ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تاغدىن-باغدىن كۆيۈپ قالدىم بىرسىگە (ئەقىدە)
كۆرۈش: 3493|ئىنكاس: 112
go

كۆيۈپ قالدىم بىرسىگە (ئەقىدە)  

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 23:35 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش

كۆيۈپ قالدىم بىرسىگە(ئەقىدە)


باغ سالدىم ،ئانار سالدىم،

كۆرۈپ قويسىلا يايرىم.

مەن ساڭا كۆيۈپ قالدىم،

قاراپ قويسلا يايرىم.



بېغىڭدىكى ياڭاققا،

نەشپۈتنى ئۇلاي يايرىم.

قوشاق قېتىپ مەن سېنى ،

قوشۇقۇمغا قاتاي يايرىم.





ياڭاق بەرگەن كىشىنى ،

نەشپۈت بەرگەن دەرمەنمۇ ؟

كۆڭۈل بەرمىگەن يارنىڭ ،

ئوتىدا كۆيەرمەنمۇ ؟




ئالما ئىزدەپ يۈرگۈچە ،

نەشپۈتۈمنى يېسەڭچۇ.

بىر كىم ساڭا گەپ قىلسا،

سۆيگىنىم بار دېسەڭچۇ.




غېرىپسىنىپ ئولتۇردۇم،

يول بويىدا تاشتا مەن.

نىمىدەپ كۆڭۈل بەردىم،

سەن يىگىتكە باشتا مەن.



بۇلبۇلۇڭ بولاي دەيمەن،

شاخىڭغا قوناي دەيمەن.

باشقا يايرىڭ بولمىسا،

مەن يايرىڭ بولاي دەيمەن.




قارىسام كۆزۈم يەتمەس،

قىچقارسام ئۈنۈم يەتمەس.

ئۈمۈدنى ئۈزۈۋەتمەڭ،

خىيالىم سىزدىن كەتمەس...





ئۆيىڭىز يىراق يايرىم،

ئاتقا مىنگۈدەك بولدۇم.

ئوتىڭىز يامان يايرىم،

كۆيۈپ ئۆلگۈدەك بولدۇم.





يايرىم بەرگەن دۇتتارنىڭ ،

دەستىسىدە ئۇلاق يوق.

سىز تۇرسىڭىز ۋەدىڭىزدە،

بىز دېگەندە چاتاق يوق.




قوشاق يازدىم نىمە ئۈچۈن،

جاۋاپ بېرىڭ بىز ئۈچۈن.

راست ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇڭ،

دەرتتە قالدىم سىز ئۈچۈن...



مەنبە :خاتىرەمدىن ساقلىۋالغانلىرىم...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-6-16 14:39

توردا
138سائەت 
نادىر تېما
دوست
13 
يازما
955 
تېما
12 

ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 11:55 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ياخشى يېزىلىپتۇ بۇ شئېىر ،رەھمەت !!!

توردا
298سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
798 
تېما
49 

ئۈلگىلىك ئەزا ئاكتىپ ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:08 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاللا-ئاللا،
قولۇڭغا دەرتكەلمىسۇن............
ياخشى شېئېركەن ....

توردا
515سائەت 
نادىر تېما
دوست
69 
يازما
2502 
تېما
328 

ئاكتىپ ئەزا تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:21 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ۋاھ....شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن...قېنى ئوغۇللار سالام خەتنى مۇنداق يازىدۇ جۇماقىز بالىدەكمۇ بولالمىغان

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئاق ئالمىنى قىزارتقان،
كۈننىڭ نۇرى ئەمەسمۇ
چىرايىمنى سارغاتقان
يارنىڭ ئوتى ئەمەسمۇ

سۇيگۇ ۋاپا ئويگە
ئەدەپ بىلەن كىرمىدىڭ
كۈتۇشلەرگە خوش ئەمدى
سەن دۇنيادا بىرمىدىڭ.

توردا
124سائەت 
نادىر تېما
دوست
34 
يازما
582 
تېما
57 

ئۈلگىلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
nazuk214 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-11 23:35
مەن بىرسىگە كۆيۈپ قاپتىمەن (ئەقىدە)

بولسا يەنە يوللاپ تۇرۇڭ ئۇماق

باھا سۆز

nazuk214 رەخمەت....... يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:45

توردا
1093سائەت 
نادىر تېما
دوست
154 
يازما
1899 
تېما
416 

تىرىشچان ئەزا ئاكتىپ ئەزا شەرەپلىك ئەزا ئىجادكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:11 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
0998cn يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 12:21
ۋاھ....شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن...قېنى ئوغۇللار سالام خ ...

ھا ھا ھا مۇشۇ زاماندىمۇ ئەمدى كۆڭلىنى سالام خەتلەر بىلەن ئېپادىلەمدۇم ئەمدى....

باھا سۆز

nazuk214 بۇ دېگەن بىر قوشاق خالاس ،قانداقتۇر كۆڭۈل ئىپادىلەش ئەمەس... يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:46

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:38 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش BARNA1 نىڭ يازمىسى

شۇنداق يارنىڭ ئوتىدا،
كۆيسە مەيلى كۆيگۈلۈك.
ئۆلۈپ كەتسەم مەيلى ھەم،
ھامان بىر كۈن ئۆلگۈللۈك.........






سامان قالاپ كۈل چۈشتى،
چوغ قالارمۇ بىلمەيمەن.
مەن كۆيگەن شۇ بالا،
جور بولامدۇ بىلمەيمەن....

سىلەرمۇ جور بولۇپ بېرىڭلار ، بۇ دېگەن بىر ئويۇن......

باھا سۆز

usman ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز . مۇشۇنداق ئۇيۇن ئويناشنى ئۈگنسەك بۇلىدىكەن سىزدىن يوللانغان ۋاقتى 2011-6-16 00:51

توردا
584سائەت 
نادىر تېما
دوست
42 
يازما
1579 
تېما
39 

تىرىشچان ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:44 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئىنكاس قايتۇرۇش hunter01 نىڭ يازمىسى

ئاللا،ئاللا،ۋاي ئاللا،
ئىچىمگە ئوتنى سالدىلا.
دەرتە خويمۇ كۆيدۈرۈپ،
ئوتنى قانداق ئالىلا؟

مەنمۇ يېزىپ قويدۇم، ياخشى يىزىپسىز ،رەخمەت......

توردا
177سائەت 
نادىر تېما
دوست
54 
يازما
858 
تېما
113 
يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:52 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
dartman119 يوللانغان ۋاقتى 2011-6-12 13:11
ھا ھا ھا مۇشۇ زاماندىمۇ ئەمدى كۆڭلىنى سالام خەتلەر ب ...

كۆڭۈلنى ئىپادىلەشنىڭ تېخى قىلىپ يوققۇ . ئىشقىلىپ چاقچاقمۇ بىر خىلى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-8-23 01:18

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.