تۇگىمەس دىئالوگلار تۇگىمەس دىئالوگلار (مامۇت زايىت شېئىرى) چىكىتسىز جىڭ يىغلاپ باققالغا ، دېدى :"يۇزۇڭ قىزارسۇن ئادەم ." باققال دېدى :" ئىككىمىز ئوخشاش، ئىنسانغا كەسىپ ئالدىنىش ،ئالداش ، ئويلىدىڭمۇ بىچارە دىتسىز ، 'بۇ جاخاندا مەنلا چىكىتسىز ' چىكىتسىز جىڭ ئەسلىدە ئالەم ..." ***************** كاككۇك دېدى :"تورغاي ئاغىنە ، ئىچىمدىكى دەرتنى سورىما . جىمجىت يۇرسەم گاچا-دۆت دەيدۇ ، سايراپ تۇرسام بەك كوت-كوت دەيدۇ ." تورغاي دېدى :" بۇ شۇنداق جاھان ، ئاقىللارغا كۇشەندە نادان ، كىيىن قالساڭ ئىلمايدۇ كۆزگە ، ئۇزۇپ كەتسەڭ قالىسەن سۆزگە ، دەرت-كۇلپەت جىق دانا بىشىدا ، مەسلىھىتىم ، نادان قىشىدا ، ئەڭ ياخشىسى ، ھەرگىز سايرىما ..." ***************** كىبىر دېدى :"تۆۋەنسەن مەندىن ، بولغاچ نادان ،بى ئەقىل ، پەمسىز ." سوغ ھىجىيىپ دېدى خۇشامەت : "ئىكەنسەنغۇ بەكمۇ ھاماقەت ، تۇرالامسەن پۇت تىرەپ مەنسىز ؟..." ****************** ئۆردەك دېدى :"ئىيتقىن چۇغۇندەك ، نىمە ئۇچۇن سەن بۇنداق كىچىك ؟" دېدى :" ئەسلى چوڭ ئىدىم سەندىن ، ئىبرەت ئالسۇن ئۆزگىلەر مەندىن ، رەشىك -ھەسەت ئوتىدا كۆيۇپ ، بولۇپ قالدىم ئەرۋاھتەك ۋىجىك ..." ****************** ئۇجمە شىخى دېدى ماختىنىپ : " خۇرۇچ بولدۇم قىسماق ياساشقا ." ئارچا دېدى :"ئويلانماي دېدىڭ ، ساختا شۆھرەت غىمىنى يىدىڭ ، شۇ قىسماقلار دەستىدىن بۇگۇن ، بولدى تالاي قۇشقاچلار تۇتقۇن ، ئۇلار ئىدى چىن دوستۇڭ سىنىڭ ، ناخشىسىدىن يايرايتتى جىنىڭ ، قىلدىڭ ئەجەپ ئۇلارغا ئۇۋال ، يەتكۇزدۇڭغۇ دوستۇڭغا زاۋال ، ساڭىمۇ يوق راھەت -خۇرسەنلىك ، تالاشقاچقا تالدىن مەنمەنلىك ، قىينىلىسەن قىززىق قوقاستا ..." **************** كۆزلىرىنى چاقنىتىپ چاقماق ، دېدى :" سىنى سۆيۇمەن ھەرچاغ . تۇپراق :"ياخشى ، بىرى كەل. " دېدى ، چاقماق :"ماقۇل " دەپ چۇشكەن ئىدى ، كۆيدى خامان ،مىۋىزارلىق باغ ، كۆيدى ئارچا -قارىغايزارلىق تاغ ، تولدى سۇزۇك ئاسمان تۇتەككە ، تولدى تۇپراق يۇرىكىگە داغ ... ***************** گىلەم دېدى :"چىقتىم چەتئەلگە ، سېتىۋالدى كاتتا باي ، ھەيھات !" دېدى پاراخۇت غەمكىن : مەغرۇرلانماي بول كەمتەر ،تەمكىن . سەن قالۋاپقا بەردىڭ نىمىنى ؟ ئۇ ئويلايدۇ قورساق غىمىنى ، ئۆمۇر بويى چەكسە رىيازەت ، كەلتۇردۇڭمۇ بايلىق ،ھالاۋەت ؟ سىنى توقۇپ ، قىرىپ مۇكچەيگەن ، ئىگەڭ تىخى باي ئەمەس ، نامرات ..." ___ خاتىرەمدىن پارچىلەر
|