ئىلىم ئەۋزەل. تامامى 
ئىلىم ئۇ، جاھاندا گۈزەلدىن گۈزەل. ئۇقىساڭ، تىڭشىساڭ تۈگىمەس غەزەل. گەر بىلسەڭ بايلىقنىڭ چىن مەناسىنى نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
دۇنياغا بىرىلمە ۋاپاسىز دەيدۇ. مىكرى كۆپ ئۇ سىنى چۇقۇم ئالدايدۇ. ئۇ، سۇدۇر ئەگلەكتە ھەرگىز تۇرمايدۇ. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
دوست دەيسەن سايە گە ئوخشايدۇ بىراق. يىگانە قالدۇرار كەلگەندە سىناق . ئۇ چىۋىن سەن گويا تاشلانغان شاپاق. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
ۋاپادار دوستۇڭمۇ ئەيىپلىك كىلۇر. گاھ سوغۇق گاھى خۇش كەيىپلىك كىلۇر. باھارغا ئىشەنگەن گۈلمۇ تۈكىلۇر. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
بۇدۇنيا ۋاپاسىز سىرلىرى پىنھان. ئىشەنمە "ئۈلۈمدىن باشقىسى يالغان" يار قىلار ئۈمۈدكە ئىلىم ۋە ئىمان. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
بايلىقىم بار دەيسەن، پەخىرلىنىسەن. ئايرىلساڭ ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزىسەن. يىل -يىللاپ يىغلايسەن بىر كۈن كۈلىسەن. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
كەلگەندە كۈلدۈرۈپ كەلگىنى بىلەن. جىسمىڭغا يۇشۇرۇن سانجىيدۇ تىكەن. يولىنى بىلمىسەڭ ئۇ ساڭا كىشەن. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
كۆڭلۈڭنى تۇتقۇزساڭ ئەگەر بىرسىگە، ئايلىنىپ قالىسەن ئەخلەت نەرسىگە. كىم قۇلاق سالاتتى ۋاپا دەرسىگە؟ نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
سارغىيىپ چىرايىڭ سامان بۇلىدۇ. ئەل ئىچرە نامىڭمۇ يامان بۇلىدۇ. بىلمەيسەن كىمگە نەپ-ھايان بۇلىدۇ. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
كۆ ڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسەڭ يامان دەپ. قوپىدۇ بىرلىرى بىز تىنچ-ئامان دەپ. توۋۋا دەپ قالىسەن كۆزۈڭنى نەملەپ. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! ************************************ 
گەر يىغىپ ساقلىساڭ ئىلىم بايلىقتۇر. ياردىسەڭ ئىلىم ئۇ، ئەڭ چىرايلىقتۇر. ئىلىمسىز گۈلزارمۇ گويا سايلىقتۇر. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
ئىلىم ئۇ، ئىيماندۇر ئىلىم ئۇ ، ۋىجدان. ئىلىم ئۇ، قالقاندۇر ئىلىم ئۇ، ۋولقان... نادانلار بەئەينى تاشتۇر پۇتلاشقان. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
ئىلىم ئۇ سايەدۇر قاينام- تۇمۇزدا. ئوت گويا ئىللىتار يۈرسەڭمۇ مۇزدا. ئايرىلماس نە كىچە ۋەيا كۈندۈزدە. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
ئىلىم ئۇ، ئۇچ! دەيدۇ يىقىلدۇرمايدۇ. ئالداپمۇ يۈرمەيدۇ ئۇيۇن قويمايدۇ. كىتاپلا ۋاپادار دوس بۇلالايدۇ. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
" ئىشەنگەن تاغدا كىيك ياتمايدۇ " دەيدۇ. ھاۋاغا ئىشەنگەن قۇشمۇ توڭلايدۇ... ئىلىم تېغىدىنلا كىيىك كۆچمەيدۇ. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟ 
جاھالەت ئادەمنى ئەللەيلىتىدۇ . ئىلىم ئۇ، ئويغاقلىق بەخش ئىتىدۇ. ئۇيقۇ بىر ئۈلۈم. غاپىل تىرىك ئۈلىدۇ.. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
جاھالەت قاپلىسا پىر بۇلۇر شەيتان. كۆپىيەر جان باقار " ئەۋلىيا - ئىشان" سىغىشماس جاھالەت بىلەن نۇر -ئىمان. نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
ئىلاھىم يار قىلغىن ئىلىم - ئىرپاننى. تۇنۇيلى باتىلنى . ھەقنى- ئىيماننى... ئايرىشقا دان بىلەن چارنى ،ساماننى- نىمە بار جاھاندا ئىلىمدىن ئەۋزەل؟! 
خاتىرەمدىن مەنبە ئۇيغۇر تىكىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-24 10:35
|