- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-15
- تىزىملاش
- 2011-3-11
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 71سائەت
- جۇغلانما
- 2561
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 591
- تېما
- 109
- توردا
- 71سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 9
- يازما
- 591
- تېما
- 109
|
يوقالغان ئىشەنىچ
ئامرىكىنىڭ نىيۇرۇك شەھرىدە يارسېل ئىسىملىك بىر ياش ساقچى بار ئىدى، بىر قىتىملىق قوغلاپ تۇتۇش ھەركىتىدە بىر قاچقۇن ئاتقان ئوق ئۇنىڭ سول كۆزى ۋە ئوڭ تىزىغا تەگدى. ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇ دوختۇرخانىدىن چىققاندا باشقىچىلا ئادەم بولۇپ قالغان ، ئەسلىدىكى كىلىشكەن چىرايىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغان، ئاقساق، بىر كۆزى قارىغۇ مىيىپقا ئايلىنىپ قالغانىدى.
نىيۇرۇك شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئوردىن ۋە لەۋھەلەرنى بەردى، مۇخبىر ئۇنۇڭدىن؛<< كىيىنكى تەقدىرىڭىزگە قانداق قارايسىز؟>> دەپ سورىغاندا، ئۇ؛<< مەن پەقەت جىنايەتچىنىڭ تىخى تۇتۇلمىغىنىنىلا بىلىمەن>> دىدى، ساق قالغان كۆزىدىن كىشىنى تىتىرەتكۈدەك غەزەپ ئوتى لاۋۇلدايتى، شۇنۇڭدىن كىيىن ، يارسىل باشقىلارنىڭ توسىشىغا قارىماي ، جىنايەتچىنى تۇتۇش ھەركىتىگە كۆپ قىتىم قاتنىشىپ ، پۈتۈن ئامرىكىنى كېزىپ چىقتى، بىر قىتىم ھەتتا كىچىككىنە يىپ ئۇچى ئۈچۈن ياۋروپاغا بىرىپ كەلدى،
توققۇز يىلدىن كىيىن ، جىنايەتچى ئاخىر ئاسىيادىكى مەلۇم بىر كىچىك دۆلەتتە قولغا چۈشتى، يارسېل بۇ ھەركەتتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. بۇ قىتىمقى غەلبىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا ئۇ يەنە بىر قىتىم قەھرىمان سانالدى. كۆپلىگەن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئۇنى ئامرىكا بويىچە ئەڭ قەيسەر ھەم باتۇر ئادەم دەپ تونۇشتۇردى، ھالبۇكى ، يىرىم يىل ئۆتكەندىن كىيىن يارسىل ھوجۇرىسىدا ئۆزىنىڭ تومۇرىنى كىسىپ ئۆلىۋالدى. ئۇ قالدۇرۇپ كەتكەن ۋەسىيەتنامىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆلىۋىلىش سەۋەبىنى ئۇقتى؛<< شۇنچە يىللاردىن بىرى مېنىڭ ياشاپ كىتىشىمگە تۈرىتكە بولغان نەرسە جىنايەتچىنى تۇتۇش ئىستىكى ئىدى.... ھازىر، ماڭا زىيانكەشلىك قىلغان جىنايەتچى قولغا ئىلىندى، ئۇنۇڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىم يوقالدى، شۇنىڭ بىلەن تەڭ ياشاشقا بولغان ئىشەنچىممۇ يوقالدى، ئەمدى ئۆزۈمنىڭ مىيىپ ھالىتىمگە قارىسام ، ئىلگىرى بۇنچە ئۈمۈدسىزلەنمى
گەنىكەنمەن>>
ھالبۇكى ، تۇرمۇشتا بىرەر نەرسە ، مەيلى ئۇ بىر دانە كۆز ياكى بىر تال پۇت بولسۇن كەم بولسا بولىدۇ، بىراق ئىشەنىچ كەم بولسا بولمايدۇ.
مەنبە؛<<تەرمىلەر 2002 -يىللىق 5-سان>>
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muslimahinim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-11 18:50
|
|