يۈرىكىم يىغلىدى … (ئەمەلىي قىسقا ھىكايە ) تولىمۇ ئەپسۇس … گۇنا مەندىمۇ ياكى باشقىلاردىمۇ ؟ مەن تولىمۇ گاڭەىراش ئىچدە ئازاپلىنىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئۆز مىللىتىمگە ۋە مىللىتىمنىڭ ياش سەبى غۇنچىللىرىگە قاراپ ئۈن – تىنسىز ئازاب ئىچىدە گاراڭلا بوپ قالدىم … بىز نىمىگە ئۆچ بولساق ، شۇ نەرسە بىزنىڭ يېنىمىزدا ئايان بولىدىكەن ، بۇ تىللاردا ئېيتىلىپ كلىۋاتقان شەيتان بولسا كىرەك … ھەممىز ياخشى ئەخلاقتىن سۆز ئاچىمىز ، ئىنسانىي غۇرۇردىن ئاغزى – ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلەيمىز … قېنى شۇ بىزدىكى چىن ئىنسانىي غۇرۇر ؟ قېنى بىزدىكى شۇ ئىنسانىي پەزىلەت ؟ … ھەقىقىي دىيانەت دىگەن نىمە زادى ؟ بىز بىلمەي يولنى خاتا ھالدا بېسىپ مېڭىۋاتامدۇقيا ؟! … ھەركىتىمىز بىلەن سۈزىمىزدىكى بىرلىكنى ھېچ ھىس قىپ بۇلالماي قالدىم … شۇ ئىللىق چىرايلارنىڭ ئارقىسىغا قانداق مۇدىھىش قارا سايە يۇشۇرۇنغاندۇ ؟! … مەن بۇگۈن ئادىتىم بويۇنچە مەكتەپ تۆت قەۋەتلىك ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئەتراپىدا ، مەلۇم بىر مەسىلە ئۈستىدە شۇنداق ئويلۇنۇش ئىچىدە كېتىۋاتاتتىم ، تۇساتتىن قارا دىگەندەك بولدى ، بىر قارا سايە ماڭا غىل – پاللا قىلىپ كۈرۈنۈپ قويۇپ يۇقاپ كەتتى ، كۆڭلىم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولدى - ، دە ، دەرھال سىنىپىمنى بىر قېتىم سىنىپىمغا بىر قېتىم كىرىپ چىقىپ ، ئوقۇغۇچىللىرىمنىڭ دەرىسكە تولۇق قاتناشقا ياكى قاتناشمىغىنىنى كۈرۈپ بېقىش ئىستىكى ياللىدە ئۆتتى . ئايلىنىپ بىخەتەرلىك ئىشىكى بىلەن بىناغا شۇنداق قەدەم تاشلىشىمغا سىنىپنىڭ ئالدىدا … ھەي مەن ئويلاپ يىتىپ بۇلالمايمەن . مەن شۇنداق ئىشىنىپ ئەخلاق ۋە باشقا تەرەپلەردە شۇنداق ياخشى بىر ئوغۇل ئوقۇغۇچىم ، بىر قولىدا تېلىفۇن مۇزىكىسى ياڭراپ تۇرۇپتۇ ، يەنە بىر قولىدا بىر تال تاماكا بىخرامان دەرىزىدىن سىرىتقا قاراپ ھۇزۇرلىنىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك … ھەي … ئىسىت شۇنداق غەزىۋىم تاشتى ، سىنىپقا قارىسام ئوقۇتقۇچى يوق ، ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاساسەن سىرىتقا چىقىپ ئۈزى خالىغان تۈرلەر بويۇنچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانكەن … كەلگەنچە كىلىپلا پۇتىغا بىر تېپىۋەتتىم ، تەستەككە بىر قويدۇم … ___ سەنمۇ ئادەممۇ ؟ مۇشۇمۇ سىنىڭ قىلىقىڭمۇ ؟ سەن قانداق ئوقۇغۇچى ئىدىڭ ؟… ئەمما ، ئۇ ئوقۇغۇچىم ماڭا ياللىدە قارىدى - ، دە ، پۇت قوللىرىدا جان قالمىغاندەك سەل ئۇڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى … ساڭا بۇ نەرسىنى كىم بەردى ؟ … مۇشۇنداق قىلساڭ يۈرۈكىڭ قانداقمۇ چىدايدۇ ؟ __ مۇئەللىم … مەن شۇ … دىدى - ، دە … گىپىنى دىگەندەك سىرىتقا چىقىرالماي قالدى … كۈزۈمگە ھېچنىمە كۈرۈنمەي قالدى . سىنىپقا قارىسام ئۈچ نەپەر قىز ئوقۇغۇچى ئولتۇرۇپتۇ ، بىرسى شۇ بالىنىڭ ئاچىسى ئىدى … غەزەپ بىلەن ئۇ قىزغا شۇنداق قارىدىم - ، دە … ___ دادىڭىزنى ۋاقتىدا مەن بىلەن كۈرۈشتۈرۈڭ . نىمىشقا بۇنداق ئىشلار يۈز بەردى ، مەن سۈرۈشتۈرمىسەم بولمايدۇ . بولمىسا ، مىنىڭ بۇنداق ئەخلاقسىز ئوقۇغۇچىم يوق … قىزمۇ ماڭا قاراپ ، بولغان ئەھۋالدىن پۇكاندەك قىزىرىپ كەتتى ۋە نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى . ھېلىقى ئوقۇغۇچىمغا قاراپ شۇنداق ئاچچىق بىلەن ۋاقىرىدىم . __ يۈرە كەينىمدىن … مەن ئۈزۈمنى شۇنداق تۇتىۋالاي دىگەن بولساممۇ ، ئەمما قانداق كونتىرۇل قىلالىشىمنى ھېچ بىلەلمىدىم … بىز ئادەتتە ، تېلىفۇن ئىشىلتىشنى مەكتەپتە بەك چەكلەيدىغان تۇرساق ، ئەمدى قوپۇپ بۇ نىجىس تاماكا دىگەن نەرسىنى … ھەي ! … مەن ئۇ ئوقۇغۇچىنى ئيرىم بىر ئىشخانىغا ئېلىپ كىردىم - ، دە . شۇنداق غەزەپ بىلەن … __ سەن ماڭا ئەينى ۋاقىتلاردا نىمە دىگەن ئىدىڭ ؟ سەنم زادى ئوغۇل بالىمۇ ؟ ئۇغۇل بالا دىگەنلىك گىپىدە تۇرىدۇ . قىلغان ئىشىدا ھەقىقىي ئۈزىنىڭ غۇرۇرىغا يۈز كىلەلىگۈدەك ئىشنى قىلىدۇ - ، ئەمەسمۇ ؟ مەن شۇ تەرىزدە ئۇنى سەلمۇ بولسا ، ئوغۇللۇق غۇرۇرىنى ، ۋە ئەخلاق مەسىلىسىگە قارىتا قايتىدىن بىر قېتىم ئويلۇنۇش قىلدۇرماقچى ئىدىم ، ئەمما قانداق بولدى ، يەنىلىكىم شۇ مەنزىرە كۆز ئالدىمدىن كەتمەي قاتتىقراق ئۇرۇۋېتىپ قالدىم . ئۇ بىر خىل خىجالەت ۋە نومۇسنىڭ كۈچىدىن بولسا كىرەك . __ مۇئەللىم … مەن … ئوغۇل بالا ئەمەسكەنمەن . مېنى كەچۈرۈڭ مۇئەللىم … مەن … مەن … ئۇ تولىمۇ دۇدۇقلايتى … مەن يامان تەستە ئاچچىقمنى باستىمدە ، ئوقۇغۇچىمغا قارىغىم كەلمەي ، ئارقامغا قارىۋالدىم ، بىر تۇرۇپلا سىنىپ تەرەپكە قاراپ كەتتىم ، ئوقۇغۇچىللىرىم مىنى ۋە مىنىڭ كەيپىياتىمنى كۈرۈپ ئالمان – تالمان سىنىپقا يۈگۈرشىپ بىردەمدە كىرىپ بولدى ، كىرىپ بۇلالمىغانلارنى شۇ ئوقۇغۇچىنى كۆرگەندەك نەزەردە سەل قاتتىق قۇپال گەپ قىلىۋېتىپ سىنىپ ۋە مەيداننى پاكىز تازلاتقۇزىۋېتىپ يېرىم سائەتتىن كىيىن چىقىپ شۇنداق قارىسام ، يەنىلىكىم شۇ ئوقۇغۇچىم مىنى كۈتۈپ تۇرغان يېرىدە شۇنداقلا تۇرۇپ قاپتۇ ، ئۇنى ئويلانسۇن دىگەن تەرىزدە … __ دەرھال ئۈيىڭگە كەت … ئۇ گەپ قىلماستىن ئاستا قەدەملەر بىلەن چىقىپ كەتتى . ئەمما يېنىمدا ، ئاز – تۇلا مەندىن سۇغوق مۇئامىلىگە ئۇچۇرغان ئوقۇغۇچىللىرىم پەيدا بولۇپ قالدى … ئۇلار ماڭا بىر خىل ئەپۇ سۇراش تەرىزىدە … __ مۇئەللىم ، بايا ، بىزنى كىچىكىپ قالدى دەپ چېچىلىپ قالدىڭىزمۇ ؟ شۇ دەرىسكە ئوقۇتقۇچى كىرمىگەندىكىن بىزمۇ سىرىتتا تۇرۇپ قاپتۇق … خاپا بولمىسىڭىز ، خاتالىقىمىزنى تۈزۈتىۋالساق … مەن ئوقۇغۇچىللىرىمغا شۇنداق قارىدىمدە ، ئىتتىكلا يانغا قارىۋېلىپ ، ئۆيلىرىگە قايتىش توغرىسىدا ئۇرۇنلاشتۇرۇش قىلدىم … ھەي … كۈزۈمدىن تاسلا قالاتتى ياش تۈكۈلۈپ كەتكىلى . يۈرۈكىم باياتىنقى مەندىن دەككىسىنى يىگەن شۇ ئوقۇغۇچىمدا قېپ قالدى … نىمىشقا ئۇرغاندىمەن ؟ بىر يىرى قاتتىق ئاغرىپ كەتكەنمدۇ ؟ … شۇنداق خىياللارنى سۈردۈم- ، دە كىچىچە يۈرىكىم بىرخىل ئازاپلىق ئىزتىراپىدا ، شۇ ئوقۇغۇچىمنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئوقۇغۇچىللىرىمىزنى كۆز ئالدىمغا ئەكىلىپ ئۈن تىنسىز ياش تۈكەتتى … مەسىلە زادى كىمدىدۇ ؟ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىشلار يۈز بىرىدۇ ؟ بىز مىللىتىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيلىگىلى تۇرساق كىيىنكى بىزنىڭ ئاقىۋىتىمىز ۋە كەلگۈسى ساغلام ئەۋلاتلىرىمىز قانداق يىتىشىپ چىقىدۇ ؟ … ئەپسۇس … مەن ئۈزۈمدىن بىرخىل ىورلۇق ھىس قىلغاندەك بولدۇم ... شۇ بىچچارە كىچىككىنە قىزىل يۈرۈكىم ئازاب ئىچىدە پۈكلەنمەكتە … كۈزۈمدىن ياش ئەمەس قان ئاققاندەك بۇلىۋاتىدۇ … بىز قاچانمۇ يۇرۇقلۇقنى پەرىق ئەتكىدەك بۇلارمىز ؟ … بۇ يازمىنى ئاخىرىدا salkin11 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-10 18:06
|