ئىز تورى

 

 

ئىزدەش
ئىز تورى مۇنبەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى قەۋزىيەت بولغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
كۆرۈش: 302|ئىنكاس: 4
go

قەۋزىيەت بولغانلار دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
252 
تېما
100 
يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
قەۋزىيەت - چوڭ تەرەتنىڭ قاتتقىلىشىپ ئۈچەيدە راۋان ماڭمىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ.ۋاقىت ئۇزارغانسىرى بىر خىل ئادەتكە ئايىلىنىپ قالىدۇ.بۇ بىر خىل كىسەللىك ئالامىتى.ئادەتتە تاماق يەپ 48 سائەت ئىچىدە چوڭ تەرەت كەلمىسە ،قەۋزىيەتنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ.ئەمما،ھەربىر ئادەمنىڭ چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتى ئوخشىمىغانلىقتىن ،كېسەللىك ئىپادىلىرىگە ئاساسلىنىپ قەۋزىيەتكە دىئاگنوز قۇيۇشقا بولىدۇ.
قەۋزىيەتنى داۋالاش ئۇسۇللىرى؛
1. ئالدى بىلەن نورمال چوڭ تەرەت قىلىش ئادىتىنى يىتىلدۇرۇش ،مەيلى چوڭ تەرەت بولسۇن ياكى بولمىسۇن كۈندە بىر قىتىم ھاجەتكە ئولتۇرۇش ھەم چوڭ تەرەت قىلىش رىفېلىكىسىنى يىتىلدۇرۇش .
2. تامىقى بەك ئاز كىشىلەر تاماق مىقدارنى ئاشۇرۇش كىرەك.كۆكتاتلارنى كۆپرەك يىيىش،سىرىق پۇرچاق ،خۇڭشۇ قاتارلىق چوڭ تەرەت ھەيدىگۇچى يېمەكلىكلەرنى يەپ بىرىش كىرەك .ئاچچىق غىدىقلىغۇچى يىمەكلىكلەرنى ئاز يىيىش كىرەك .
3. ئاساسلىق يىمەكلىككە تالالىق يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك قۇشۇپ يىيىش كىرەك .مەسلەن، چىلان،پەمىدۇر،ئۈزۈم، ئۈرۈك ،ئالما،نەشپۈت،بانان،چىڭسەي قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بىرىش كىرەك .
4. قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ بىرىش كىرەك .چۇنكى ، چوڭ تەرەتنىڭ قىتىم سانى ۋە قاتتىقلىقى سۇ ئىستىمال قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك . ئەگەر ئۈچەي يولىدا يېتەرلىك مىقداردا سۇ بولسا،چوڭ تەرەت ئاسان كىلىدۇ.
5. تۇرمۇشتا رېتىملىق بولۇش ،رۇھىي جىددىيلىكتىن ساقلىنىش كىرەك .
6. بەدىنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ قورساق مۇسكۇل قىسقىراش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن ،كۆپرەك ھەركەت قىلىشقا ئادەتلىنىش كىرەك.
7. بەزىلەر تۇرمۇشتا كالاسۈتى، سۈت بىلەن ئىشلەنگەن قۇشۇمچە يىمەكلىكلەرگە ۋە تۇخۇمغا ئامراق كىلىدۇ. مانا بۇلارمۇ قەۋزىيەتنى ئىغىرلاشتۇرۋىتىدۇ. شۇڭا،بۇلارنى ئاز يىيىش كىرەك.
8. بەك ياشىنىپ قالغان ئاجىز كىشىلەرگە سۈرگۈ دۇرلىرىنى بەرمەسلىك كىرەك.

Rank: 8Rank: 8

توردا
241سائەت 
نادىر تېما
دوست
19 
يازما
455 
تېما
205 

ئاكتىپ ئەزا ئىجادكار ئەزا تۆھپىكار ئەزا تەكلىپلىك ئەزا ئالاھىدە قوللىغۇچىمىز

يوللانغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋالىدىغان ساۋاتلاركەن رەخمەت

توردا
57سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
471 
تېما
90 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ئىكەن. رەھمەت سىزگە.

توردا
33سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
252 
تېما
100 
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
دېگنىڭىز توغرا ، ئۆچكىنىڭ گۆشى ئادەمنىڭ ئىچىنى سۈرۋىتىدۇ. بۇنىڭدىن كىيىن ئازراق يەڭ جۇمۇ!

توردا
8سائەت 
نادىر تېما
دوست
يازما
33 
تېما
يوللانغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
(ئورۇق كالىنىڭ پوقى يوغان )دىگەن شۇ .چااقچاق جۇمۇ،،،دوس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

رەسىمسىز ھالەت|يانفۇندا زىيارەت قىلىش| ئىز مۇنبىرى ( 新ICP备10001020号 نازارەت ۋە پاش قىلىش -- ئەرىز -شىكايەت تېلىفۇنى: 2924444-0998 )

GMT+8, 2011-4-10 07:56

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.