- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-4-4
- تىزىملاش
- 2010-10-16
- ھوقۇق
- 1
- توردا
- 190سائەت
- جۇغلانما
- 3428
- نادىر تېما
- 0
- يازما
- 873
- تېما
- 112
- توردا
- 190سائەت
- نادىر تېما
- 0
- دوست
- 42
- يازما
- 873
- تېما
- 112
|
ئازابتىن ئۆرتەنگەن ئاتەش قەلبىمىگە كۆز نۇرلىرىنى شىپالىق يامغۇر قىلىپ ياغدۇرغان سەرۋى قامەت!سېنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىڭ قايسى بوستانلىقىلارنى يۇتۋاتىدۇ. قۇياش چىھىرىڭ قايسى قاراڭغۇلۇقلارنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۋاتىدۇ.قايسى باغ قايسى دالىلاردا بىخارامان كىزىپ يۈيسەن؟
كۆڭۈل باغچامدا چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ ئۈن-تىنىسىز غايىپ بولغان مىھىرىبانىم قايدىسەن؟
يۈركۈمنى پەم بىلەن ئوۋلاپ،ئۇيقۇ لەشكەرلىرىمىنى ئۆز تەسلىمىگە ئېلىپ ،چۈشلىرىمىدە مالىمان پەيدا قىلىغان شەمشاد قامىتىم سەن زادى نەدە؟
بارلىق مەخلۇقلار ئىچىدە ئىنىسان ھەممىدىن ئۇلۇغ بۇلىدۇ،ئەمما ئۆرە ماڭالايدىغانلار ئىككى پۇتلۇقلارنىڭ بارچىسى بۇ نامغا مۇناسىپ كېلەلمەيدۇ؟گۆھەرگە ئوخشاش كۆزنى چاقنىتىدىغان گۈزەللىك پاكىز قەلىبىتىن، شىجائەتلىك يۈرەكتىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ.
سېنىڭ جىسىمىڭ بىر تىلىسىمىلىق دۇنيا. سەن ئاشۇ دۇنيانى تىلىسىمىلىق تۈسكە كىرگۈزگەن گۆھەرلەرنى ئانچە چىڭ يۇشۇرالمىساڭمۇ،جۈپ كۆزۈكىنىڭ ھەر بېقىشىدىن ئاشكارلىنىپ قالىدىغانلىقىڭىنى سەزمىدىڭمۇ؟ گۆھەرنى ھەر قانچە چىڭ يۇشۇرسىمۇ، بەرىبىر شولىسى بىلىنىپ قالىدۇ ئەمەسىمۇ؟
سېنىڭ خۇلقىڭىدىكى پاكىزلىق مېنىڭ قەلىب ئاسمىنىمىدا چاقماق چېقىپ، ساڭا بولغان ھۆرمەت ۋە قايىللىق يۇلتۇزلىرىنى چاقنىتاتتى.
سېنى قاي چاغلاردا ئۇچراتتىم،قاچان كۆز ئوقۇڭ بىلەن قەلىب تېرە-پىرەن قىلىدىڭ،شۇنىڭىدىن بۇيان سەن مېنىڭ ئىتىقادىم بۇلۇپ قالدىڭ.شۇڭا، ئالەمنى نۇرلانغۇچى چىھىرىڭىدىن زوق ئالدىغان پاكىز كۆزلىرىم. سېنىڭ تىلىسىماتىڭىدىنىمۇ تېشىپ ئۆتەلگىدەك قۇردىرەتكە ئىگە سىھىرلىك كۆزلىرىڭىىنڭ خەنجەر كەبى نۇرلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەسلىكىدىن ئەيمىنىپ،ساڭا تىك باقالماي يەر تېگىدىن پىنھان مارايدىغان بولدى.
بۇلاقىنىڭ كۆزىنى ئىتىپ قويغانلىق سۈينى توختاتقىلى بولمايدۇ.سەن ھەر ئامىللار بىلەن توسۇپ تۇرساڭمۇ،مىنىڭ سۈزۈك مىھىرىم كۆز ئېچىپ يەنىلا ساڭا ئېقىپ تۇرىدۇ. سەن مېنىڭ داغماللانغان يۈركىمىگە داغ ياقساڭ،ۋايىغا يەتكەن يىگىتىلىك خۇلق-تەبىئىتىگە مۇناسىپ كېلەرمۇ؟ بۇنداق ئېغىرچلىقىنى بىر ئاجىزەگە راۋا كۆرسەڭ،ئاھلىرىم سېنى يالماپ يۈتماسمۇ؟
بىر كۈنلەر كېلىپ تەقدىر مىىنڭ كۆڭۈل ئويۇمنى ئىسلىغان تۇترۇقنى سېنىڭ كۆڭۈل كەئىبەڭگە تاشلاپ قالسا،خانە-مانەڭنى ۋەيران قىلماسمۇ؟
دىلىمىنى ئۆرتەپ،جېنىمىنى كۈل قىلىغان بىر جۈپ قىلىچ كۆزۈڭنى ئەينىكىمىگە چۈشۈرمەسلىككە شۇنچە تىرشىساممۇ،مەندە ئىمىكان بولمىدى.شۇڭىمىكىن قات-قات ئېچىلىغان گۈل بەرگىدەك يۈركۈم سېنىڭ كىبىر قامچاڭدا تىتىمىلىنىپ،ماڭا كۆپ ئۇيات بولدى.ئەمما،مەن ئىختىيار تىزگىننى ئۆز قۇلۇمدا تۇتۇپ تۇرالماي ئەقىل ئېتىدىن مۇللاق ئېتىپ چۈشىۋالسام ،ئۇيلىنىشىنى بىلەلىگەنىدەك ئىداراك نەدە تۇرۇپتۇ؟
ئەي مەردىلەرنىڭ مەرتى! سەن بارچە زىممىنى ئەجرىڭ بىلەن ئاۋات قىلىپ باھادىر ئاتالساڭمۇ،مېنىڭ تىلىم بولغان جىسمىم سەن بەرگەن ۋەيرانە كەپىدە يۇلۇڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ كەلكۈنگە يەم بۇلۇپ ئېقىپ كەتسە،كىشىلەر بۇنىڭىدىن خەۋەر تېپىپ،ئەيپ مۆلدۈرلىرى ياغدۇرسا،مەردىلىك نامىڭىغا داغ تەگمەسمۇ؟باھادىرلىق تەختىدە ئولتۇرغان بەرنا يىگىت پەزىلەت لىباسىنىڭ ئۈستىگە نوقسان كەمىرىنى باغلىسا يارشامدۇ؟پاراسەت تاجىغا مەزلۇمىنىڭ كۆز يېشىدىن مەرۋايىت قۇيدۇرۇلسا جۇلا چاچامدۇ؟
خەۋىرىڭىنى كۈتۈپ دىلىم قانچىلىك لەختە بولسىمۇ،ئارسىلاندەك ھەيۋىتىڭىدىن ھېيىقىپ سۆز تاشلاشقان پېتىنالمايمەن. مېنىڭ بۇ ئامانەت بېشىم كۆمۈش تېنىمىدىن ئاجراپ تۇپراقنى ماكان تۇتۇشتىن ئىلىگىرى،رەخمەت ئامىتىڭ قەلب چىمەندىكى ياشنىغان گۈلزارلىققا بىر قەدەم باسقان قەدەم بولسا،ئۆمۈر بېغىمىنىڭ تۇلۇپ پىشىقان مىۋىلىرى ئالدىڭىدا ھۆسىن ئاچقان بۇلار ئىدى.
ناۋادا سەن ياد ئەتمىكىنى گۇناھ دەپ بىلىدىغان بولساڭ، ئازغۇن بېشىمىنى قەھر قىلىچىڭىدا كەس!
ئوتتەك مىھىرىمىنى غەزەپ سۈيۈڭدە ئۆچۈر! ئەگەر سەن مەرد بولساڭ،دەردىلىك دىلىمىغا شادىلىق ئىھىسان قىل.
مەن سېنىڭ ئۈمۈد تارىڭىنى بوينۇمغا زەنجىر قىلىپ،ئىلىتىپات جامىڭىدىن بىر قەدەھ مەي تۇتۇپ بىئارام بولغان جېنىمىغا ئاراملىق بەخىش ئىتەرمىكىن دەپ كۈتۈپ تۇرۇپتىمەن،ھاجەتمەننى قۇرۇق قول قايتۇرۇش مەردلىك ئەمەسقۇ؟
سەن پەزىلەت مەملىكىتىنىڭ سۇلتانىسەن؛
يىگىتىلىك بوستانىدا يەككە-يىگانىسەن؛
ئەقىل-پاراسەت گۈلشەندە ۋايىغا يەتكەن خۇشپۇراق گۈلسەن!
مەنبە:يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلىدىن ئېلىنىغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 0998cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-4-1 16:55
|
|