
1.شەيخ خاماندان-ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى شاھزادىسى
تولۇق ئىسمى شەيخ خاماندان بېن رەشىد ئال مەكتۇم. 1982-يىلى11-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. دۇبەينىڭ ھازىرقى خەلىپىسى شەيخ مۇھەممەدنىڭ ئوغلى، دۇبەينىڭ ئىككىنچى شاھزادىسى. 2008-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇبەينىڭ تەخت ۋارىسلىقىغا بېكىتىلگەن. خاماندان يەنە قابىلىيەتلىك سىياسىيون. ئۇنىڭ كۆرىنەرلىك بولغان نەتىجىسى، دۇبەيدە 2007-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان دۇبەي 2015-يىللىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ يولغا قويۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بولغان. ئۇمۇ باشقا ياشلارغا ئوخشاش مودىغا ئامراق. خاماندان ئاساسي تەربىيەنى ئۆز يۇرتىدا ئالغاندىن كېيىن ئەنگلىيەدىكى سەندىخارست قورۇقلۇق ئارمىيە ئوفېتسېرلا مەكتىپىدە بىلىم ئاشۇرغان. بۇ مەكتەپتە ئەنگلىيەنىڭ شاھزادىلىرىدىن ۋېليام،خاررى بىلەن مەكتەپداش بولغان. كېيىن لوندون ئىقتىساد ئىنستىتۇتى دۇبەي ھۆكۈمىتى ئىنستىتۇتىدا تەربىيەلەنگەن. 2006-يىلى خاماندان دۇبەي پارلامېنتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. پارالامېنتقا ئۇنىڭ زور پايدىسى تەگكەن. خامانداننىڭ يەنە بىر قىزىقىشى، ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ئادەملەر ئۈچۈن«توسالغۇسىز جەمئىيەت»قۇرۇپ بېرىش. 2006-يىلى 9-ئايدا ئۇ تاكامۇل مەبلەغ سېلىش شىركىتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئېھتىياجى بار كىشىلەرنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا قوشۇلىشىغا ياردەم بەرگەن. بۇنىڭدىن باشقا ئۇ دۇبەي يوللىرىنىڭ تېخىمۇ بىخەتەر بولىشىنى كۆزلەپ، ماتورلۇق قانتاش ۋاستىلىرى شوپورلىرى قائىدىگە خىلاپلىق قىلسىلا پىراۋىسىنى ئالتە ئاي مۇسادىرە قىلىش تۈزۈلمىسىنى ئورناتقان. ئۇنىڭ بېنىز، پورش، فېرارى، لەمبورگىنى قاتارلىق ھەرخىل داڭلىق ئاپتوموبىللىرى بار. ئۇ يەنە فەدىس نامىدا بىر مۇنچە شېئىرلارنىمۇ يازغان. شەخسىي تور بېتىمۇ بار. ئۇنىڭغا ئوخشاش ئەلەمدىمۇ قەلەمدىمۇ بار نامزاتلارنىڭ ‹فوربېس› ژۇرنىلىدا تاللانغان يەر شارىدىكى ئەڭ كېلىشكەن خان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ تۆتىنچىسى بولالىشىمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.

2-رىچارد بىرانسېن (ئەنگىلىيە) «سەن چوڭ بولساڭ يا جىنايەتچى بولىسەن، يا چوڭ بىر باي بولىسەن» بۇ رىچاردنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دائىم ئۇنىڭغا دەيدىغان گەپ. ھەقىقەتەنمۇ ئۇ ھازىر چوڭ بىر باي. ۋېرجىن گۇرۇھى 350 شىركەتتىن تەشكىل تاپقان سودا ئىمپېرىيە دۆلىتى، ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەخسىي كارخانا. رىچارد بىرانسېن − بۇ گۇرۇھنىڭ قۇرغۇچىسى، ھەم باش مۇدىرى. ۋېرجىن گۇرۇھىنىڭ ئىگىلىكى پۇل-مۇئامىلە، ئاۋىياتسىيە، سەنئەت، ئىچىملىك، كىيىم-كېچەك قاتارلىق ساھەلەرگىچە تارالغان. ئەنگلىيەدىكى بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشكە قارىغاندا،%96 ئەنگلىيەلىك ۋېرجىن ماركىسىنى بىلىدىكەن. %95 ئەنگلىيەلىك بۇ ماركىنىڭ قۇرغۇچىسى رىچاردنى بىلىدىكەن. ۋېرجېن ماركىسىنىڭ ياراتقۇچىسى، ئىككى مىليارد 600 مىليونلۇق مال-دۇنيانىڭ ئىگىسى شۇنداقلا ياش يىگىتلەردىنمۇ بەكرەك جەلىپكار 70ياشلىق قېرى يىگىت رىچارد بىرانسېن ئەينى ۋاقىتتا تۆت فونتسىتېرلىڭ بىلەن ئوقۇغۇچىلار ژۇرنىلى ئىشلەشتىن باشلاپ، كالتە ئىشتان كىيىپ ئايال ئارتىسلار بىلەن ئېلان رەسىمىگە چىققۇچە، ئاۋىياتسىيە، تۆمۈر يول، تېلېگراف قاتارلىق سودا ساھەسىدە پادىشاھلىق ئورنى تىكلىگۈچە بولغان بۇ مۇساپىسىدە ئۇ ئاز بولمىغان ئىسسق-سوغوقنى باشتىن كەچۈرگەن. يېقىندا ئۇ يۇقىرى پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ، ئالەم بوشلۇقى ساياھىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىدى. گەرچە بۇ ساياھەت دەپ ئاتالسىمۇ، سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك بۇمۇ بىرخىل سودا پىلانى. چۈنكى بۇ قېرى يىگىت ئەزەلدىن ئويۇن بىلەن سودىنى ئايرىۋەتكەن ئەمەس.

3-توم فورد (ئامېرىكا) توم فورد ئىلگىرى كىيىم مودىلى بولغان. 1990-يىلى گۇچچى گۇرۇھىغا كىرگەن. 96-97-يىللىرى 70-يىللاردىكى مودىنى باش تېما قىلغان بىر يۈرۈش كىيىملەرنى لايىھەلەپ بىراقلا نام قازانغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان گۇچچى گۇرۇھىنى قۇتقۇزىۋالغان. تېخى يېقىندا ئۇ گۇچچى گۇرۇھىنىڭ باش دېرىكتورى دې ساۋل بىلەن بىرلىشىپ فىرانسىيەنىڭ داڭلىق ماركىسى بولغان يىۋېس ساينت لاۋرېنت شېركىتىنى سېتىۋالدى. 1996-يىلى ئۇ ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەرلەر كىيىمى لايىھەلىگۈچى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر ئاياللار كىيىمى لايىھەلىگۈچى بولۇپ باھالاندى. 2004-يىلى ئۇ گۇچچى گۇرۇھىدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆزىنىڭ نامىدىكى ماركىنى ياراتتى. توم فورد گۇچچى،يىۋېس ساينت لاۋرېنت ماركىلىرىنىڭ سابىق ئىجرائىيە باش نازارەتچىسى.

.ئالىستېيېر پەتېن (ئاۋسترالىيە) ئاۋسترالىيەلىك بىر يىگىت يەرشارىدىكى %40 تىن ئارتۇق كاربون تۆت ئوكسېد قويۇپ بېرىش نورمىسىنى ياپونىيە، ئامېرىكا، ئوتتۇرا شەرق، جۇڭگو ۋە ياۋروپادىكى ئېنىرگىيە شېركەتلىرىگە سېتىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن كاربون تۆت ئوكسېدنى قويۇپ بېرىش ئىجازەتنامىسىنى ئېلىپ سېتىشقا تايىنىپ ئىگىلىك تىكلەشكە سەرپ قىلغان 250 مىڭ ياۋرۇنى 25 مىليون ياۋرۇغا كۆپەيتىپ بىرىنچى ئالتۇن ئىدىشىنى ياسىدى. ئارقىدىنلا ئۇ ياۋروپا كېڭەش پالاتاسى روبېرت خىيول، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كېن نىيۇۋكەم ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەسلىھەتچى بولدى. 2006-يىلى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھ كارخانىچىلار مۇكاپاتىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ قۇرغان M1NT پايچېك تۈزۈمىدىكى بايلار كۇلۇبى نۇرغۇن سودىگەرلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى. بۇ كۇلۇپ ھەشەمەتلىك ياسالغان ئېسىلزادىلەر كۇلۇبى بولۇپ، پايچىكلار بۇ كۇلۇبقا ئەزا بولغاندىن كېيىن يىل ئاخىرىدا سالغان مەبلىغىغا قارىتا پايدىغا ئېرىشىدۇ.
5.دېيۋىد دى روشىيولد (ئەنگىلىيە) دېيۋىد پۇل-مۇئامىلە تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق فىرانكفورت يەھۇدىيلار جەمەتىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى. ئۇ دۇنيادىكى كىيىنىشكە ئۇستا ئەرلەرنىڭ قاتارىدا ئەڭ ئالدىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەدىكى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بويتاق ئەرلەر تىزىملىكىنىڭ دائىملىق ئەزاسى. دېيۋىد ئالتە ئۆمەك قۇرۇپ پاراخوت بىلەن دېڭىز-ئوكياندىن سۇلياۋ بوتۇلكا يىغىپ، سان-فىرانسىسكودىن يولغا چىقىپ تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، سۇ ئەۋرىشكىسى يىغىپ، بىلوگىدا خاتېرە يېزىپ، شۇ يەردىكى رەسىم ۋە فىلىملەرنى تورغا يوللاپ كۆپچىلىكنىڭ دېڭىز ئوكيان بۇلغىنىشقا بولغان دىققىتىنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇ باي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. مۇھىتقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ ئىسانلارنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ يەرشارىغا بەخت يارىتىمەن، دېگەنىدى. ئۇ راستىنلا دېگىنىنى قىلدى. ئۇنى ھازىر 90دىن ئارتۇق ئاخبارات ۋاستىسى زىيارەت قىلدى. 300دىن كۆپرەك گېزىت-ژۇرنال ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى خەۋەر قىلدى. ئۇنىڭ گوگولدىكى رەسىملىرى 52مىڭ 200 پارچىدىن ئارتۇق.
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا world تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-5-8 04:19
|