- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-8-24
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 520سائەت
- جۇغلانما
- 10188
- نادىر تېما
- 1
- يازما
- 2528
- تېما
- 330
- توردا
- 520سائەت
- نادىر تېما
- 1
- دوست
- 69
- يازما
- 2528
- تېما
- 330
|
ياخشى ئانا بالىنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشىنى سېزەلەيدۇ.
ئادەمىنىڭ نۇرغۇن كۆز قارشىغا بالا تەسىر كۆرسىتىدۇ،تېخى بالا توغمىغان ۋاقىتلىرىمىدا،دائىم مەن بەك چىرايلىق ھەم سېمىز، باشقىلارنىڭ بالىسىدىن ياخشى بالا تۇغىمەن دەپ ئويلايتىم،بىراق بالا تۇغۇلغان شۇ كۈنى قوچۇقىمىدىكى قاپقارا،3كىلوگرامىغىمۇ توشمايدىغان بالىنى كۆرۈپ بەك ئۈمىدسىزلەندىم،بىراق دوختۇر تەكشۈرۈش ئارقلىق ، بالىنىڭ بوي ئىگىزلىكى، باش ئايلانمىسى قاتارلىقىلارنىڭ نۇرمال ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. شۇ ۋاقىتتىن كېيىن مېنىڭ ھايات ئۆلچىمىم ئۆزگەردى،ئەسلىدە نۇرمال بۇلۇش ھاياتلىقىتىكى ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم ئىكەن .مەن بۇرۇن ھاياتلىققا بولغان كۆز قارىشىم ناھايىتى گۈزەل ئايال ئىدىم ،قىزىم بولغاندىن كىيىن ،مەن بۇرۇنقىدەك ھالى چوڭلۇق قىلىمايدىغان ،ھاياتقا توغرا قارايدىغان بولىدۇم.
ئانا بولغاندىن كېيىنىكى ئەڭ چوڭقۇر تەسىراتىڭىز نېمە؟
مېنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلىغىنىم قىممەت قارشىمىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكى بولدى،ھەيران قالارلىق بالا سىزگە ئىش ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز،ئۇ ئۆزىدىكى ئەڭ تەبئىي ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ سىزگە مەرتلىك بىلەن مۇھەببەت يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىسىز.ئادەم بۇ دۇنىيادا ياشىغانىكەن چۇقۇم سۆيۈش بىلەن سۆيۈلۈشنى ئۆگىنىشى كېرەك،
سۆيۈش ئادەمىنىڭ تەبئىتى ئەمەس،ئۇ ئىككى قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ئۇ پەقەتلا بىر ئارزۇ بولۇپلا قالماستىن ،بەلكى بىر خىل ئىقىتىدار.سىز بىر كىچىك ھاياتلىق بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ۋاقتىڭىزدا،ھاياتلىقىنىڭ ناھايىتى ھەشەمەتلىك ھەم نوقسانسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز،سىز بالىڭىزنىڭ ساپ مۇھەببىتىنىڭ تەسىرىدىن بەختكە تولۇپ ئۆزىڭىزنى ئۆنتۇپسىز، بۇ خىل مۇھەببەت ۋە سۆيۈلۈشنى ئوغۇل قىزلار ئوتتۇرسىدىكى مۇھەببەتتىن ھەرگىزمۇ ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.
پەرزەنتىڭىز يېتىلىش جەريانىدا قانداق تەربىيەلەشنى ئويلاپ باقىتىڭىزمۇ؟
راستىنى ئېيىتسام مەن بلا تەربىيەلەشتە بەك قورقۇنچ ھېس قىلىمەن .مانا بۇ بولسا ئەيمىنىش،سۆيۈش بىلەن ئەيمىنىش تەڭ پەيدا بولغاندا،سۆيۈش ناھايىتى ئاددى-ساددا،ئەيمىنىش بولسا ناھايىتى سىرلىق ئىكەنلىكىنى، بەزى ۋاقىتلاردا نېمە بولغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدى.سىز ھەرگىز مەن 40ياشقا كىرگەن پىراۋېسور،دوكتور يېتەكچىسى، شۇڭا ھاياتلىقىنى بەك چۈشىنىمەن دەپ ئويلاپ قالماڭ،كىچىك بىر بالىغا يۈزلەنگەن ۋاقتىمىدا،ئۆزۈمىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىشىلارنى شۇ كىچىك بالىغا يۈزلەنگەن ۋاقتىمىدا،ئۆزۈمىنىڭ يەنە شۇ كىچىك بالىدىن ئۆگىنىشىم كېرەكلىكىنى، بۇ خىل ھۆرمەتلەشتىن مەن بالىنىڭ قەلب دۇنياسىنى چۈشىنەلەيدىغانلىقىمىنى ھېس قىلىدىم،بالام بولغاندىن كېيىن ،مەن بارغانسېرى ئۇنى ئاتالمىش ئىلىم-پەن بىلەن تەربيىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان بولدۇم،سىز چۇقۇم بالىنىڭ نەزىرىدىكى دۇنيانىڭ قانداقلىنى چوقۇم ئۇنىڭ لوگىكىسى ئارقلىق ئىپادىلەشكە يېتەكلىشىڭىز كېرەك ،شۇڭا مېنىڭ قىزىم ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ سىزغا رەسىملىرىنى ئەڭ ياخشى ھېس قىلدۇ. مەن قىزىمدىن دادىسىنىڭ تۇغۇلغا كۈنىگە قادناق سوۋغات بېرىدىغانلىقىنى سورىسام، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر پارچە رەسىم سىزىپ سوۋغا قىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ، ئۇنىڭ گېپىدىن قىزىم ئۆزىنى خۇددى بىر داڭلىق رەسىسام دەپ ئويلايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم، كېيىن ئۇ سىزغا رەسىمىنى كۆرسەم، ئۇ رەسىمىدىن ئاسماندىن نۇرغۇن پورەكلەپ ئېچىلىۋاتقان گۈللەرنىڭ چۈشۈۋاتقان ھالتىنى، تۆت قۇياش، يەنە بىر ئانىنىڭ بىر كىچىك قىزنى يېتىلەپ تۇرغانلىقىدەك كۆرۈنۈشىنى سىزىپىتۇ،مەن قىزىمىدىن نېمە ئۈچۈن دادىسىنى سىزمىغانىلقىنى سورىسام،ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك،سىزغۇدەك ئورۇن قالمىدى دەپ جاۋاب بەردى،ئۇ يەنە بۇ رەسىمىنى دادىسىغا سوۋغا قىلىسا ئىنىتايىن مۇۋاپىق كېلىدىغانلىقى، رەسىمىدە ئۆزىنىڭ نۇرۇن گۈل ۋە قۇياش سىزغانلىقىنى، ھەم ئىككىمىزدەك دادىسىنىڭ غېمىنى يەيدىغان ئدەم بارلىقىنى ئېيىتتى، قاراڭ،مانا بۇ ئۇنىڭ تەپەككۇر دۇنياسى، سىزنىڭ يەنە بۇنىڭدەك بالىنى تەربىيەلەشكە ئاساسىڭىز بارمۇ؟ياخشى ئانا ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇشىنى بىلىشى كېرەك
سىز ئادەتتە قىزىڭىز بىلەن بولغان ۋاقىتىڭىزدا قانداق كەيپىيات شەكىللىنىدۇ؟
مەن ئۆيدىكى ۋاقىتلىرىمىدا،ئەمدىلا ئۈچ ياشقا كىرگەن قىزىم ئۇۋۇلاش ئەسۋابىنى ئېلىپ كېلىپ مېنى ئۇۋۇلاپ قويماقچى بولدى،مەن تىزىمىغا كىتابنى كۆرۈپ ئولتۇردۇم،ئۇ بىر قۇلۇمنى ئۇۋۇلىغاندىن كىيىن ،يەنە بىر قولۇمنى سوزۇپ بەردىم،ئۇ ئېرىنمەستىن كىرسىلونى ئايلىنىپ ئۆتۈپ يەنە بىر قولۇمنى ئۇۋۇلىدى،ئاندىن پۇتۇمنى ئۇۋۇلىدى،ئاخىرىدا ئۇ ساپما كەشىمىنى ئۇۋۇلاشقا باشلىدى،مەن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىسام،ئۇ ساپما كەشنى ئۇۋۇلاپ يۇمىشىتىپ قويسا،مەن كىيىگەندە پۇتۇم ئاغرىمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى،بۇ خىل مۇھەببەتنى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ لوگىكىسىدىن كۆرگىلى بولمايدۇ،بالىنىڭ قەلبىدىكى مۇھەببەت بۇنىڭ ئەكىسىچە بولىدۇ.بۈگۈنكى كۈندە بىز بالا تەربىيلەشنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇپ،بالىنىڭ كېيىنىكى سالاھىيىتىنى بەك مۇھىم دەپ ئويلايدىغان بولدۇق،شۇڭا بىزدىكى مۇھەببەت سىناقتىن ئۆتكەن،ئاقىلانىلىكىتىن ئۆزىنى تۇتۇۋالغان بولىدۇ،بىراق بالىلاردىكى مۇھەببەت دەل بۇنىڭ ئەكىسچە ئاددىي بولىدۇ.
كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى قىزىڭىزنىڭ مۇستەقىللىق قارشى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن،بۇنى سىز قارشى تەربىيەلىگەن؟بۇرۇن مۇنداق بىر ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلغان،سەنئەت مەكتەپتە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش يۈزتۇرانە ئىمىتىھان ئېلىۋاتقان ۋاقىتلىرىمىدا،بىر ئانا يېنىمىغا كېلىپ،بىزگە يىراق بولمىغان يەردىكى چاقماق كۆڭلەك كىيىۋالغان بىر قىزنى كۆرسىتىپ،(مۇئەللىم،خاپا بولماي ئىمىتھان ئېلىشىتىن بۇرۇن قىزىمىغا تازلىق ئۆيگە كىرىشىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز)دېدى،مەن بۇنى ئاڭلاپ بەكلا ھەيران قالدىم،ئالىي مەكتەپكە چىققان بىر ئادەمنى تازلىق ئۆيگە كىرىشكىمۇ باشقىلار ئەسكەرتىپ قۇيامدۇ؟مېنىڭ قىزىم بالىلار باغچىسىدىكى ۋاقتىدىلا مۇئەللىم ئۇلارغا تازلىق ئۆيىگە قانداق كىرىشنى ئۆگەتكەن.بۇ بالىلار باغچىسىدىلا بالىلار ئۆگىتىلىپ بولىدىغان دەرىس،ئەجىبا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بۇنىمۇ بىلمەمدۇ،شۇنىڭىدىن كېيىن مەن بالىغا چۇقۇم كىچىكىدىن باشلاپ ئۆزىنى باشقۇرالايدىغان ئىقتىدارنى يېتىلىدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەكلىكىنى ھېس قىلىدىم،شۇڭا قىزىمىنى كىچىك ۋاقتىدىلا كېچىسى ئۆزى قوپۇپ تازلىق ئۆيىگە چىقىشىقا مەشىقلەندۈردۈم،ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇ كېچىسى باشقىلارنى چاقىرماي ئۆزى مۇستەقىل تازلىق ئۆيىگە چىقالايدىغان بولدى.ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كېيىن نېمە ئىش قىلىشىنى باشقۇرسىڭىز، خۇددى ئۇ كىيىن قانداق ئادەمگە ياتلىق بۇلۇشنى باشقۇرالماسلىقىڭىزدەك ئەقىلگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئىش.لېكىن سىز پەرزەنتىڭىزنىڭ ساغلاملاملىقىنى ئاسىرىشىغا،قىممەت قارىشنى توغرا تىكىلىشىگە ياردەم بىرەلەيسىز.
سىزنىڭ نەرىڭىزدە زادى قانداق ئانا ھەقىقىي ئانا ھېسابلىنىدۇ؟
بۇ دۇنيادا ھەر خىل روللارغا نىسىبەتەن ئوخشاش بىر ئۆلچەم بولمىغىنىدەك،ئانىنىڭ رولىغىمۇ بىر ئۆلچەم يوق،بىراق بىر پەرزەنىتنى سۆيىدىغان يۈرەكنى ئويلىساق،دۇنيادىكى ھەممە ئانا ئوخشاشلا ياخشى ئانا،مېنىڭ نەزىرىمىدە بىر ياخشى ئانا قىزغىن،جۇشقۇن كەيپىياتتا پەرزەنتىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە باشتىن ئاخىر يار-يۆلەك بۇلۇشى كېرەك،شۇنداق قىلغاندىلا پەرزەنتىنىڭ ھەر بىر باسقۇچىتىكى ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە ماسلىشالايدۇ،پەرزەنىتىنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشىگە يىراقتىنىلا يېتەكچىلىك قىلىپ،ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمىگەن ئانا كېيىن پۇشايماندا قالىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،مۇۋاپىقىيەتلىق بىر ئانا بۇلۇش ئۈچۈن ،ھاياتقا بولغان مۇھەببەت-نەپرىتىمىز ئېنىق بولۇشى كېرەك.
مەنبە؛پەن ۋە تۇرمۇش |
|