خوتەن كىشىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى... مىزاجى؛ ئەسلى زەرەپشان ، خوتەن ، قاراقاش، چىرا دەريالىرىنىڭ ئېقىن مىقدارى زور بولۇپ ، بۈگۈنكى ئەندىر، تەۋەككۇل، مازار تاغ، توڭگۇز باسىت ... قاتارلىق <<ياقا يۇرىت>> لار خىلى بۇرۇنلا ئىنسانلار پائالىيەت ئىلىپ بارىدىغان جايلار ئىدى. خوتەن يەنىلا ئوتلاق چارۋىچىلىقى زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ، ئورمانلار قويۇق بولغان دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈرگەن ، يىقىنقى زاماندا ئىنسانلار پائالىيىتىنڭ جىددىلىشىشى ، ئانا دەريا_ تارىمنىڭ قۇرۇپ مىڭىش نەتىجىسىدە خوتەن تۇپرىقى ۋە ھاۋاسىنىڭ نەملىك دەرىجىسى تۆۋەنلىدى، شۇڭا ، ھازىرقى خوتەن كىشىلىرىنىڭ مىزاجى ئىلگىرىكى كىشىلەرنىڭكىگە قارىغاندا قۇرغاقراق.
خىلىتى؛ مىزاج ئۆزگىرىشى مەلۇم سانغا يەتكەندە بەدەن سۈپەت ئۆزگىرىشى _ خىلىت ئۆزگىرىشىگە ئايلىنىدۇ. خوتەن ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى ، مىزاج- خۇلىقى ، بوي -تۇرىقى ، پىكىر قىلىش ئۇسۇلىغا ئاساسلانغاندا ، خوتەنلىكلەرنىڭ خىلىت تەركىبى ؛ سەۋدا، بەلغەم، سەپرا، قان.
چىراي -شەكلى؛ خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئاق پىشماق، ھال تەنلىك بولۇپ، يۇمۇلاق باش، ئوتتۇرا بوي، بۇرنى ئىنچىكە، لىكىن ئىگىز، يۈزى سوقۇچاقراق(ئات يۈز) چاچلىرى قارا ياكى قارامتۇل، دولقۇنسىمان ، ساقال -بۇرۇتلىرى قويۇق، قوي كۆز، قاش- كىرپىكلىرى تولۇق، تەبەسسۇم چىراي كىلىدۇ.
مېڭىش - تۇرىشى؛ كۆپىنچە بىر نەرسە ئويلىغاچ يەرگە قاراپ ماڭىدۇ، كۆرۈشكەندە قولىنى كۆكسىگە ئۆلچەملىك ئىلىپ، سىپايە ۋە رەسمىي كۆرىشىدۇ، ئۇزىغاندا يەنە شۇ تەرىزىدە خوشلىشىدۇ، قاتناش ۋاستىلىرى كەلگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ، ئاستا ماڭىدۇ.
كىيىنىشى؛ خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئىلگىرى كەڭرەك ۋە ئۇزۇنراق كىيىملەرنى كىيىشنى ياخشى كۆرگەن ، مىللى كىيىملەردىن دوپپا( چىمەن دوپپا)، تامبال، ياقىلىق كۆڭلەك، ياقىسىز چاپان قاتارلىقلارنى كۆپرەك كىيىدۇ، گۈزەللىككە ئىنتىلىشى ئالاھىدە كۈچلۈك بولۇپ ، ئەگەر شارائىتى يار بەرسە، ئېسىل كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر.
يىمەك - ئىچمىكى؛ خوتەن ئۇيغۇرلىرى تەبىئى يىمەك- ئىچمەكلەرگە ئەھمىيەت بىرىدۇ، تاماقنىڭ تەمى، تەبىئىتى ۋە مەنپەتىنى مەقسەتلىك باھالاپ ، ھەر كىم مىزاجىغا ، ئەھۋالىغا قاراپ، رىئال قاراش ئاساسىدا تەييارلايدۇ، بۇ سەۋدا خىلىتلىق كىشىلەرنىڭ يېمەك -ئىچمەككە بولغان تىپىك قارىشى. خوتەندە يىتىلدۈرۈلگەن زىرائەت ۋە مىۋە- چىۋىلەردە كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، مىكرو ئىلمىنىت ۋە قەن ماددىسى يۇقىرى، ھەزىم بولىشى تىز ، مەنپەتى زور بولىدۇ، يەرلىك كىشىلەر بولسۇن ، باشقا يۇرىتتىن كەلگەن كىشىلەر بولسۇن ، خوتەننىڭ يىمەك- ئىچمەك، مىۋە-چىۋىسىگە ئامراق بولمايدىغىنى يوق. شۇڭا <<خوتەننىڭ تۇزى ئىغىر>>دىگەن تەمسىل پەيدا بولغان، خوتەندە بۇغداي ، كۈنجۈت ، قوناق، چامغۇر، سەۋزە قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەت ۋە كۆكتاتلار كۆپ يىتىشتۈرۈلىدۇ. مىۋىلەردىن ئۈزۈم ، ئۆرۈك، ئۈجمە، ئەينۇلا، شاپتۇل، ئالما، ياڭاق قاتارلىقلارنىڭ مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى. بولۇپمۇ <<راك كىسەللىكىنىڭ شىپاسى>> دەپ ئاتىلىدىغان ئۆرۈك قىقى ۋە <<مىۋىلەرنىڭ شاھى>> ئاتالغان ياڭاقنىڭ مەھسۇلاتى دۇنياغا مەشھۇر ، قىزىلگۈل كۆپ ئۆستىرىلىدۇ.
ئاساسلىق يىمەك -ئىچمەكلەردىن غورا ئاش، لەغمەن، دۇڭلا، گۆشگىردە، سامسا، تاۋا كاۋاپ ، پولو، تونۇر كاۋىپى، چامغۇر ئۇمىچى، زاغرا نان، ھەر خىل گۈلقەنىت ، مۇسەللەس، قاتارلىقلار بار. يىمەك- ئىچمەكتە يۇقۇرقىدەك تەبىئى ئوزۇقلۇقلار ئاساس قىلىنغان ھەمدە ھاۋا مۇھىتى نىسپەتەن ساپ بولغاچقا ، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەر نىسپەتەن كۆپ . شۇڭابىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن <<دۇنيادىكى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆر گۈچىلەر رايونى>> دەپ نام بىرىلگەن تۆت رايوننىڭ بىرى دەل خوتەندۇر.
ئالاھىدىلىك ۋە قىممەت قارىشى؛ خوتەن ئۇيغۇرلىرى كىشىگە يىقىنلىق ۋە تىنىچلىق تۇيغۇسى بىرىدۇ، سەمىمىي، ياۋاش كىلىدۇ، ئۆزى قايىل بولغان ۋە ياقتۇرغان كىشىگە سادىق بولىدۇ. سىر ساقلايدۇ، لىكىن تونۇشمىغان كىشىدىن ئىھتىيات قىلىدۇ، ئۆز ئىشىغا پۇختا كىلىدۇ . رومانتىك بولغاچقا ، خوتەندە ئەزەلدىن مۇھاببەت داستانلىرى ، دىننى رىۋايەتلەر ، تەسىرلىك ۋەقەلەر كەڭ تارقالغان، كىشىلىرى سىرلىق ئىشلارغا قىزىقىدۇ ۋە ئەقىدە قىلىدۇ. ئۆز ئىچىدە ئىتىپاق ، مۇلايىم ، كەمتەر ۋە تىرىشچان كىلىدۇ. ئۆتكەن ئىشلاردىن خاتىرە قالدۇرۇشقا ئادەتلەنگەن ، ئوقۇش، ئۆگنىشكە ، چىدام بىلەن ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلىكى بىلەن پەن - تىخنىكا ۋە سىياسى، ئىجتىمائىي ساھالەردە ئالاھىدە نەتىجە ياراتقان ۋە يارىتالايدۇ، ئاددى -ساددا ياشايدۇ، تىبابەت ئىلمىغا ئەھمىيەت بىرىدۇ، ئۆلىما ۋە ئالىملارنى قەدىرلەيدۇ. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ھەقنى ئىنىق ئايرىيدۇ، ئىلىم - بىرىم ئىشلىرىدا قىرىنداشلىق ۋە دوسىت - بۇرادەرلىكنى ئەۋزەل بىلگەچكە ، ئارىنى ئوچۇق قىلىۋىتىشنى تەكىتلەيدۇ، قەرىزدار بولۇپ قالسا ياكى قەرىز قايتۇرۇپ ئالالمىسا ، زادى توختىمايدۇ.
كۈندىلىك پائالىيىتى؛ دىھقانچىلىق ئاساسى ۋاقىتنى ئىگەللەيدۇ، تىجارەت ، خىزمەتتىن باشقا ، پەننى ھۈنەر ياكى دىننى بىلىم ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىمۇ گەۋدىلىك.
ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى؛ خوتەندە تىز قوزغىلىپ ، ئاسان ساقىيىدىغان كىسەللىكلەر نىسپەتەن ئازراق كۆرىلىدۇ، لىكىن سەۋدا بەلغەمنىڭ كۆيىشىدىن بولغان ئىغىر كىسەللىكلەردىن ئۆپكە تۇبىركۇلوزى ، ئۆسمە، ئاياللار كىسەللىكلىرى كۆپرەك ئۇچرايدۇ.
تىل ئادىتى ۋە كۆپ ئىشلىتىلدىغان سۆزلەر؛ خوتەن ئۇيغۇرلىرى<ر> ھەرىپىنى ئېغىر تەلەپپۇز قىلىدۇ . <ي>ۋە<غ> ھەرىپىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ . كۆپ ئىشلىتىلدىغان سۆزلەردىن ئەدەسسىز(سان-ساناقسىز)، ھۆددەس(پەقەتلا)، مالىتىلىماق(ئاقتۇرماق)، بايلى(بارايلى) ، ھەي ياقەي، بېرىغلىخ، ئېتىگلىگ، گۇمان قىلدىم قاتارلىقلار. خوتەن ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئوبرازلىق سۆزلەيدۇ، ۋەقە ياكى مەسىلىنى بايان قىلغاندا بىر، ئىككى ئوخشىتىش سۆزى ئىشلىتىلىدۇ، سۆزلىگەندە قولىنى شىلتىپ ياكى قول ھەركىتى بىلەن سۆزلەشنى ياقتۇرمايدۇ.
مەنبە؛<<ئەينەك>> ناملىق كىتاپتىن ئىلىندى.
|