- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-14
- تىزىملاش
- 2010-6-25
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 3سائەت
- جۇغلانما
- 59
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 6
- تېما
- 2
- توردا
- 3سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 1
- يازما
- 6
- تېما
- 2
|
ئوماق ! يۈرەك سۆزلىرىمىنى ئېيتىشقا ئىزدىن بۆلەك ياخشى سىرداش دوستۇم چىقمىدى ! خۇددى يالغۇز قالغاندا ماڭا ھەمدەم بولغان تاماكىدەك ، ۋە ئازاپ ئىچىدە قالغىنىمدا ئازابىمنى بوشتىدىغان ھاراققا ئوخشاش ئىزدەك مېنىڭ دىل سىرىمنى تۆكىدىغان ، ئىچىمنى بوشتىدىغان بىر مەنزىگاھ ، ۋە سىرداش دوستۇم .
ئوماق ! بەلكىم مۇشۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭدا مەن ئاشۇ يۈرەك خانەڭدىن ئاستالا چىقىپ كېتىۋاتقان بولىمەن، ۋە ياكى سەن قالدۇرغان شۇ ئازاپنى يەڭگىلىتىش ھېسياتىدا مەكتەپ يېنىدىكى مەيخانىدا بوتۇلكا بىلەن ئۆزۈمنى بەزلەپ ئولتۇرغان بولىشىم مۇمكىن ! مەيلى نىمىلا قىلماي ، مەن ئاشۇ كۆڭۈل خالىمايدىغان سۇيۇقلۇقنى ئازاپنى ئۇنتۇش ئۈچۈنلا گېلىمغا ئاتىمەن . خەيىر ، ماڭا ھەمراھ بولغان ئازاپ ساڭا ھەمراھ بولمىسۇن !
1
__ ياخشىمۇ سىز!
ئارقامدىنلا چىققان خۇددى باھار شامىلىدەك ئاۋازدىن سەل ھەيران بولۇپ ئارقامغا ئۆرۈلدىم . ئارقامدىكى ئورۇندا ئاددىيلا كىيىنگەن ، ئوماق بىر قىز ئولتۇراتتى . بويلىرى پاكار بۇ قىز ماڭا خۇددى كونا تونۇشتەك بىلىندى ، شۇڭا چاخچاق ئارلاش
__ ھوي ، تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن دەپ ، ئەمدى سالام قىپ يۈرەمسىز ؟
ئۇ قىز ۋاللىدە قىزاردى ، ماڭا بىر خىل خىجىللىق بىلەن قارىدى .
__ شۇ ... ئەمدى دەرىس بولمىغاندىكىن ، تونۇشۇپ قويايلى دەپ
مەن يېنىمدىكى ئەنۋەرگە قارىدىم ، ئۇمۇ مەنىسىزلا ئولتۇراتتى ، ياسىنمۇ شۇ .
__ بولىدۇ ، تونۇشۇپ قويايلى ، ئىسمىم دىلشات ، قەشقەردىن ئارتۇقچۇلۇقۇم تەنتەربىيە ، ئەدەبىياتقىمۇ ئازراق ھەۋسىم بار ، ئۇنى بۇنى يېزىپ قويىمەن .
ئارقىمىزدىكى ئورۇندا ئۈچ قىز بار ئىكەن ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ، مەن ياسىن ئەنۋەر ئوخشاشلا بىر يەردىن ، كىچىكمىزدىن بىللە ئويناپ چوڭ بولغانلار ، بىر سىنىپتا ئوقۇغان بىر مەھەلىدىن ئىدۇق .
__ مېنىڭ ئىسمىم مەھلىيا ، يۇرتۇم كورلا . ئارتۇقچۇلۇقۇم ئۇسۇل ئويناش .
__ مېنىڭ نۇرئەلا، يۇرتۇم ئاقسۇ كۇچا ، ئارتۇقچۇلۇقۇم ناخشا ئېيتىش .
__ ۋوي ئاۋۇ يەردە ئاقسۇنىڭ كاۋىسىدىن بىرسى باركەنغۇ ؟
بۇ گەپ ئەنۋەرنىڭ كاللىسىغا قانداق كەلدىكىن ياسىن بىلەن ئىككىمىز قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتۇق ، سىنىپ ئىچىدىكى باشقا باللارمۇ بىزگە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قېلىشتى ، نۇرئەلا بولسا بىر تاتىرىپ بىر قىزىرىپ ئولتۇراتتى .
__ خاپا بولماڭ ، بۇ شۇنداق چاخچاققچى چۈشۈنىڭ ھە !
ئەمدى نۆۋەت بايىقى ئوماق قىزغا كەلگەنىدى .
__ ئىسمىم ماينۇر، يۇرتۇم خوتەن ، ئارتۇقچۇلۇقۇم يوققۇ دەيمەن .
ھەممەيلەن ئۇنىڭغا بىر خىل قىزقىش ھېسياتىدا قارىدۇق .
__ تاماق ئېتەلەمسىز ؟
ئەنۋەر يەنە قىززىق گەپ قىلغىلى تۇردى ، بۇ گەپ تۈگگەندىن كىين ماينۇرغا قارىدۇق ئۇ يەنىلا باش چايقىدى !
__ كىرمۇ يۇيالمامسىز ؟
ياسىننىڭ سورىغان سۇئالىدىن مەن يەنە ئازىراق ھەيران بولغان بولساممۇ ماينۇرنىڭ قانداق ئىنكاس بىلدۈردىغىنى بۇ ھەيرانلىقمنى بېسىپ چۈشكەن ئىدى .
__ يۇيالايمەن !
__ ما خان كىرمۇ بولسا يۇيالايدىكەن !
ئەنۋەرنىڭ قىلغان سۆزى بىزگە يەنىلا قىززىق تۇيۇلاتتى .
__ كىر يۇيۇشمۇ ئارتۇقچىلىققا كىرەمدۇ ؟
__ بوپتۇ سىز ئۈچۈن بولسىمۇ كىر يۇيۇشنى ئارتۇقچىلىققا كىرگۈزمەسلىكتىن باشقا ئامال يوق ئىكەن .
بۇ گېپىم بىلەن ھەممەيلەن يەنە بىر پەس كۈلدى ، ئۇمۇ كۈلۈپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسى ماڭا شۇنداق ئوماق بىلىندى. شۇنىڭ بىلەن سېنى ئوماق دەپ چاقىردىم . قىززىق شۇ ۋاقىتتا ئويلاپ باقسام ھەر بىر سۆزىڭ شۇنچە ئوماق بىلىنگەنىدى. مەن سېنى ئوماق دەپ چاقىرغاندىن كىيىن ھەممەيلەن سېنى ئوماق دەپ چاقىرىدىغان بولدى ، مېنىڭ ئوماق دەپ چاقىرشىم بىلەن سەنمۇ ئوماق دىگەن ئوماق بىر ئىسىمىغا ئىگە بولدۇڭ .
2
ئوماق ! ئاشۇ تۇنجى قار ئېسىڭدىمۇ ؟ سېنى بەلكىم شۇ تۇنجى قاردىن باشلاپ ياخشى ككرۈپ قالغان بولسام كېرك .
شۇ كۈنى بىزگە 3-4-سائەتتە تەنتەربىيە دەرىسى بار ئىدى ، قار ياغقانلىقتىن مۇئەللىم بىزگە سىرىتتا ئىختىيارى پائاليەت دېدى ، قارىسام سەن ئورنۇڭدا مۇڭلۇنۇپ ئولتۇرۇپ كېتىپسەن . تۇيۇقسىز كاللامغا بىر نەچچە مىسىرا كەلدى
دەپمىدىڭ دۇنيانى پەقەتلا شوخلۇق ،
ۋاھ! ئەجەپ جىم بوپسەن ئولتۇرۇپ مۇڭلۇق .
سەن ماڭا يەنىلا شۇ مۇڭلۇق كۆزىڭ بىلەن تىكىلدىڭ . كۆزلىرىڭدىكى شۇ مۇڭنى كۆرگەندە ئۆزۈمنىڭ سەل ئالدىراپ ئوقۇغان شېئىرىمدىن خىجىللىق ھېس قىلدىم .
__ سىرىتقا قاراڭ ھەممە باللىلار مەيداندا قار ئېتشىپ ئويناۋاتىدۇ . بىزمۇ چىقايلىمۇ ؟
__ بولدى ، كىين يەنە پۇرسەت چىقىپ قالار سىز چىقىۋېرىڭ .
مېنىڭمۇ چىققۇم يوق ئىدى . راستىنى ئېيتسام مېنىڭ كۆڭلىممۇ ئازراق يېرىم ئىدى .
__ نىمە بولدىڭىز ؟ بېرەر ئىش بولدىمۇ ؟
سەن پەرۋاسىزلا سىرىتقا قارىدىڭ ، سىرىتتكى شۇ ئاپپاق قارغا قاراپ قېتىپ قالغاندەك قىلاتتىڭ .
__ قاراڭ ، سىرىتتكى قارغا ئۇ ئاسماندىن شۇنچە ئاستا چۈشىدۇ ، يەرگە چۈشكەندىن كىيىن باشقا قارلارغا قېتىلىپ قېلىن بىر قەۋەت قارنى ھاسىل قىلدۇ . بىراق بۇ قار قەۋىتىنى قوياش ئېرىتىپ تۈگىىتىدۇ .
شۇ ، راسلا ئۇنىڭ دىگىنى توغرا ئىدى . ئۇنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىننى چۈشەنگەن ئىدىم
__ توغرا ، بىراق يۈرەككە چۈشكەن ئازاپ شۇنچە قېلىن بولسىمۇ ئۇنى ئېرىتىدىغان بېرەر ئىللىق ھارارەت يوق شۇنداقمۇ ؟
ئۇ مېنىڭ كۆزلىرىمگە قىزارغىنىچە قارىدى ، راستتە بىز بىر سىنىپتا ئوقۇغۇلى 2 ئايغا يېققىن ۋاقىت بولغان تۇرسا ئۇنى چۈشەنمەسلىكم مۇمكىنمۇ ؟
__ شۇنداق ؟ مەن پەقەت باھارنىلا كۈتەلەيمەن ، شۇ ئازاپ قەۋتىنى ئېرەتەلەيدىغان باھارنى كۈتىمەن .
__ شۇ باھار بەلكى ئەتراپىڭىزدا ئەگىپ يۈرگەندۇ .
ئۇمۇ باشقا گەپ قىلمىدى . مەنمۇ ئورنۇمدىن تۇرۇپ
__ ئەگەر مۇۋاپىق كۆرسەڭلا ! ..... مەن چۈشۈپ كەتتىم .
مەن شۇنداق دەپلا سىنىپتىن يۈگىرەپ چۈشۈپ كەتتىم . سىنىپتا ئۇ يالغۇزلا قالدى . سىنىپتىن چۈشكىچە مەن ئالدىراپ قالدىممۇ نىمە دىگەننى ئويلاپ ماڭدىم . سىرىتتىكى ئاپپاق قار كۆڭلۈمگە تەسەللى بەرگەندەك نىمىدىن غەم قىلىسەن ؟ ساڭا ئۇنىڭدىن باشقا قىزلارمۇ بارغۇ ؟ دەيتتى .
بىراق يۈرۈگۈم ماڭا باشقىچە مەنەبېرەتتى .
3
__ قانداق ، ئاشۇ ئازاپلارنى ئېرىتىدىغان باھارىڭ بولسام قانداق دەيسز؟
بىر كۈنى كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكىچە مەن سەندىن شۇنداق دەپ سورىدىم . سەن ماڭا باشقا گەپ قىلمىدىڭ پەقەت
__ سىز قەشقەردىن ، مەن خوتەندىن تۇرسام ؟
__ نىمە بوپتۇ ؟
سەن باشقا گەپ قىلماي ئۈن تىنسىز ماڭاتتىڭ . ياتاق ئالدىغا كەلگەندىلا سەن ماڭا
__ دىلشات بۇ مۇمكىن بولمايدۇ
مەن ياتاققا كىرگەندە باشقا باللار يېتىپ بوپتكەن ، ئەنۋەر بىلەن ياسىنمۇ قولىدا بىر تالدىن تاماكا تۇتقان ھالدا بىر بىرى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئىكەن .
__ ئەكىلە بىر تال .
ياسىن ماڭا ھەيران قالغان ھالدا بىر تال تاماكىنى بەردى . مەن تاماكىنى بىر تارتىپلا قېقىلىپ كەتتىم ، ئەنۋەر بىلەن ياسىن كۈلدى مەنمۇ ئۇلارغا قېتىلىپ كۈلدۈم ، راسلا پۇخادىن چىققۇدەك ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلدۈم .
__ چەكمەيتىڭغۇ ؟
ئاداش بۈگۈندىن باشلاپ ھەم چېكىمەن . ھەم ئىچىمەن !
ئۇ ئىككىسى ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ، راسلا ھەيران قالىدۇ دە ، ئىچىپ باقمىغان چېكىپ باقمىغان ئادەمنىڭ ئاغزىدىن بۇ گەپنى ئاڭلىسا ئەلۋەتتە ھەيراق قالىدۇ دە .
شۇندىن باشلاپ چەكتىم ئوماق ، ساڭا ئىككىنجى ئۇ توغرىسىدا گەپ قىلمىدىم سىنىپتىمۇ ھەيران قالغۇدەك جىمىپ كەتتىم ، ئەنۋەر بىلەن ياسىن مۇ ماڭا ئوخشاشلا جىمىدى سىنىپتىن چىقساق بىزدىن ئەركىن ئادەم يوق ئىدى.
ئوماق ، بىلمەيسەن مەن ئەنە شۇ جىمجىتلىقنى بىر سەن ئۈچۈن قىلدىم ، ئاشۇ تىمتاسلىقنى بىر سەن ئۈچۈن قىلدىم ، چۈنكى مېنىڭ غېرىپ كۆڭلۈم توختماي چوققان سالاتتى ، بۇنىڭ ئامالى سەندە با ئىدى بىدى بىراق بېرەلمىدىڭ .
4
ئوماق ، تۇنجى قېتىم ئىچتىم ، نىمە ئۈچۈن ياسىننىڭ ماينۇر بىرسى بىلەن ئارلىشىپتۇ دىگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئىشەنمىگەن ئىدىم .
بۈگۈن مەكتەپ ھويلىسىدا بىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تۇرغىنىڭنى كۆرۈپ ئىشەندىم ، سىنىپقا چىقىپ چۈشتىن كىيىنكى دەرىسكە تەييارلىق قىلدىم . بىر ئازدىن كىيىن سەنمۇ چىقىپ كەلدىڭ ، بىراق چىرايىڭدا بىر خىل خىجىللىق چۈنكى كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىن سۇئال سورىماقتا ئىدى.
چۈشتىن كىيىنكى دەرىس باشلاندى ، قايسى دەرىس بولغىيتى مۇھەببەت توغۇرلۇق بىر نەچچە سۇئال چىقىپ قالدى ئارىدىكى بىرنىڭ جاۋابى مۇھەببەت دىن ئېرىق چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدۇ ، دىيىلدى بۇجاۋاپقا مەن قارىشى چىقىتىم .
__ مۇئەللىم دىن چەكلىمىسىگە مۇھەببەت ئۇچىرىمىغان بىلەن نىكاھ ئۇچىرايدۇ ، ئېرىق چەكلىمىسىگە مۇھەببەت ئۇچىرىماسلىقى مۇمكىن ، بىراق ھازىرقى جەميىتىمىزدە مۇھەببەت چەكلمىىسىگە يۇرتلىرىمىزمۇ ئۇچراۋاتىدۇ . كونلاردا قەشقەرلىقلەر غۇلجىلىققا ياتلىق قىلىناتتى ، باشقا يۇتلاردىن ئۆيىلىنەتتى . بىراق ھازىر مۇمكىن بولمىغاندىن كىيىن مۇھەببەتمۇ ئەشۇ يۇتۋازلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتسا ، بىز دىن مىللەتتىن ئېغىز ئاچماي ئاۋال مۇشۇنىڭدىن ئېغىز ئاچساق بولمامدۇ ؟
__ دىگىنىڭ توغرا ، ئولتۇرۇپ تۇر . بۇرۇنقى كىشىلىرىمىز ئەۋلاتلىرىمىز راستىنلا مۇشۇنداق قىلغان ، بىراق ھازىرقى جەمىيىتىمىزدە راستىنلا مۇشۇنساق ئىش بار چۈنكى رايۇن بىلەن رايۇننىڭ ھەتتا يېزا بىلەن يېزىنىڭمۇ ئۆرۈپ ئادەتلىرى ئوخشىماي قالغان بۇ جەمىيەتتە ھەر قانداق بىر ئاتا _ ئاننىڭ قىز _ ئوغۇللىرنى ئۆز مەلىسىدىن ئۆز ناھىيىسىدىن پەقەت بولمىغاندا ئۆز شەھەرلىرىدىن ياكى قوشنا ناھىيلەردىن ئۆي ئوچاقلىق قىلغۇسى كېلىدۇ .
مەن باشقا گەپ قىلمىدىم ، چۈنكى سېنىڭ نىمىنى ئويلىغىننى نىمىنى كۆزلىگىنڭنى بىلمەيتىم .
ئەنە شۇ كۈنى مەن ياسىن ئەنۋەر ئۈچەيلەن پۇخادىن چىققۇدەك راستىنى ئېيتقاندا چىلاشقۇدەك بىر ئىچتۇق ، مۇشۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئىچىشىم ئىدى . بىراق ئەشۇ بىر كېچە ناھايتى راھەت سېچ نىمىنى ئويلىماي ئۇخلاپتىمەن .
ئوماق ، پەقەت سېنى شۇنداقلا چاقىرغۇم كېلىدۇ . چۈنكى سەن مېنىڭ نەزىرىمدە ئوماق بىر قىزسەن !
5
سەن راستىنلا باشقا بىرى بىلەن يۇرتلۇقۇڭ بىلەن ئارلىشىپسەن ، بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئالدىڭدا سېنى ئوماق دەپ چاقىرمايدىغان بولدۇم ، ياسىن بىلەن ئەنۋەرمۇ شۇنداق قىلدى ، پەقەت شۇ ئىككى پارتىدىشىڭنىڭ ئاغزىدىلا شۇ گەپ قالغان ئىدى .
بۈگۈن پەقەتلا چىدىيالمىدىم ، چۈنكى ئارقامدىكى قىزمۇ سېنى ئوماق دەپ چاقىردى .
__ ئوماق دەپ چاقىرمىسىڭىزچۇ ؟ ئۇ يا سىزنىڭ ئومۇقىڭىزمۇ ؟
سەنمۇ ئۇ قىزمۇ ماڭا ھەيرانلىق بىلەن قاراپ قالدىڭلار .
__ بۇ نىمە دىگىنىڭىز ، بۇرۇن سىزمۇ شۇنداق چاقىراتتىڭىزغۇ ؟
__ ئۇ دىگەن بۇرۇنقى ئىش ، بۇندىن كىيىن ئۇنداق چاقىرماڭ بولامدۇ ؟
سەن مەندىن
__ نىمىشقا ؟
دەپ سورىدىڭ
__ ناھايتى ئاددى ، چۈنكى سىز بۇرۇن بىزگىمۇ تەۋە بولغان ئوماق ئىدىڭىز بىراق ھازىر ئوخشىمايسىز ، سىز ئۇنىڭغىمۇ تەۋە بولغان ئوماقسىز ، پەقەت شۇ يىگتكىلا تەئەللۇق بولغان .
سەن قىزارغىنىڭچە يەرگە قارىدىڭ ، راستىنى ئېيتسام شۇ ۋاقىتتا قايسى تەلۋىلىك مۇشۇ سۆزنى ماڭا قىلدۇردىكىن بىلمەيمەن ، سەن يىغلۇغىنىڭچە سىرىتقا يۈگۈرەپ چىقىپ كەتتىڭ
ئارقاڭدىن شۇنداق چىققۇم بولدىمۇ چىقمىدىم چۈنكى سېنىڭ ئاشۇ ئوغۇل دوستۇڭنىڭ يېنىغا كەتكىنىڭنى بىلەتتىم ، مەن تاماكا چېكىش ئۈچۈن كاردورنىڭ بىر تەرىپىگە باردىم . ئۇ يەردە كىمنى كۆردۈم بىلەمسەن ، سېنىڭ يېڭى دوستۇڭنى كۆردۈم . ئوغۇل دوستۇڭنى . ئۇمۇ تاماكا چېكىپ تۇرغان ئىكەن .
قولۇمغا تاماكىنى ئالغان بولساممۇ ، بىراق چاقماقنى تاپالمىدىم .
__ ئوتۇڭ بارمۇ بۇرادەر .
ئۇ گەپ قىلمايلا ماڭا ئوتنى يېقىپ تەڭلىدى ، ئۇنى ئاچچىق تارتقاندىن كىين ئۇنۇڭغا قاراپ ،
__ قايسى سىنىپتا ئوقۇيسەن ؟
__ ئەدەبيات فاكولتىتى 2009-يىللىق 4-سىنىپ
__ ھە مەن 3-سىنىپنىڭ
__ ئىسمىڭ دىلشاتقۇ مېنىڭ نىجات
__ ئىسمىمنى نىمە بىلىسەن ؟
__ ماينۇر ئېيتىپ بەرگەن .
مەن ئۇنۇڭغا بىر ھازا قارىدىم ،
__ قاچان نىمە بوپ ؟
__ سەن تەلەپ قويغان كۈنى
راستىنلا ھەيران قالدىم ، ئۇ ھەممىنى بىلىدىكەن .
__ ھە ! سەن ئۇنىڭ ئوغۇل دوستىما ؟
__ ئىلگىرى شۇنداق ئىدى .
ئۇنىڭ بۇ گېپى مېنى بىر ئاز ھەيران قالدۇردى . دىمەك ھازىر ئەمەسكەن .
__ دىلشات ، بۈگۈن كەچ ئىچسەك قانداق ؟
__ بولدى قىلە ! ئىچىپ نىمە كەپتۇ ؟
__ بىللە ئىچىشىپ بەر ئەمسە ، مەكتەپ يېنىدىكى مەيخانىدا كەچلىك مۇزاكىرىدىن چىقىپ ساقلايمەن !
ئۇ شۇنداق دەپلا كېتىپ قالدى ، كەچلىك مۇزاكىرىگە كىرىش قوڭغىرىقى چېلىندى .
سىنىپقا ھېچ ئىش بولمىغاندەك كىردىم ،سېنىڭ يېنىڭغا ئاستا باردىم ۋە
__ بايا خاپا بولما ، سەل ئىتتىكلىك قىپتىمەن .
سەن ماڭا پەرۋاسىزلا قارىدىڭ ، قىززىق سېنىڭ ئاشۇ قاراشلىرىڭمۇ شۇنداق ئوماق دىسە !
6
كەچلىك مۇزاكىرىدىن چۈشكەندىن كىيىن مەن مىڭ بىر تەستە مەكتەپ يېنىدىكى مەيخانىغا كىردىم ، راستىنلا ئۇ مېنى ساقلاپ تۇرۇپتىكەن .
__ كېلە ، ئاداش !
ئۇ كۆرسەتكەن ئورۇنغا كەلدىم ، مەيخاننىڭ ھەممە يېرى بىزدەك ئوقۇغۇچلار بىلەن تولغان ئىدى . ئۇ ئىچەتتى راستىنلا ئىچەتتى بىراق ماڭا بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمايتتى .
__ دىلىشات ، ئاداش ئۇ سېنى ياخشى كۆرىدۇ .
بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ قۇيغاندەك ئەندىكتىم . باشقا بىرى دىگەن بولغان بولسا كۈلۈپلا قوياتتىم بىراق بۇ گەپنى نىجات يەنى ئوغۇل دوستۇڭ ئېيتتى .
__ سېنىچۇ ؟
__ ئىلگىرى شۇنداق ئىدى ، بىز ئارلاشقىلى 5 يىل بولدى ، تولۇقسىزنىڭ 2-يىللىقدىن باشلاپ ئارلاشقان .
__ ئەمسە ھازىر نىمىشقا ياخشى كۆرمەيدۇ ؟
ئۇ قولىدىكى ھاراقنى ئىچىپ بوپ ماڭا بىر خىل كۈلكە بىلەن قارىدى ، ئۇنىڭ بۇ كۈلكىسىدىن بىر خىل ئازاپ چىقىپ تۇراتتى .
__ مەن كېتمەن ئاداش ، بۇ جاھاندىن كېتىمەن .
__ مەس بوپ قالمىسانسەن ئاداش .
__ راست مەس بولدۇم، بىراق نىمە دەۋاتقىنىمنى بىلىمەن . ئۇمۇ بىلىدۇ ، بىراق ئۇ بۇ رىئاللىقنى قۇبۇل قىلالمايدۇ .
نىجاتنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا ماينۇرنىڭ مېنىڭ سۆزىمدىن قانچىلىك خاپا بولغىننى ھېس قىلدۇرغان ئىدى.
__ مېنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرۈم قالمىدى، ئاداش مۇشۇ تەتىل كەتسەم كېلەلمەسلىكىم تۇرغانلا گەپ ، شۇڭلاشقا ئاداش كېلەلمەي قالسام ئۇنىڭغا ئوبدان قارا.
ئۇ يەنە ئىچەتتى ،ئۇنىڭ نىمە كېسەل ئىكەنلىكىنى سوراپمۇ يۈرمىدىم ، پەقەت ئۇنىڭ شۇ سۆزلىرىدىن ئۇنىڭ سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغىننى كۆرۋالغىلى بولاتتى .
ئوماق ، سېنى مەندىن بەكرەك بىرى ياخشى كۆرمەيدۇ دەپ ئويلايتىم خاتا ئويلاپتىمەن . بۇ سېنى ھەققىقەتەن ياخشى كۆرىدىكەن .
خاتىمە ئورنىدا يۈرەك سۆزلىرىم
راسىت ، ئۇ كېلەلمىدى ، تەتىلدىن كىيىن ئۇ كېلەلمىدى ، سەنمۇ بۇرۇنقىدىن بەكلا جىمغورلۇشۇپ كەتتىڭ ، سېنىڭ بۇ جىمغورلىشىىىڭ مېنىمۇ تۈگەشتۈرمەكتە . ئوماق بۇنداق قىلما ، ئۇ سېنىڭ مۇنداق بولىشىڭنى خىيلاغىمۇ كەلتۈرمىگەن . بولدى ئوماق ، ساڭا يېلىناي خۇشال ياشا ، سەن خۇشلا ياشايدىغانلا بولساڭ مەيلى مەن نىمە قىلسام مەيلى . سەن پەقەت خۇشاللا ياشا.
بەخىتلىك بول ئوماق ، سېنى ماڭا نىجات تاپشۇرغان ئامانەتسەن ، بىراق مەن بۇ ئامانەتنى ئۆزۈم ئەپ قالالمىغۇدەكمەن . چۈنكى سەن ئۆزۈڭ سۆيگەن ۋە ئۆزۈڭنى سۆيگەن ئاشۇ نىجاتتىن ئايرىلدىڭ ، سېنى يەنە ئاشۇ سەن ياخشى كۆرگەن ۋە سېنى ياخشى كۆرىدىغان ئائىلەڭدىكىلەردىن ئايرىۋەتكۈم يوق .
ئوماق سېنىڭ مەڭگۈ خۇشال ياشىشىڭنى بىر ئاللادىن تىلەيمەن .
مەنبە : ئۆز قەلەم ، باشقا مۇنبەرلەرگە يوللاشقا قالايمىقان پايدىلىنىشقا بولمايدۇ !
|
|