قانداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئاچچىقىنى يوقىتىپ ، دوسىتقا ئىرىشكىلى بولىدۇ؟ كۆپ ساندىكى كىشىلەرگە نىسپەتەن ئىيىتقاندا ، ئۆزلىرىدە خاتالىق بولسىمۇ كەچۈرۈم سورىمايدۇ ھەم ئۇنداق قىلىلمايدۇ. لېكىن، سىزدە خاتالىق بولسا ، دەرھال ئىتراپ قلىشىڭىز كىرەك. باشقىلارنىڭ غەزىپىنى يوقۇتۇش ۋە ھەقىقى دوسىتقا ئىرىشىشنىڭ ئەڭ تىز ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى شۇكى ، ئۆزىڭىز ئازار بەرگەن كىشىدىن دەرھال كەچۈرۈم سوراشتىن ئىبارەت.
ئىلگىرى بىر ئادۇكاتقا خەت يىزىپ ، ئۇنىڭ كەيپىياتىنى ئۇچۇرغانىدىم. مەن ئۇنى مىنىڭدىن بەك يۇقىرى ھەق ئالدى دەپ قاراپ، ئۇنىڭغا راستىنى ئىيىتقانىدىم، بەك ھاياجانلىىنپ كىتىپ ، شۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ سالدىم دەپ ئويلايمەن، ئەسلىدە بۇنداق بولىشىنى خالىمايتىم، ئۇ ماڭا تىلىفون بىرىپ ، ماڭا ۋە مىنىڭ سۆزۇمگە قانداق قارايدىغانلىقىنى ئىنىق ئىيىتتى. ئۇ راستىنلا غەزەپلىنىپ ، قايتۇرما زەربىگە ئۆتكەنىدى. ئۇ دىمىنى ئالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ <<يىلىد، سىزگە بۇنداق قىلماسلىقىم كىرەك ئىدى، سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن. سىز غەزەپلىنىشكە ھەقلىق، ئەپۇ قىلىڭ>> دىدىم.
ئۇ بىر پەس جىم تۇرغاندىن كىيىن <<ھىچقىسى يوق، جىم، مەن سىزنىڭ خاتالىقنى تونۇشقا ھەم كەچۈرۈم سوراشقا جۈرئەت قىلغانلىقىڭىزغا قايىل بولدۇم . مەن كۆپرەك ھەق ئالغان بولۇشۇم مۇمكىن ، مىەنمۇ سىزدىن كەچۈرۈم سورايمەن، مەن سىزگە يىڭى تالون بىرەي ، بىز دوسلىقىمىزنى قايتىدىن باشلايلى ، بولامدۇ؟>> دېدى.
قاراڭ، خاتالىقىنى دەرھال ئېتراپ قىلسىڭىز ھەم كەچۈرۈم سورىسىڭىز كۆڭلىگە ئازار بەرگەن كىشىنىڭ ئاچچىقىنى دەرھال يوقىتالايسىز ھەم ئۇنى مەڭگۈلۈك دوستىڭىزغا ئايلاندۇرالايسىز، بۇ جەھەتتە قانچىلىك زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز ، تىخىمۇ ياخشى نەتىجىگە ئىرىشەلەيسىز.
سىزدە خاتالىق بولمىسىمۇ ، كەچۈرۈم سوراڭ ، ئەگەر سىزدە خاتالىق بولمىسا كەڭ قورساق بولۇڭ ، ئەگەر كەچۈرۈم سورىسىڭىز ئائىلىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ئىناقلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيسىز ياكى باشقىلار بىلەن ئەپلىشەلەيسىز، دوسۇتلۇقنى تىخىمۇ قەدىرلەيدىغان بولسىز. كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا دىگەن مەسىلىنى ئىچىڭىزدە ساقلاپ تۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ.
مەنبە؛<<باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى خالامسىز>> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
|