڭ پاكىز ئىماندىن تىلىدىم سېنى
كۆرۈش: 97|ئىنكاس: 7
go

ئەڭ پاكىز ئىماندىن تىلىدىم سېنى

توردا
23سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
4 
يازما
28 
تېما
17 

ئۈلگىلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

ئاپتۇر:كامىلجان ناسىر(دىلداش)


تۇلۇنئاي ئۈزگەندەك ئۈزسەڭ قەلبىمڭدە ،
بىخلىنار ئارماندىن پاك سۆيگۈم بۇدەم.
بۇ مىسكىن قەلبىمگە تاپىمەن تەسكىن ،
چۈنكى سەن روھىمدا ھامان پەرىشتەم.

ھەسرەتلىك خىياللار دەۋرەيدۇ ئۈنسىز ،
قالىمەن قاراڭغۇ جاڭگالدا ئۇزاق.
گىلاستەك لېۋىڭگە تەلمۈرەر لېۋىم،
ئارىمىز يىراقتۇر يىراق بەك يىراق .

ئۆتىدۇ سائەتلەر ئۇچقۇر شامالدەك،
ئۆتمۈشكە ئايلىنار سېغىنىش كۈتۈش.
چۈشۈمدۇر مۇھەببەت چۈشۈمدۇر ۋىسال،
چۈشۈمدۇر سەن بىلەن بىر بۇلۇپ ئۆتۈش.

ئەڭ پاكىز ئىماندىن تىلىدىم سېنى،
ئاللادىن كۈتكەندەك ۋەھى پەيغەمبەر.
تىلەيمەن تىلىكىم مەقبۇل بولغىچە .
تىلەيمەن تۇپراققا كىرگەنگە قەدەر.

Rank: 8Rank: 8

توردا
821سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
112 
يازما
2913 
تېما
471 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئىتتىپاق ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز ... تېمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ...
مۇشۇ مىنۇت ۋە مۇشۇ ۋاقتىمىز بىز ئۈچۈن ئەڭ غەنىيمەت ... دوسىتلۇقىمىز بىز ئۈچۈن ھاياتتىنمۇ قىممەت ...

توردا
36سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
12 
يازما
182 
تېما
73 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇ ، ۋاقىتىڭىز بولسا يەنە يوللاپتۇرارسىز . رەھمەت

توردا
94سائەت 
نادىر تېما
1 
دوست
11 
يازما
137 
تېما
16 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىپسىز
غەيرەت قىلىڭ ..

توردا
45سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
12 
يازما
174 
تېما
22 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى شىئىر ئىكەن.بولسا يەنە يوللاپ تۇرارسىز.

توردا
97سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
15 
يازما
873 
تېما
145 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بەك ياخشى يىزىپسىز، نادىرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن ئىز تورىدا ئىزلىرىڭىز قالسۇن، ھارمىغايسىز ، سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن قىرىندىشىم.

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
2 
يازما
33 
تېما
5 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
چىن ئىخلاسىمىز بىلەن ئۇلۇغ اللە دىن تىلىسەك بارلىق تىلىكىمىز ئەمەلگە ئاشقۇسى ..........

توردا
14سائەت 
نادىر تېما
0 
دوست
0 
يازما
93 
تېما
1 
يوللانغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ھەقىقەتەنمۇ ، ياخشى شىئىر ئىكەن.بولسا يەنە يوللاپ تۇرارسىز. مەنمۇ يېزىپ قويدۇم ،خاپا بولمايدىغانسىز ھە؟
باھاردىكى خۇشبۇي سابادەك،
كۈلۇپ كەلدىڭ نىگار ئەركىلەپ.
سۆيۈندى دىل سۆيگۈ مىھرىدىن،
قالدىم لىكىن بەكلا تەمتىرەپ.

نەدە بولساڭ ئامان بولغىن يار،
تۇرمۇش يولۇڭ ۋىسالغا تولسۇن.
مۇڭلانمىغىن ئۆتمۈشنى ئويلاپ،
بەخىت ساڭا مەڭگۈ يار بولسۇن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-28 07:41

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.